UyghurWiki
UyghurWikiخىلمۇ-خىل يۇلتۇزلارسېفېي يۇلتۇز تۈركۈمى

سېفېي يۇلتۇز تۈركۈمى

خىلمۇ خىل يۇلتۇزلار كۈز پەسلىدە W شەكىللىك كاسسىئوپىيە يۇلتۇز تۈركۈمىدىن سامانيولىنىڭ غەربىگە قاراپ نەزەر سالساق، سامانيولىنىڭ شىمالىي تەرىپىدە يېرىمى سامانيولىغا بېسىپ كىرگەن «سوزۇقراق بەش تەرەپلىك» نى ئۇچرىتىمىز، مانا بۇ سېفېي يۇلتۇز تۈركۈمىنى تۈزگۈچى ئاساسلىق يۇلتۇزلارنىڭ شەكىل ھالىتىدۇر. سېفېي يۇلتۇز تۈركۈمىنىڭ يەنە بىر قىسمى شىمالىي ئاسمان قۇتۇپىدا كۆرۈنىدۇ، ئۇ شىمالىي قۇتۇپ يۇلتۇزىنى يېرىم ئوراپ تۇرغان ھالەتتە تۇرىدۇ. شىمالىي قۇتۇپ يۇلتۇزىنىڭ ئۆزى تۇرغان يۇلتۇز تۈركۈمى (كىچىك ئېيىق يۇلتۇز تۈركۈمى) نى ھېسابقا ئالمىغاندا، سېفېي يۇلتۇز تۈركۈمى شىمالىي قۇتۇپ يۇلتۇزىغا ئەڭ يېقىن يۇلتۇز تۈركۈمى سانىلىدۇ. سېفېي يۇلتۇز تۈركۈمىدە بىر دانە ناھايىتى مەشھۇر ھېسابلىنىدىغان ئۆزگىرىشچان يۇلتۇز بار بولۇپ، كىشىلەر ئۇنى «سېفېيدا بىر» دەپ ئاتايدۇ. ئۇ37 .5 كۈننى دەۋر قىلغان ھالدا تارىيىپ ۋە كېڭىيىپ تۇرىدۇ، يورۇقلۇقىمۇ شۇنىڭغا ئەگىشىپ ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ، شۇڭا، ئۇ يورۇقلۇق دەرىجىسى كۈچلۈك تىپىك بىر «پۇلساتسىيىلىك ئۆزگىرىشچان يۇلتۇز» ھېسابلىنىدۇ. بۇنىڭغا ئوخشاش ئۆزگىرىشچان يۇلتۇزدىن ھازىرغىچە تەخمىنەن600 دىن كۆپرەكى بايقالدى، ئۇلار ئومۇملاشتۇرۇلۇپ «سېفېيدا» دەپ ئاتىلىدۇ. «سېفېيدا بىر» سېفېي يۇلتۇز تۈركۈمىدىكى4 - يۇلتۇز بولۇپ، سېفېينىڭ بۇرنىنىڭ ئۇچىغا جايلاشقان. ئۇ ئەڭ يورۇق بولغاندا ئاق رەڭدە، ئەڭ خىرە بولغاندا سېرىق رەڭدە كۆرۈنىدۇ. «سېفېيدا بىر» نىڭ دىئامېتىرى قۇياش دىئامېتىرىنىڭ30 ھەسسىسىگە تەڭ كېلىدۇ، لېكىن زىچلىقى قۇياش زىچلىقىنىڭ10000 /6 ئۈلۈشىگە توغرا كېلىدۇ. ھەر قېتىملىق تارىيىش ۋە كېڭىيىش جەريانىدا دىئامېتىرىنىڭ پەرقى5 مىليون كىلومېتىر بولىدۇ. قەدىمكى يۇنان ئەپسانىلىرىدە سېفېي يۇلتۇز تۈركۈمى ئېفىئوپىيە پادىشاھى كېپوسنىڭ نامايەندىسى قىلىپ تەسۋىرلىنىدۇ. ئۇ ئالتە «خان جەمەتى يۇلتۇز تۈركۈمى» نىڭ بىرى بولۇپ، ئۇنى يىل بويى كۆرگىلى بولىدۇ، بولۇپمۇ كۈز پەسلىدە كۆزنى بەكرەك قاماشتۇرىدۇ.
← بارلىق تېمىلار خىلمۇ-خىل يۇلتۇزلار