UyghurWiki
UyghurWikiخىلمۇ-خىل يۇلتۇزلاركاسسىئوپىيە يۇلتۇز تۈركۈمى

كاسسىئوپىيە يۇلتۇز تۈركۈمى

خىلمۇ خىل يۇلتۇزلار ياز پەسلىدە يۇلتۇزلار دۇنياسى ئاجايىپ جانلىنىپ كېتىدۇ، بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن، قاراڭغۇ ھەم جىمجىت كۈز پەسلىنىڭ يۇلتۇزلار دۇنياسى ھۆكۈم سۈرۈشكە باشلايدۇ. كۈز پەسلى گۇگۇم ۋاقتىدىن كېيىن، شىمال ئاسمىنىدىكى سامانيولىغا يېقىن جايدا كاسسىئوپىيە، سېفېي، ئاندرومېدا ۋە پېرسېي قاتارلىق تۆت «خان جەمەتى يۇلتۇز تۈركۈمى» نى كۆرگىلى بولىدۇ (باشقا ئىككى «خان جەمەتى يۇلتۇز تۈركۈمى»، يەنى دۇلدۇل يۇلتۇز تۈركۈمى ۋە كىت يۇلتۇز تۈركۈمى سامانيولىنىڭ يېنىدا ئەمەس). كاسسىئوپىيە يۇلتۇز تۈركۈمى يەتتە قاراقچى يۇلتۇز بىلەن گۈزەللىكتە قېلىشمايدىغان يۇلتۇز تۈركۈمى، بۇنىڭ ئىچىدە ئاددىي كۆز بىلەن ئېنىق كۆرگىلى بولىدىغان يۇلتۇزلار ئاز دېگەندىمۇ100 دىن ئاشىدۇ، لېكىن ئالاھىدە يورۇق يۇلتۇزلاردىن پەقەت6 -7 سىلا بار. بۇنىڭ ئىچىدە2 - دەرىجىلىك ئۈچ دانە يۇلتۇز بىلەن3 - دەرىجىلىك ئىككى دانە يۇلتۇز بىرلىشىپ، ئىنگلىزچە «W» ھەرپىنىڭ چوڭ يېزىلىشىنىڭ شەكلىنى ھاسىل قىلىدۇ. ھەرپنىڭ ئېچىلىش ئېغىزى شىمالىي قۇتۇپ يۇلتۇزىغا قارىتىلغان، بۇ كاسسىئوپىيە يۇلتۇز تۈركۈمىنى پەرقلەندۈرۈشتىكى ئاساسلىق ئالامەتتۇر. كاسسىئوپىيە يۇلتۇز تۈركۈمىنى ئىزدەپ تېپىشنىڭ يەنە بىر ئۇسۇلى مۇنداق: يەتتە قاراقچىنىڭ «مېگرېتس» يۇلتۇزى بىلەن شىمالىي قۇتۇپ يۇلتۇزىنىڭ تۇتاشتۇرغۇچى سىزىقىنى جەنۇبقا قاراپ تەڭ ئۇزۇنلۇقتا ئۇزارتساق، سامانيولىنىڭ «قىرغىقىدىكى» كاسسىئوپىيە يۇلتۇز تۈركۈمىنى تاپقىلى بولىدۇ. مىلادىيە1572 - يىلى كاسسىئوپىيە يۇلتۇز تۈركۈمىدە بىر قېتىملىق ئادەتتىن تاشقىرى يېڭى يۇلتۇزنىڭ پارتلاش ھادىسىسى يۈز بەرگەن، ئەينى چاغدا كۈندۈزىمۇ ئاشۇ نۇرلۇق يېڭى يۇلتۇزنى كۆرگىلى بولاتتى، بەزىدە ھەتتا ۋېنېرادىنمۇ يورۇق كۆرۈنەتتى. بىراق، ئۈچ ھەپتىدىن كېيىن يورۇقلۇقى ئاستا - ئاستا ئاجىزلىشىپ، مىلادىيە1574 - يىلى3 - ئايغا كەلگەندە، ئاددىي كۆز ئارقىلىق، ھەتتا ئۇنىڭ سايىسىنىمۇ كۆرگىلى بولمايدىغان بولۇپ قالدى.380 يىلدىن كېيىن ئاسترونومىيە ئالىملىرى تۇيۇقسىز غايىب بولغان ئاشۇ يۇلتۇزنىڭ ئورنىدىن ناھايىتى كۈچلۈك رادىئو مەنبەسىنى قوبۇل قىلدى، تەتقىقاتلارغا ئاساسلانغاندا، ئۇ غايىب بولغان ئادەتتىن تاشقىرى يېڭى يۇلتۇزنىڭ قالدۇقلىرى ئىكەن. قەدىمكى يۇنان ئەپسانىلىرىدە، كاسسىئوپىيە