UyghurWiki
UyghurWikiخىلمۇ-خىل يۇلتۇزلار21 دانە تۇرغۇن يۇلتۇز

21 دانە تۇرغۇن يۇلتۇز

خىلمۇ خىل يۇلتۇزلار ئاسماندىكى يۇلتۇزلارنىڭ بەزىلىرى يورۇق، بەزىلىرى خىرە كۆرۈنىدۇ، قەدىمكى يۇنان ئاسترونوملىرى يۇلتۇزلارنى كۆزەتكەندىكى يورۇقلۇق دەرىجىسىگە ئاساسەن ئۇلارنى ئالتە دەرىجىگە ئايرىغان، بۇنىڭ ئىچىدە ئەڭ يورۇق كۆرۈنىدىغىنى بىرىنچى دەرىجىلىك يۇلتۇز دەپ ئاتالغان. بۇ خىل يۇلتۇزلارنىڭ يورۇقلۇق دەرىجىسى «كۆرۈنمە يۇلتۇز چوڭلۇقى» دەپ ئاتالغان. يېقىنقى زامان ئاسترونوملىرى كۆزىتىشكە بولىدىغان تۇرغۇن يۇلتۇزلارنىڭ كۆرۈنمە يۇلتۇز چوڭلۇقىنى ناھايىتى ئېنىق ئۆلچەپ چىقىپ، يۇلتۇز چوڭلۇقى ئوخشىشىپ كېتىدىغان يۇلتۇزلارنىڭ يورۇقلۇق دەرىجىسىدە يەنە كونكرېت پەرقلەرنىڭ بارلىقىنى بايقىدى. مەسىلەن، پوللۇكس بىلەن پروتسىئون ئىلگىرى ئوخشاشلا بىرىنچى دەرىجىلىك يۇلتۇزلار دەپ قارالغانىدى، ئەمەلىيەتتە ئۇلارنىڭ يۇلتۇز چوڭلۇقى ئايرىم - ئايرىم ھالدا14 .1 ۋە38 .0 بولۇپ چىقتى. كۈن بويى كۆرۈنىدىغان جەمئىي21 دانە بىرىنچى دەرىجىلىك ياكى بىرىنچى دەرىجىلىكتىن يۇقىرى تۇرغۇن يۇلتۇزنى، يورۇقلۇق دەرىجىسىنىڭ يۇقىرى - تۆۋەنلىكى بويىچە تىزغاندا مۇنداق بولىدۇ:1 . سىرىئۇس (چوڭ ئىتα )؛2 . كانوپۇس (كارىنا α)؛3 . تالىماك (سېنتاۋر α)؛4 . ئاركتۇر (پادىچى α)؛5 . ۋېگا (لىرا α)؛6 . بېتېلگېيز (ئورىئون α)؛7 . كاپېللا (ھارۋىكەش α)؛8 . رىگېل (ئورىئون β)؛9 . پروتسىئون (كىچىك ئىت α)؛10 . ئاخېرنار (ئېرىدان α)؛11 . ھادار (سېنتاۋر β)؛12 . ئالتائىر (بۈركۈت α)؛13 . ئالدېباران (سەۋر α)؛14 . ئاكرېست (جەنۇبىي كرېست α)؛15 . ئانتارېس (ئەقرەب α)؛16 . سىپكا (سۇنبۇلە α)؛17 . پوللۇكس (جەۋزا β)؛18 . فومالگائۇت (جەنۇبىي بېلىق α)؛19 . مىموزا (جەنۇبىي كرېست β)؛20 . دېنېب (ئاق قۇ α)؛21 . رېگۇل (ئەسەد α).21 دانە يورۇق يۇلتۇز ئارىسىدا بېتېلگېيز ئۆزگىرىشچان يۇلتۇز ھېسابلىنىدۇ، بەزىدە ئۇنىڭ ئارقىغا تىزىلغان يۇلتۇزدىنمۇ خىرە كۆرۈنىدۇ. كانوپۇس، تالىماك، ئاكرېست، مىموزا، ھادار ۋە ئاخېرنارلار يەر شارىنىڭ جەنۇبىي قۇتۇپ تەرىپىگە سەل ئېغىپ جايلاشقان، شۇڭا، شىمالىي يېرىم شارنىڭ ئوتتۇرا كەڭلىكىدە تۇرىدىغان كىشىلەر ئوڭايلىقچە كۆرەلمەيدۇ.
← بارلىق تېمىلار خىلمۇ-خىل يۇلتۇزلار
21 دانە تۇرغۇن يۇلتۇز | UyghurWiki | UyghurWiki