UyghurWiki
UyghurWikiخىلمۇ-خىل يۇلتۇزلارتەرتىپسىز يۇلتۇزلار سىستېمىسى

تەرتىپسىز يۇلتۇزلار سىستېمىسى

خىلمۇ خىل يۇلتۇزلار مۇبادا ئېللىپسسىمان يۇلتۇزلار سىستېمىسى ئالەم بوشلۇقىدىكى «قېرىلار دۆلىتى» دەپ ئاتالسا، ئۇ ھالدا تەرتىپسىز يۇلتۇزلار سىستېمىسىنى بىر «كىچىكلەر دۆلىتى» دەپ ئاتاشقا بولىدۇ. بۇ خىل يۇلتۇزلار سىستېمىسىنىڭ مۇئەييەن شەكىل - ھالىتى بولمايدۇ، روشەن مەركىزىمۇ بولمايدۇ، شۇڭا تەرتىپسىز يۇلتۇزلار سىستېمىسى دەپ ئاتىلىدۇ. تەرتىپسىز يۇلتۇزلار سىستېمىسىدا ناھايىتى كۆپ گازلىق جىسىملار بولىدۇ، ياش يۇلتۇزلارمۇ ناھايىتى كۆپ، بەزىلىرى تېخى ئەمدىلا ئاپىرىدە بولغان. تەرتىپسىز يۇلتۇزلار سىستېمىسى ئادەتتە ماسسىسى كىچىك، زىچلىقى تۆۋەن، ھەم كىچىك، ھەم خىرە بولىدۇ، بەزىلىرى «تۇغما كەمتۈك» كېلىدۇ، شۇڭا ئۇنىڭ تۇرغۇن يۇلتۇزغا ئايلىنىش سۈرئىتى سەل ئاستا بولىدۇ، باشقا تىپتىكى يۇلتۇزلار سىستېمىسى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، يېشى چوڭراق (قېرىراق) تۇرغۇن يۇلتۇزلار تەبىئىي ھالدا ئازراق بولىدۇ. ئادەتتىكى تەرتىپسىز يۇلتۇزلار سىستېمىسى كۆپىنچە چوڭ تىپلىق يۇلتۇزلار سىستېمىسى ئەتراپىدا بولىدۇ. مەسىلەن، چوڭ - كىچىك ماگېللان تۇمانلىقى دەل سامانيولى سىستېمىسىغا ئەڭ يېقىن جايلاشقان قوشنىلاردۇر. بەزى ئاسترونوملار تەرتىپسىز يۇلتۇزلار سىستېمىسى چوڭ يۇلتۇزلار سىستېمىسى ھاسىل بولغاندىن كېيىن، قالدۇق گازلىق جىسىملارنىڭ تەدرىجىي توپلىنىشى، ئاستا - ئاستا ئۆزگىرىشى سەۋەبىدىن ھاسىل بولغانلىقى ئېھتىمالغا ناھايىتى يېقىن، دەپ پەرەز قىلماقتا. ئەگەر راستتىنلا شۇنداق بولسا، ئۇ ھالدا چوڭ - كىچىك ماگېللان تۇمانلىقى سامانيولى سىستېمىسىنىڭ يېقىن تۇغقانلىرى ھېسابلىنىدۇ.
← بارلىق تېمىلار خىلمۇ-خىل يۇلتۇزلار
تەرتىپسىز يۇلتۇزلار سىستېمىسى | UyghurWiki | UyghurWiki