يۇلتۇز تۈركۈمى ئافرىقىدىكى ئېفىئوپىيە پادىشاھى كىپوسنىڭ خانىشى كاسسىئوپىيەنىڭ نامايەندىسى دەپ تەسۋىرلىنىدۇ. خانىش كاسسىئوپىيە ئىنتايىن ئابرۇيپەرەس ئايال بولۇپ، ئۇ دائىم ئۆزىنىڭ قىزى ئاندرومېدانى دېڭىزدىكى ئەڭ گۈزەل پەرىزاتتىنمۇ چىرايلىق دەپ ماختىنىدىكەن. نەتىجىدە، دېڭىزدىكى پەرىزات ۋە دېڭىز ئىلاھى بوسەيدوننىڭ ئاچچىقىنى كەلتۈرۈپتۇ، شۇنىڭ بىلەن دېڭىز ئىلاھى دېڭىزدىكى غەلىتە مەخلۇقنى ئېفىئوپىيىنىڭ دېڭىز قىرغىقىغا بېرىپ شامال چىقىرىپ، دولقۇن كۆتۈرۈپ، پۇقرالارغا زىيان يەتكۈزۈشكە ئەۋەتىپتۇ. پادىشاھ كېپوس (سېفېي يۇلتۇز تۈركۈمى) نائىلاج ئۆزىنىڭ سۆيۈملۈك مەلىكىسىنى دېڭىز ئىلاھى ئەۋەتكەن ھېلىقى غەلىتە مەخلۇققا تەقدىم قىپتۇ، كېيىن ئۇ مەلىكىنى قەھرىمان پۇرشيۇس قۇتقۇزۇپ قاپتۇ. خانىش كاسسىئوپىيە ئۆزىنىڭ زىيادە ماختانچاقلىقىدىن قىزىنىڭ ھاياتىغا زامىن بولغىلى تاس قالغانلىقىنى ھېس قىپتۇ، شۇنىڭ بىلەن ئاسمان ئىلاھى خانىشنى ئەرشىئەلاغا ئېلىپ چىقىپ كاسسىئوپىيە يۇلتۇز تۈركۈمىنى ھاسىل قىلغاندىن كېيىنمۇ، ئۇ يەنىلا ئىككى قولىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، بېلىنى ئېگىپ، ناھايىتى پۇشايمان قىلغان ھېسسىياتىنى ئىپادىلەپ تۇرىدىكەن. شىمالىي كەڭلىك °40 ۋە ئۇنىڭ شىمالىدىكى رايونلاردا، كاسسىئوپىيە يۇلتۇز تۈركۈمىنى بىر يىلنىڭ تۆت پەسلىدىلا كۆرگىلى بولىدۇ. ئۇنىڭ بىلەن يەتتە قاراقچى يۇلتۇز ئايرىم - ئايرىم ھالدا شىمالىي قۇتۇپ يۇلتۇزىنىڭ ئىككى تەرىپىدە تۇرىدۇ، شۇڭا، ئىككىسىنىڭ شەرقتىن كۆتۈرۈلۈپ غەربكە پېتىشىمۇ ئۆزئارا قارىمۇقارشى يۆنىلىشتە بولىدۇ: يەنى بىرى كۆتۈرۈلۈپ ئەڭ ئېگىز نۇقتىغا يەتكەندە، يەنە بىرى ئەڭ پەس نۇقتىغا چۈشىدۇ. شۇڭا، كۈز ۋە قىش پەسلىنىڭ ئالدىنقى يېرىم كېچىلىرىدە يەتتە قاراقچى يۇلتۇزنىڭ ئورنى بىرقەدەر پەس بولىدۇ (كۆرگىلى بولمايدۇ ياكى پەرقلەندۈرگىلى بولمايدۇ)، كاسسىئوپىيە يۇلتۇز تۈركۈمىنىڭ ئورنى بولسا ئەكسىچە ئېگىز بولىدۇ، بىز كاسسىئوپىيە يۇلتۇز تۈركۈمىدىن پايدىلىنىپ شىمالىي قۇتۇپ يۇلتۇزىنى پەرقلەندۈرەلەيمىز. «W» ھەرپىنىڭ سىرتقى ئىككى تەرىپىدىن جەنۇبقا قاراپ ئۇزارتىلغان كېسىشىش نۇقتىسى بىلەن مەركىزىدىكى γ يۇلتۇزىنى تۇتاشتۇرغۇچى سىزىقىنى شىمالغا قاراپ تەخمىنەن بەش ھەسسە ئۇزارتساق، شىمالىي قۇتۇپ يۇلتۇزى بىلەن ئۇچرىشىدۇ.
← بارلىق تېمىلار خىلمۇ-خىل يۇلتۇزلار
كاسسىئوپىيە يۇلتۇز تۈركۈمى | UyghurWiki | UyghurWiki