ئانتارېس
خىلمۇ خىل يۇلتۇزلار
ئانتارېس ياز پەسلىدە جەنۇبىي ئاسمان بوشلۇقىدا كېچىدە ئەڭ يورۇق كۆرۈنىدىغان بىر يۇلتۇز بولۇپ، ئەقرەب يۇلتۇز تۈركۈمى دائىرىسىگە جايلاشقان. يىراق جەنۇب ئاسمىنىدا كۆرۈنىدىغان بەزى بىرىنچى دەرىجىلىك يۇلتۇزلار ئارىسىدا، ئۇ شىمالىي يېرىم شارنىڭ ئوتتۇرا كەڭلىك دائىرىسىدە ياشايدىغان كىشىلەر كۆرەلەيدىغان بىردىنبىر يورۇق يۇلتۇزدۇر. ئانتارېس شەرقىي جەنۇبتىن كۆتۈرۈلۈپ، غەربىي جەنۇبتا ئولتۇرىدۇ. ئۇنىڭ ئاسمان گۈمبىزىدە بېسىپ ئۆتىدىغان لىنىيىسى ناھايىتى قىسقا بولۇپ، مۇساپىسىنىڭ ئاخىرقى نۇقتىسىغا (ئەڭ ئېگىز نۇقتىسىغا) يېتىپ بېرىشى ئۈچۈن تەخمىنەن تۆت سائەتتىن كۆپرەك ۋاقىت كېتىدۇ. ياز پەسلى7 -،8 - ئايلاردا، ئانتارېس دەل ئەڭ ئېگىز نۇقتىسىغا توغرا كېلىدىغان جاينىڭ ئەتراپىدا بولىدۇ، بۇ ۋاقىت ئۇنى كۆزىتىدىغان ئەڭ ياخشى مەزگىلدۇر.
ئانتارېسنىڭ بىز بىلەن بولغان ئارىلىقى تەخمىنەن400 نەچچە يورۇقلۇق يىلى بولۇپ، ئۇنىڭ دېئامېتىرى قۇياش دىئامېتىرىنىڭ600 ھەسسىسىگە، ھەجىمى قۇياش ھەجىمىنىڭ27 مىليون ھەسسىسىگە باراۋەر كېلىدۇ. لېكىن ئانتارېسنىڭ ماسسىسى قۇياش ماسسىسىنىڭ ئاران17 ھەسسىسىگە تەڭ بولۇپ، ئوتتۇرىچە زىچلىقى قۇياشنىڭكىنىڭ5 مىليوندىن بىر ئۈلۈشىگىمۇ يەتمەيدۇ.
ئانتارېس يۈزىنىڭ تېمپېراتۇرىسى تەخمىنەن3000 گرادۇس بولۇپ، قۇياش يۈزى تېمپېراتۇرىسىنىڭ ئاران يېرىمىغا تەڭ كېلىدۇ. ئۇنىڭ ھەجىمى ناھايىتى چوڭ بولغاچقا، نۇر تارقىتىش ئىقتىدارى ناھايىتى كۈچلۈك، ئۇنىڭ تارقاتقان نۇرى قىزىل رەڭدە ئىپادىلىنىدۇ. ئانتارېسقا ئوخشىشىپ كېتىدىغان بۇنداق تۇرغۇن يۇلتۇزلار ئاسترونومىيە ئىلمىدە «قىزىل گىگانت يۇلتۇزلار» دەپ ئاتىلىدۇ. ئانتارېسنىڭ نۇرى ئىنتايىن كۆركەم كۆرۈنىدۇ، خۇددى پورەكلەپ ئېچىلغان سالىيون گۈلىنىڭ ئۆزىگىلا ئوخشايدۇ. ئۇ تارقىتىدىغان قىزىل نۇر خۇددى مارسنىڭ نۇرىغا ئوخشايدىغان بولغاچقا، يەنە كېلىپ ئۇ گاھىدا ئېكلىپتىكىغا يېقىن، گاھىدا يەنە مارسقا يېقىن تۇرىدىغان بولغاچقا، يۇنان تىلىدا «مارسنىڭ كۈشەندىسى» دەپ ئاتالغان. ئېلىمىزنىڭ قەدىمكى دەۋرىدە، ئانتارېس «ئوت» ياكى «ئۇلۇغ ئوت» دەپ ئاتالغان. ھەر يىلى يازدىن كۈزگىچە بولغان ئارىلىقتا، ئانتارېس گۇگۇم ۋاقتىدىن كېيىن يۇلتۇزلۇق ئاسماندىن تەدرىجىي ھالدا غەربكە پاتىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن، «ئۇلۇغ ئوت غەربكە يامرىسا» كۈزنىڭ يېتىپ كېلىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
ئانتارېس ھاياتىنىڭ ئاخىرقى باسقۇچىدا تۇرۇۋاتقان بىر كونا يۇلتۇز، ئۇنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى يېقىلغۇ خوراپ تۈگەشكە ئازلا قالدى. يەنە نەچچە مىڭ يىل ئۆتكەندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى يېقىلغۇ خوراپ تۈگىسە، ئۇ تەدرىجىي ھالدا ئۆزگىرىپ ئاق پەتەك يۇلتۇزغا ئايلىنىپ قالىدۇ.
دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، ئانتارېسنىڭ ئەتراپىدا يەنە بىر ھەمراھ يۇلتۇز بار بولۇپ، سۇس يېشىل رەڭدە كۆرۈنىدۇ، توق قىزىل رەڭلىك ئاساسىي يۇلتۇز بىلەن روشەن سېلىشتۇرما بولۇپ تۇرىدۇ. بۇ ھەمراھ يۇلتۇزنى چوڭ تىپلىق تېلېسكوپ بىلەن كۆزەتكەندىلا ئاندىن كۆرگىلى بولىدۇ.