UyghurWiki
UyghurWikiخىلمۇ-خىل يۇلتۇزلاردېنېب

دېنېب

خىلمۇ خىل يۇلتۇزلار دېنېب ئاق قۇ يۇلتۇز تۈركۈمىدىكى بىر يورۇق يۇلتۇز بولۇپ، ئىلمىي نامى ئاق قۇ يۇلتۇز تۈركۈمى α دېيىلىدۇ. ئۇ ئاق قۇ يۇلتۇز تۈركۈمىدىكى باشقا تۆت يۇلتۇز بىلەن قوشۇلۇپ چىرايلىق كۆرۈنىدىغان چوڭ بىر كرېست شەكلىنى ھاسىل قىلىدۇ، جەنۇب ئاسمىنىدىكى جەنۇبىي كرېست يۇلتۇز تۈركۈمى بىلەن يىراق - يىراقلاردىن ئۇدۇل قارىشىپ تۇرىدۇ، شۇڭا، غەربىي ياۋروپالىقلار بۇ بەش يۇلتۇزنى شىمال ئاسمىنىدىكى كرېست دەپ ئاتايدۇ. ئەمەلىيەتتە، بۇ چوڭ كرېست شەكىل قارىماققا خۇددى بىر ئاق قۇغا ئوخشايدۇ، دېنېب دەل شۇ ئاق قۇنىڭ قۇيرۇقىدا تۇرىدۇ. دېنېب سۇس كۆك رەڭدە ئىپادىلىنىدۇ. ئۇنىڭ بىز بىلەن بولغان ئارىلىقى تەخمىنەن1700 يورۇقلۇق يىلى بولۇپ، پۈتۈن كۈن ئەڭ يورۇق كۆرۈنىدىغان تۇرغۇن يۇلتۇزلار ئارىسىدىكى بىزدىن ئەڭ يىراق بىر يۇلتۇز ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭ دىئامېتىرى قۇياش دىئامېتىرىنىڭ يۈز نەچچە ھەسسىسىگە، ماسسىسى قۇياش ماسسىسىنىڭ22 ھەسسىسىگە باراۋەر كېلىدۇ، نۇر تارقىتىش ئىقتىدارى قۇياشنىڭ نۇر تارقىتىش ئىقتىدارىدىن100 نەچچە مىڭ ھەسسە كۈچلۈك بولىدۇ، تۇرغۇن يۇلتۇزلار ئارىسىدا ئىسمى - جىسمىغا لايىق «ئادەتتىن تاشقىرى گىگانت» ھېسابلىنىدۇ. تەخمىنەن يەنە8000 يىل ئۆتكەندىن كېيىن، دېنېبنىڭ ئورنى ئاسمان شارىدا ئاسماننىڭ شىمالىي قۇتۇپى بولۇپ قالىدۇ. ئۇ چاغدا يەر شارىنىڭ ئۆز ئوقىدا ئايلىنىش ئوقىنىڭ شىمالىي قۇتۇپىمۇ ئۇدۇل دېنېبنى كۆرسىتىدۇ، شۇڭا ئۇ «شىمالىي قۇتۇپ يۇلتۇزى» بولۇپ قالىدۇ.
← بارلىق تېمىلار خىلمۇ-خىل يۇلتۇزلار
دېنېب | UyghurWiki | UyghurWiki