يۇلتۇزلار توپى
خىلمۇ خىل يۇلتۇزلار
سامانيولى سىستېمىسىدىكى ئاشۇ سانسىزلىغان يۇلتۇزلار يەككە ھالەتتە ياكى قوشكېزەك ھالەتتە، توپ - توپ ھالەتتە كۆرۈلگەندىن تاشقىرى يەنە تېخىمۇ كۆپ يۇلتۇزلار بىر جايغا غۇژمەك توپلاشقان ھالەتتە كۆرۈلىدۇ. يۇلتۇز سانى10 دانىدىن ئېشىپ كەتكەن، ئۆزئارا مۇئەييەن باغلىنىشچانلىققا ئىگە تۇرغۇن يۇلتۇزلار گۇرۇھى يۇلتۇزلار توپى دەپ ئاتىلىدۇ. تارتىشىش كۈچى بۇ تۇرغۇن يۇلتۇز توپلىرىنى بىرلەشتۈرۈپ تۇرىدۇ. يۇلتۇزلار توپىنىڭ ئەزاسى كۆپ بولغاندا نەچچە يۈز مىڭغا يېتىدۇ. ئۇلارنى يەنە تارقاق يۇلتۇزلار توپى ۋە شارسىمان يۇلتۇزلار توپىدىن ئىبارەت ئىككى خىلغا ئايرىشقا بولىدۇ. سامانيولى سىستېمىسىدا يۇلتۇزلار توپىنى ھەممىلا جايدا ئۇچراتقىلى بولىدۇ، پەقەت ئوخشاش بولمىغان جايلاردىكى يۇلتۇزلار توپىنىڭ خىلىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ.
تارقاق يۇلتۇزلار توپىدا تۇرغۇن يۇلتۇزلارنىڭ سانى سەل ئاز بولىدۇ، ئادەتتە ئۇلار نەچچە ئون دانىدىن نەچچە يۈز دانىگىچە تۇرغۇن يۇلتۇزدىن تەركىب تاپىدۇ، تەرتىپسىز تاشقى شەكىل قۇرۇلمىسىغا ئىگە بولىدۇ، كۆپىنچە سامانيولى سىستېمىسىنىڭ سامانيولى تەخسىسى دائىرىسىگە جايلاشقان بولىدۇ. يۇلتۇزلار توپىنىڭ دىئامېتىرى تەخمىنەن6 يورۇقلۇق يىلىدىن50 يورۇقلۇق يىلىغىچە چوڭلۇقتا كېلىدۇ. تارقاق يۇلتۇزلار توپىنى تەشكىل قىلغۇچى تۇرغۇن يۇلتۇزلارنىڭ يېشى ئوخشاش بولمايدۇ، تارقاق يۇلتۇزلار توپىدىكى نۇرغۇنلىغان ئەزالارنىڭ ھەممىسى ناھايىتى ياش يۇلتۇزلاردىن ئىبارەت. ھازىر بىز بىلىدىغان تارقاق يۇلتۇزلار توپىنىڭ ئومۇمىي سانى1000 دىن ئاشىدۇ. داڭلىق تارقاق يۇلتۇزلار توپىدىن سەۋر يۇلتۇز تۈركۈمىگە مەنسۇپ ئۈكەر يۇلتۇزلار توپى بار، كىشىلەر ئۇنى «يەتتە ھەدە - سىڭىل يۇلتۇز» دەپ ئاتايدۇ. ئەمەلىيەتتە، ئۈكەر يۇلتۇزلار توپى يەتتە يۇلتۇزدىنلا تەركىب تاپقان بولماستىن، بەلكى نەچچە يۈز دانە تۇرغۇن يۇلتۇزدىن تەركىب تاپقان بولۇپ، يەر شارىدىن تەخمىنەن420 يورۇقلۇق يىلى يىراقلىققا جايلاشقان. ئۇنىڭدىن باشقا، شولا يۇلتۇزلار توپى، ئالۋاستى يۇلتۇزلار توپى قاتارلىقلارمۇ داڭلىق تارقاق يۇلتۇزلار توپى سانىلىدۇ.
شارسىمان يۇلتۇزلار توپى بىر خىل كۆلىمى خېلى چوڭ يۇلتۇزلار گۇرۇھى بولۇپ، ئادەتتە نەچچە مىڭ دانىدىن نەچچە يۈز مىڭ دانىغىچە تۇرغۇن يۇلتۇزدىن تەركىب تاپىدۇ، ئۇلار سامانيولىنىڭ چېتىدىن مەركىزىي رايونىغا قاراپ يۈكسەك دەرىجىدە توپلاشقان بولىدۇ. بۇ خىلدىكى يۇلتۇزلار توپىنىڭ تاشقى شەكلى شارسىمان ياكى ياپىلاق ھالەتتە كۆرۈلىدىغان بولغاچقا، شارسىمان يۇلتۇزلار توپى دەپ ئاتالغان. ئۇلار سامانيولى سىستېمىسىدا تۇرغۇن يۇلتۇزلار ئەڭ زىچ توپلىشىپ تارقالغان جايلارنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. شارسىمان يۇلتۇزلار توپىنىڭ دىئامېتىرى كۆپىنچە130 يورۇقلۇق يىلىدىن300 يورۇقلۇق يىلىغىچە بولىدۇ. ھازىر بايقالغان شارسىمان يۇلتۇزلار توپىدىن تەخمىنەن500 ى بار، ئۇلارنىڭ تەركىبىدىكى تۇرغۇن يۇلتۇزلار نەچچە ئون مىليارد يىل ئۆزئارا قوشنا بولۇپ ئۆتۈۋاتقان قەدىناس دوستلاردىندۇر. ھايات مۇساپىسىنىڭ ئاخىرقى باسقۇچىدا تۇرۇۋاتقان بۇ تۇرغۇن يۇلتۇزلارنىڭ ھەممىسى سامانيولى جەمەتىنىڭ پېشقەدەملىرى ھېسابلىنىدۇ، ئۇلارنىڭ ھەممىسى سامانيولى سىستېمىسى شەكىللەنگەن دەسلەپكى باسقۇچتىلا ئاپىرىدە بولغان. شارسىمان يۇلتۇزلار توپىنىڭ ئەزالىرى كۆپ، كۆلىمى ناھايىتى چوڭ، شۇڭا ئۇلارنىڭ گەۋدە سايىسىنى بەزىدە ئاددىي كۆز بىلەن بىۋاسىتە كۆرگىلى بولىدۇ. مەسىلەن، گېركۇلېس يۇلتۇز تۈركۈمىدىكى چوڭ يۇلتۇزلار توپى M13 ئەنە شۇنداق تىپىك شارسىمان يۇلتۇزلار توپىدۇر، سېنتاۋر يۇلتۇز تۈركۈمىدىكى ω يۇلتۇزلار توپىمۇ پۈتۈن ئاسمان بويىچە ئەڭ يورۇق كۆرۈنىدىغان شارسىمان يۇلتۇزلار توپىدۇر.