UyghurWiki
UyghurWikiخىلمۇ-خىل يۇلتۇزلاركۆرۈنمە يۇلتۇز ۋە كۆرۈنمەس يۇلتۇز

كۆرۈنمە يۇلتۇز ۋە كۆرۈنمەس يۇلتۇز

خىلمۇ خىل يۇلتۇزلار پۈتكۈل ئاسماندا جەمئىي88 يۇلتۇزلار تۈركۈمى بار. بىراق، مەلۇم بىر مۇقىم نۇقتىدىن كۆزەتكەندە، ئادەتتە بۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىر قىسمىنىلا كۆرگىلى بولىدۇ. يەر شارى ئۆز ئوقىدا قانداق ئايلىنىشىدىن قەتئىينەزەر، شىمالىي قۇتۇپتا تۇرغان كۆزەتكۈچىلەر مەڭگۈ شىمالىي قۇتۇپ يۇلتۇزى تۇرغان ئاشۇ يېرىم يۇلتۇزلۇق ئاسماننىلا كۆرەلەيدۇ؛ جەنۇبىي قۇتۇپتا تۇرغان كۆزەتكۈچىلەر بۇنىڭ ئەكسىچە پەقەت جەنۇبىي يېرىم يۇلتۇزلۇق ئاسماننىلا كۆرەلەيدۇ. ئېكۋاتوردا تۇرغان كۆزەتكۈچىلەر بولسا پۈتۈن يۇلتۇزلۇق ئاسماننى تولۇق كۆرەلەيدۇ. چۈنكى، ئۇ يەر شارى ئۆز ئوقىدا ئايلىنىش جەريانىدا بارلىق يۆنىلىشتىكى يۇلتۇزلارنىڭ ھەممىسىنى بىمالال كۆزىتەلەيدۇ. ئوخشاش كەڭلىكتە تۇرغان كۆزەتكۈچىلەر يېرىمدىن چوڭراق بولغان يۇلتۇزلۇق ئاسماننى كۆرەلەيدۇ. مەسىلەن، يەر شارى ئۆز ئوقىدا قانداق ئايلىنىشتىن قەتئىينەزەر، شىمالىي يېرىم شاردا تۇرغان كۆزەتكۈچىلەر ئادەتتە جەنۇبىي قۇتۇپ ئاسمىنىنىڭ بىر قىسمىنىلا كۆرەلەيدۇ، قالغان بىر قىسمى ئۇپۇق سىزىقىنىڭ ئاستىدا قالىدىغان بولغاچقا زادىلا كۆرەلمەيدۇ؛ شىمالىي قۇتۇپ يۇلتۇزىنىڭ ئەتراپىدىكى يۇلتۇزلۇق ئاسماننىڭ بىر قىسمى ئۇ تۇرغان ئۇپۇق سىزىقىنىڭ ئۈستىدە كۆرۈنىدۇ (ئۇپۇق سىزىقىنىڭ ئاستىغا مەڭگۈ چۈشۈپ كەتمەيدۇ)، ئۇنىڭدىن باشقا ئاسمان جىسىملىرى بەزىدە كۆزەتكۈچى تۇرغان ئۇپۇق سىزىقىنىڭ ئۈستىدە كۆرۈنسە، بەزىدە ئۇپۇق سىزىقىنىڭ ئاستىدا كۆرۈنىدۇ. بۇ ئاشۇ يۆنىلىشتىكى يۇلتۇزلار شۇ جايدىكى ئۇپۇق سىزىقىنىڭ ئاستى - ئۈستىدە ھەر كۈنى شەرقتىن كۆتۈرۈلۈپ غەربكە پاتىدۇ، دېگەنلىكتۇر. ئۇپۇق سىزىقىنىڭ ئاستىغا مەڭگۈ پاتمايدىغان ئاشۇ بىر قىسىم تۇرغۇن يۇلتۇزلارنى بىز شۇ جاينىڭ «كۆرۈنمە يۇلتۇزى» دەپ ئاتايمىز. ئۇپۇق سىزىقىنىڭ ئۈستىگە مەڭگۈ كۆتۈرۈلمەيدىغان، يەنى مەڭگۈ كۆرگىلى بولمايدىغان ئاشۇ بىر قىسىم تۇرغۇن يۇلتۇزلارنى شۇ جاينىڭ «كۆرۈنمەس يۇلتۇزى» دەپ ئاتايمىز. كۆرۈنمە يۇلتۇزلار رايونى بىلەن كۆرۈنمەس يۇلتۇزلار رايونى ئوتتۇرىسىدىكى تۇرغۇن يۇلتۇزلارنى، يەنى ھەر كۈنى شۇ جاينىڭ ئۇپۇق سىزىقىدا كۆتۈرۈلۈپ - پاتىدىغان يۇلتۇزلارنى «چىقىپ - پاتىدىغان يۇلتۇزلار» دەپ ئاتايمىز.
← بارلىق تېمىلار خىلمۇ-خىل يۇلتۇزلار