ئالتائىر
خىلمۇ خىل يۇلتۇزلار
توقۇمىچى قىز بىلەن يىراقتىن ئۇدۇل قارىشىپ تۇرىدىغىنى سامانيولىنىڭ شەرقىي بۇرجىكىدىكى بىرىنچى دەرىجىلىك يورۇق يۇلتۇز ئالتائىر بولۇپ، ئىلمىي نامى بۈركۈت يۇلتۇز تۈركۈمىα، كونىچە ئاتىلىشى «پادىچى يىگىت». ئۇ توقۇمىچى قىز بىلەن ئوخشاش، ياز پەسلىنىڭ كېچە ئاسمىنىدا كۆرۈنىدىغان ناھايىتى مەشھۇر يورۇق يۇلتۇزدۇر.
پادىچى يىگىتنىڭ يەر شارى بىلەن بولغان ئارىلىقى تەخمىنەن16 يورۇقلۇق يىلى بولۇپ، ئۇنىڭ دىئامېتىرى قۇياش دىئامېتىرىنىڭ6 .1 ھەسسىسىگە باراۋەر كېلىدۇ، يۈزىنىڭ تېمپېراتۇرىسى7000 گرادۇس ئەتراپىدا، كۆمۈش رەڭ نۇر چېچىپ تۇرىدۇ، نۇر تارقىتىش ئىقتىدارى قۇياشنىڭ نۇر تارقىتىش ئىقتىدارىدىن سەككىز ھەسسە كۈچلۈك. پادىچى يىگىتنىڭ ئۆز ئوقى ئەتراپىدا ئايلىنىش سۈرئىتى ناھايىتى تېز بولۇپ، تەخمىنەن7 سائەتتە ئۆز ئوقىدا بىر قېتىم ئايلىنىدۇ، شۇڭا ئۇنىڭ شەكىل - ھالىتى ياپىلاق شەكىلدە كۆرۈنىدۇ. مۆلچەرلەشكە ئاساسلانغاندا، ئۇنىڭ ئېكۋاتور رادىئۇسى قۇتۇپ رادىئۇسىنىڭ5 .1 ھەسسىسىگە باراۋەر كېلىدۇ.
پادىچى يىگىتنىڭ ئىككى يان تەرىىپىدە بىردىن خىرە كۆرۈنىدىغان ئىككى يۇلتۇز بار بولۇپ، ئايرىم - ئايرىم ھالدا «بۈركۈت بىر» ۋە «بۈركۈت ئۈچ» دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇلار بۈركۈت α بىلەن قوشۇلۇپ «ئالتائىر ئۈچ يۇلتۇز» دەپ ئاتىلىدۇ. ئالتائىر ئۈچ يۇلتۇز خۇددى بىر ئۇزۇن ئەپكەشكە ئوخشايدۇ، شۇڭا ئەل ئىچىدە ئۇ «ئەپكەش يۇلتۇز» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. رىۋايەت قىلىنىشىچە، پادىچى يىگىت (ئالتائىر) ئەپكەشنىڭ ئوتتۇرىسىدا بولۇپ، ئىككى باش تەرەپتە ئۇنىڭ ئىككى ئوغلى «بۈركۈت بىر بىلەن بۈركۈت ئۈچ» نى كۆتۈرۈپ يۈرۈپ، ئىزچىل تۈردە توقۇمىچى قىزنى قوغلىشىپ يۈرىدىكەن.
ياز پەسلىنىڭ يۇلتۇزلۇق ئاسمىنىدا، پادىچى يىگىت، توقۇمىچى قىز، دېنېبتىن ئىبارەت ئۈچ يورۇق يۇلتۇز قوشۇلۇپ كۆزگە روشەن كۆرۈنۈپ تۇرىدىغان چوڭ ئۈچ بۇلۇڭنى ھاسىل قىلىدۇ، «ياز پەسىللىك چوڭ ئۈچ بۇلۇڭ» دەپ ئاتىلىدۇ. پادىچى يىگىت چوڭ ئۈچ بۇلۇڭنىڭ جەنۇب ئۇچىغا جايلاشقان. بۇ چوڭ ئۈچ بولۇڭ ياز پەسلىدە يۇلتۇزلار تۈركۈمىنى ئىزدەشتە مۇھىم بەلگە بولىدۇ. ياز پەسلىنىڭ ئاخىرىغا كەلگەندە، ئالدىنقى يېرىم كېچىدە بۇ چوڭ ئۈچ بۇلۇڭ بىلەن ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى سامانيولى بىرلىكتە ئاسمان گۈمبۈزىنىڭ ئەتراپىغا كۆتۈرۈلىدۇ.
ياز ۋە كۈز پەسلىنىڭ ئالدىنقى يېرىم كېچىسىدە، پادىچى يىگىت بىلەن توقۇمىچى قىزنىڭ ئاسمان بوشلۇقىدىكى ئورنى سەل ئېگىز بولىدۇ، بۇ چاغ ئۇلارنى كۆزىتىدىغان ئەڭ ياخشى پەسىلدۇر.