تەڭداشسىز قەھرىمان
خىلمۇ خىل يۇلتۇزلار
گېركۇلېس يۇلتۇز تۈركۈمى يازنىڭ كېچە ئاسمىنىدا كۆرۈنىدىغان ناھايىتى چوڭ يۇلتۇز تۈركۈمىدۇر. ئۇ شىمالدا ئەجدىھا يۇلتۇز تۈركۈمى، جەنۇبتا يىلانچى يۇلتۇز تۈركۈمى، شەرقتە لىرا يۇلتۇز تۈركۈمى، غەربتە شىمالىي تاج يۇلتۇز تۈركۈمى ھەم پادىچى يۇلتۇز تۈركۈمى بىلەن قوشنا. گېركۇلېس يۇلتۇز تۈركۈمىدە2 - دەرىجىلىكتىن ئاشىدىغان يورۇق يۇلتۇزدىن بىرىمۇ يوق، ئەمما ئۇنىڭدىكى مۇتلەق كۆپچىلىك يۇلتۇزلار3 - ۋە4 - دەرىجىلىك يۇلتۇزلار بولغاچقا، قارىماققا بەكمۇ خىرە كۆرۈنمەيدۇ. گېركۇلېس يۇلتۇز تۈركۈمىنى تېپىش ئۈچۈن يەتتە قاراقچى يۇلتۇزنىڭ چۆمۈچ ساپىقىنىڭ ئەگرى سىزىق يۆنىلىشىنى غەربىي جەنۇبقا قاراپ ئۇزاتقاندا، بىر دانە قىزغۇچ سېرىق رەڭدىكى يورۇق يۇلتۇزنى، يەنى پادىچى يۇلتۇز تۈركۈمىدىكى ئاركتۇر (پادىچى α) نى ئۇچراتقىلى بولىدۇ. ئاركتۇر (پادىچى α) دىن توقۇمىچى قىز يۇلتۇزىغا قاراپ نەزەرىمىزنى تۈز سىزىق بويىچە ئۇزارتساق، ئىككى يۇلتۇز تۈركۈمى ئۇچرايدۇ. بۇنىڭ بىرىنچىسى يەتتە دانە يۇلتۇزدىن تەركىب تاپقان يېرىم ھالقىسىمان كىچىك يۇلتۇز تۈركۈمى − شىمالىي تاج يۇلتۇز تۈركۈمىدۇر، ئىككىنچىسى، توقۇمىچى قىز يۇلتۇزىغا يېقىنراق جايلاشقان گېركۇلېس يۇلتۇز تۈركۈمىدۇر.
گېركۇلېس يۇلتۇز تۈركۈمىنىڭ نامى قەدىمكى يۇنان ئەپسانىلىرىدىكى تەڭداشسىز قەھرىمان ھايگىلىسنى خاتىرىلەش ئۈچۈن شۇنداق قويۇلغان. رىۋايەت قىلىنىشىچە، ئاسمان ئىلاھى زېئۇس بىلەن مىكېنا پادىشاھلىقىنىڭ توقال خانىشى ئاركمۇندىن بولغان ئوغلى ھايگىلىس جاھاندا تەڭدىشى يوق بىر قەھرىمان ئىكەن. ئۇ پۈتۈن ئۆمرىدە ئاجايىپ ئىشلارنى قىلىپ، ئۇلۇغ تۆھپىلەرنى ياراتقانىكەن. كىشىلەر ئۇنىڭ شىر (ئەسەد يۇلتۇز تۈركۈمى) ۋە سۇ يىلىنى (يىلان يۇلتۇز تۈركۈمى) نى يوقاتقانلىقىدەك12 تۈرلۈك تۆھپىسىنى ئالاھىدە تەرىپلىشىدىكەن. ھايگىلىس ئۆلگەندىن كېيىن تەڭرى ئۇنى ئىلاھلىق دەرىجىسىگە كۆتۈرۈپ، ئەرشىئەلاغا ئېلىپ چىقىپ گېركۇلېس يۇلتۇز تۈركۈمى ھاسىل قىلغانىكەن.
شىمالىي يېرىم شاردا تۇرغان كۆزەتكۈچى ئەگەر جەنۇبقا قاراپ تۇرسا ھايگىلىسنىڭ بېشىنىڭ تۆۋەنگە، پۇتىنىڭ ئاسمانغا قارىغان ھالىتىنى كۆرەلەيدۇ. ھايگىلىسنىڭ بېشىدىكى3 - دەرىجىلىك بىر يورۇق يۇلتۇز − ھۆكۈمران يۇلتۇزدۇر، بۇ يۇلتۇزنىڭ ئۈستۈنكى قىسمىدا ھايگىلىسنىڭ تۆت دانە3 - دەرىجىلىك يۇلتۇزى بىلەن ئىككى دانە4 - دەرىجىلىك يۇلتۇزىدىن تۈزۈلگەن «H» ھەرپى شەكىللىك ئاساسىي گەۋدىسى كۆرۈنىدۇ، يەنىمۇ يۇقىرى تەرەپتە ئاچا ھالەتتە تىزلانغان ئىككى پۇتى كۆرۈنىدۇ، سول تىزىنىڭ ئالدىدىكىسى چاقناپ تۇرىدىغان يۇلتۇز لىرا يۇلتۇز تۈركۈمىگە مەنسۇپ α يۇلتۇز، يەنى توقۇمىچى قىز يۇلتۇزىدىن ئىبارەت.
گېركۇلېس يۇلتۇز تۈركۈمىدە ناھايىتى مەشھۇر ھېسابلىنىدىغان13 M شارسىمان يۇلتۇزلار توپى بار. بۇ يۇلتۇزلار توپى ئىچىدە300 مىڭدىن ئارتۇق يۇلتۇز بار بولۇپ، ئۇلار غۇژمەك توپلىشىپ، دىئامېتىرى35 يورۇقلۇق يىلى كېلىدىغان غايەت زور شار جىسىمنى شەكىللەندۈرگەن، ئۇ كۆرۈنۈشتە4 - دەرىجىلىك يۇلتۇزلارنىڭ يورۇقلۇق دەرىجىسىگە توغرا كېلىدۇ.1934 - يىلى بۇ دائىرىدە كۆزنى قاماشتۇرىدىغان يېڭى بىر يۇلتۇزنىڭ پارتلاش ھادىسىسى يۈز بەرگەن، شۇ چاغدا ئۇنىڭ يورۇقلۇقى1 - دەرىجىلىككە يەتكەن.