UyghurWiki
UyghurWikiخىلمۇ-خىل يۇلتۇزلارئاق قۇ يۇلتۇز تۈركۈمى

ئاق قۇ يۇلتۇز تۈركۈمى

خىلمۇ خىل يۇلتۇزلار كېچە ئاسمىنىنى توغرىسىغا كېسىپ ئۆتكەن سامانيولىدا پەرۋاز قىلىپ ئۇچۇۋاتقان ئاق قۇغا ئوخشىشىپ كېتىدىغان بىر يۇلتۇز تۈركۈمىنى كۆرگىلى بولىدۇ، ئۇ ئاق قۇ يۇلتۇز تۈركۈمى دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇ سامانيولىنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى بۈركۈت يۇلتۇز تۈركۈمى، لىرا يۇلتۇز تۈركۈمى بىلەن بىرلىكتە داڭقان پۇتىدەك تۇرىدىغان، ياز پەسلىنىڭ كېچىلىك ئاسمىنىدا كۆزنى ئىنتايىن قاماشتۇرىدىغان يۇلتۇز تۈركۈمىدىن بىرى. بۇ ئۈچ يۇلتۇز تۈركۈمىدىكى ئۈچ ئاساسىي يۇلتۇز (α يۇلتۇزى) دىن ھاسىل بولغان چوڭ ئۈچبۇلۇڭ بولسا مەشھۇر «ياز پەسىللىك چوڭ ئۈچبۇلۇڭ» دۇر. ئاق قۇ يۇلتۇز تۈركۈمى گەرچە كۈمۈشتەك سامانيولىنىڭ ئىچىدە يوشۇرۇنۇپ تۇرسىمۇ، لېكىن، بۇ يۇلتۇز تۈركۈمىدە يورۇق يۇلتۇزلار نىسبەتەن كۆپ بولغاچقا، كىشىلەر ئۇنى يەنىلا ئاسان تاپالايدۇ. ئەگەر ئاق قۇ يۇلتۇز تۈركۈمىدىكى يورۇقراق بىرنەچچە يۇلتۇزنى تۇتاشتۇرساق، بىر چوڭ كرېست بەلگىسى ھاسىل بولىدۇ، ئۇ باش يازدا جەنۇب ئاسمىنىدا كۆرۈنىدىغان جەنۇبىي كرېست يۇلتۇز تۈركۈمى بىلەن ئۆزئارا يىراقتىن قارىشىپ تۇرىدۇ، شۇڭا، كىشىلەر ئۇنى «شىمالىي كرېست» دەپ ئاتايدۇ. قەدىمكى يۇنان ئاسترونوملىرى شىمالىي كرېست ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى بارلىق يۇلتۇزلارنى قانات قېقىپ ئۇچۇپ كېتىۋاتقان ئاق قۇغا ئوخشىتىپ تەسەۋۋۇر قىلغان. بۇ ئاق قۇنىڭ قۇيرۇق قىسمىدا1 - دەرىجىلىك يورۇق كۆرۈنىدىغان بىر يۇلتۇز − دېنېب (ئاق قۇ α) بار. دېنېب (ئاق قۇ α) نىڭ شەرقىي قىسمىدىن يىراق بولمىغان جايدا يەنە بىر ناھايىتى داڭلىق يۇلتۇز بار بولۇپ، ئاق قۇ يۇلتۇز تۈركۈمىنىڭ61 - يۇلتۇزى دەپ ئاتىلىدۇ، يەر شارىدىن تەخمىنەن11 يورۇقلۇق يىلى يىراقلىقتا تۇرىدۇ. ئۇ قۇياشنى ھېسابقا ئالمىغاندا، يەر شارىغا ئەڭ يېقىن بولغان13 - ئورۇندىكى تۇرغۇن يۇلتۇزدۇر، كۆرۈش قۇۋۋىتى ياخشى كىشىلەر ھاۋا ئوچۇق كېچە ئاسمىنىدىن ئۇنى كۆرەلەيدۇ. قەدىمكى يۇنان ئەپسانىلىرىدە، ئاق قۇ يۇلتۇز تۈركۈمى ئاسمان ئىلاھى زېئۇسنىڭ نامايەندىسى دېيىلىدۇ. رىۋايەتلەردە ئېيتىلىشىچە، زېئۇس سپارتانىڭ چىرايلىق خانىشى لىداغا ئاشىق بولۇپ قالىدىكەن، بىراق ئۇ ھەسەتخورلۇقى كۈچلۈك ھېرانىڭ بۇنى بىلىپ قېلىشىدىن قورقۇپ، ھەمىشە بىر ئاق قۇغا ئۆزگىرىپ بېرىپ لىدا بىلەن مەخپىي ئۇچرىشىدىكەن، يەنە ئۇلارنىڭ ئىككى ئوغۇل بالىسىمۇ بولىدىكەن (جەۋزا يۇلتۇز تۈركۈمى). كېيىن زېئۇس بۇ ئاق قۇنىڭ ئوبرازىنى ئەرشىئەلادا قالدۇرۇپ، ئاق قۇ يۇلتۇز تۈركۈمىنى ھاسىل قىلىدىكەن. ئاق قۇ يۇلتۇز تۈركۈمىنىڭ چىقىش - پېتىش ھالىتىنى كۆرۈش ئىنتايىن قىزىقارلىق بولىدۇ. ئاق قۇ شەرقىي شىمالدىن كۆتۈرۈلگەن چاغدا قەددى - قامىتىنى يانتۇ قىلىپ، يۇقىرىغا ئۆرلەۋاتقان ئاق قۇغا ئوخشايدۇ. ئۇ ئۆرلەپ زېنىتقا يەتكەندە بېشى جەنۇبقا بۇرۇلۇپ غەربكە ئېغىشىدۇ. ئۇ غەربىي شىمال يۆنىلىشىدە سۈرۈلگەندە بېشى تۆۋەنگە، قۇيرۇقى يۇقىرىغا قارايدۇ، ئەڭ ئاخىردا غەربىي شىمالدىكى ئۇپۇق سىزىقىغا كەلگەندە ئاستا - ئاستا پېتىپ غايىب بولىدۇ. ئەلۋەتتە، بارلىق تۇرغۇن يۇلتۇزلارغا ئوخشاش، ئاق قۇ يۇلتۇز تۈركۈمىنىڭمۇ ھەرقايسى پەسىللەردىكى چىقىش ۋاقتىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ. مەسىلەن، ئەتىياز پەسلىدە ئاق قۇ يۇلتۇزى يېرىم كېچىدە كۆتۈرۈلىدۇ؛ باش كۈزدە چۈشتىن كېيىن كۆتۈرۈلۈپ، گۇگۇم ۋاقتىدىن كېيىن كۆككە ئېگىز كۆتۈرۈلۈپ بولىدۇ.
← بارلىق تېمىلار خىلمۇ-خىل يۇلتۇزلار
ئاق قۇ يۇلتۇز تۈركۈمى | UyghurWiki | UyghurWiki