ئورىئون تۇمانلىقى
خىلمۇ خىل يۇلتۇزلار
ئورىئون يۇلتۇز تۈركۈمىگە نەزەر سالسىڭىز، «ئورىئون» نىڭ «شەمشەر» ىدە خىرە كۆرۈنىدىغان يۇلتۇز داغلىرىنىڭ بارلىقىنى بايقايسىز، مانا بۇ ئورىئون تۇمانلىقىدۇر. ئۇ گازلار بىلەن قاپلانغان تۇمانلىق بولۇپ، دىئامېتىرى تەخمىنەن25 يورۇقلۇق يىلىغا تەڭ. تۇمانلىقنىڭ مەركىزىي رايونىدا، پەيدا بولغىنىغا ئاران نەچچە يۈز مىڭ يىل بولغان تۆت دانە يېڭى تۇرغۇن يۇلتۇز بار، ئۇلار تىزىلىپ تەرەپلىرى تەڭ بولمىغان تۆت تەرەپلىكنى ھاسىل قىلغان. ئاشۇ يورۇق تۆت يۇلتۇز مۇشۇ گۈزەل تۇمانلىقنى يورۇتۇپ تۇرىدۇ.
ئورىئون تۇمانلىقى ناھايىتى چوڭ تۇتۇق تۇمانلىقنىڭ بىر قىسمى بولۇپ، بۇ جايدا يېڭى يۇلتۇزلار ئۈزلۈكسىز پەيدا بولۇپ تۇرىدۇ، نۇرغۇن تۇرغۇن يۇلتۇزلارنىڭ پەيدا بولغىنىغا ئانچە ئۇزۇن بولمىغان، ئۇنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى تۆت چولپان يۇلتۇز دەل ئۆزى يېتىلدۈرۈپ چىققان يۇلتۇزلاردۇر.
ئورىئون تۇمانلىقىنىڭ ئارقا قىسمىدىكى تۇتۇق تۇمانلىق ئىچىدە ئىككى ئاجايىپ سىرلىق ئاسمان جىسىمى بار بولۇپ، بىرى LK، يەنە بىرى NB دەپ ئاتىلىدۇ. ئالدىنقىسى شىددەت بىلەن قورۇلۇۋاتقان ئاسمان جىسىمى بولۇپ، ئاددىي كۆز بىلەن كۆزەتكەندە قاپقاراڭغۇ بىر كاللەك بولۇپ كۆرۈنىدۇ، ئەمما ناھايىتى كۈچلۈك ئىنفرا قىزىل نۇرىنى چاچرىتىپ تۇرىدۇ، بۇ بىر تۇرغۇن يۇلتۇزنىڭ تۆرەلمىسىدۇر. كېيىنكىسى بولسا ئەمدىلا بىر دەستە نۇر چېچىشقا باشلىغان «قۇياش» تۇر. ئورىئون يۇلتۇز تۈركۈمىدىن ئىبارەت بۇ گۈزەل تۇمانلىق تۇرغۇن يۇلتۇزلارنىڭ پەيدا بولۇش سىرىنى يېشىشىمىز ئۈچۈن قىممەتلىك كۆزىتىش ماتېرىيالى ھازىرلاپ بەردى.