UyghurWiki
UyghurWikiخىلمۇ-خىل يۇلتۇزلارمىموزا

مىموزا

خىلمۇ خىل يۇلتۇزلار مىموزا جەنۇبىي كرېست يۇلتۇز تۈركۈمىدىكى β يۇلتۇز بولۇپ، جەنۇبىي كرېست يۇلتۇز تۈركۈمىدىكى ئىككىنچى يورۇق يۇلتۇز ھېسابلىنىدۇ. ئېلىمىزدىكى كۇنمىڭنىڭ جەنۇبىدىكى قىسمەن رايونلاردا بەزىدە ئۇنى كۆرگىلى بولىدۇ. مىموزا كۆك رەڭلىك گىگانت يۇلتۇز، ئۇمۇ ئاكرېستقا ئوخشاش A، B دىن ئىبارەت ئىككى يۇلتۇزدىن تەركىب تاپقان قوش يۇلتۇزدۇر. ئاساسىي يۇلتۇزى سېفېي يۇلتۇز تۈركۈمىدىكى β تىپلىق ئۆزگىرىشچان يۇلتۇز، ئۆزگىرىش دائىرىسى تەخمىنەن03 .0 دانە كۆرۈنمە يۇلتۇز چوڭلۇقىدا بولىدۇ، دەۋرىيلىكى تەخمىنەن19 .0 كۈن بولىدۇ؛ ھەمراھ يۇلتۇزى ئاساسىي يۇلتۇزىدىن تەخمىنەن9 .2 دەرىجە تۇتۇق كېلىدۇ. كۆزىتىشلەرگە ئاساسلانغاندا، مىموزىمۇ بىر X نۇر مەنبەسى بولۇپ، ئەقرەب يۇلتۇز تۈركۈمىدىكى سېنتاۋر يۇلتۇزلار جەمەتىنىڭ ئەزالىرىدىن بىرىدۇر. ئۇ بىزدىن تەخمىنەن480 يورۇقلۇق يىلى يىراقلىقتا تۇرىدۇ.
← بارلىق تېمىلار خىلمۇ-خىل يۇلتۇزلار
مىموزا | UyghurWiki | UyghurWiki