UyghurWiki
UyghurWikiخىلمۇ-خىل يۇلتۇزلارئاق پەتەك يۇلتۇز

ئاق پەتەك يۇلتۇز

خىلمۇ خىل يۇلتۇزلار تۇرغۇن يۇلتۇزلار ئارىسىدا ناھايىتى كۆپ پەتەكلەر بار، ئۇلارنىڭ قامىتى ئادەتتە يەر شارىنىڭكىدىن كىچىك، ھەتتا بەزىلىرىنىڭ ئاي شارىنىڭكىدىنمۇ كىچىك بولىدۇ، ئۇلارنىڭ رەڭگى ئاقۇش بولغاچقا، كىشىلەر ئۇلارنى ئاق پەتەك يۇلتۇزلار دەپ ئاتىشىدۇ. ئاق پەتەك يۇلتۇزلار گەرچە «پەتەك» بولسىمۇ، لېكىن ئېغىرلىقى كىشىنى ھەيران قالدۇرىدۇ. يەر شارىنىڭ چوڭلۇقى بىلەن ئوخشاش بولغان بىر ئاق پەتەك يۇلتۇزنىڭ ئېغىرلىقى قۇياشنىڭ ئېغىرلىقىغا تەڭ كېلىدۇ. ئادەتتە ئاق پەتەك يۇلتۇزلار يەر شارىدىن نەچچە يۈز مىڭ ھەسسە، ھەتتا نەچچە مىليون ھەسسە ئېغىر بولىدۇ. سىرىئۇسنىڭ بىر دانە ئاق پەتەك يۇلتۇز ھەمراھى بار بولۇپ، دىئامېتىرى يەر شارى دىئامېتىرىنىڭ ئىككى ھەسسىسىگە، ئەمما ئېغىرلىقى يەر شارى ئېغىرلىقىنىڭ300 مىڭ ھەسسىسىگە باراۋەر كېلىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىدىكى سەرەڭگە قېپىچىلىك بىر دانە «كىچىك تاش» نىڭ ئېغىرلىقىلا بەش توننا كېلىدۇ. ئاق پەتەك يۇلتۇزنىڭ زىچلىقى ئەنە شۇنداق چوڭ، چۈنكى ئۇ ئالاھىدە ماتېرىياللاردىن تەركىب تاپقان. بىزگە مەلۇمكى، ماددىلار ئاتومدىن تەركىب تاپىدۇ، ئاتومنىڭ ئۆزى بىر ئىچى كاۋاك ھاۋا شارىغا ئوخشايدۇ، ئۇنىڭ كۆپ قىسىم ماسسىسى ئومۇمەن پۈتكۈل ئاتوم ھەجىمىنىڭ ئون كۋادرىللىئوندىن بىر ئۈلۈش چوڭ - كىچىكلىكىدە كېلىدىغان ئاتوم يادروسىغا مەركەزلەشكەن. ئاتوم خۇددى بىر تۆمۈر توخۇمچىسىنى ئوراپ تۇرغان چوڭ ھاۋا شارىغا ئوخشايدۇ. شۇڭا، ئادەتتىكى ماددىلاردا سانسىزلىغان ئاتوم يادرولىرى بىر يەرگە غۇژمەك يىغىلغان بولمايدۇ، بەلكى ئۇلار ناھايىتى چوڭ بوشلۇق تاشلاپ، تارقاق جايلاشقان بولىدۇ. لېكىن، ئاق پەتەك يۇلتۇزىغا ئوخشاش بۇنداق ئالاھىدە يۇلتۇزنىڭ ئىچكى قىسمىدا كىشىلەر تەسەۋۋۇر قىلالمىغۇدەك دەرىجىدە يۇقىرى بېسىم مەۋجۇت بولۇپ، ئاتومنىڭ تاشقى پوستى قاپسىلىپ يېرىلىپ كېتىلگەن بولىدۇ، ئاتوم يادروسى بىلەن يادرو ئەتراپىدا ئايلىنىۋاتقان ئاتوملار بىر كاللەك بولۇپ ئۇيۇشقان، ئاتوم يادرولىرى تارقاق ھالەتتە جايلاشماستىن، بەلكى ناھايىتى زىچ تىزىلغان بولىدۇ. ئەنە شۇنداق سەۋەبلەر تۈپەيلى پۈتكۈل يۇلتۇزنىڭ ھەجىمى زور دەرىجىدە قورۇلغان بولسىمۇ، ئەمما ئېغىرلىقى كىچىكلىمىگەن بولىدۇ. ئۇنىڭ زىچلىقى ئۆزگىرىپ ئالاھىدە يۇقىرى بولىدۇ. دېمەك، ئاق پەتەك يۇلتۇز چوڭ بولالماي يىگىلەپ قالغان يۇلتۇز بولماستىن، بەلكى «پرېسلانغان» يۇلتۇزدۇر. ئاق پەتەك يۇلتۇزلار تۇرغۇن يۇلتۇزلار تەدرىجىي ئۆزگىرىپ ياشانغان باسقۇچقا قەدەم قويغان چاغدا ئاندىن ھاسىل بولىدۇ. تۇرغۇن يۇلتۇزنىڭ بىر قاتار يادرو رېئاكسىيىسى توختىغاندىن كېيىن ياكى ئاخىرقى باسقۇچقا يېقىنلاشقان چاغدا، يۇلتۇزنىڭ تاشقى قەۋىتىدىكى ماددىلار مەركەزنىڭ تارتىشىش كۈچىگە بەرداشلىق بېرەلمەي قورۇلىدۇ، تارتىشىش كۈچى بىلەن تەڭلەشكەندە، ئاندىن قورۇلۇش توختايدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئاق پەتەك يۇلتۇز ئاپىرىدە بولىدۇ. قورۇلۇش داۋامىدا قويۇپ بېرىلگەن ناھايىتى زور ئېنېرگىيە ئاق پەتەك يۇلتۇزنى ئاقارتىپ ھەم قىزدۇرۇپ، سىرتقى يۈز تېمپېراتۇرىسىنى يۇقىرى بولغاندا10 مىڭ سېلىسىيە گرادۇستىن ئاشۇرۇۋېتىدۇ. مانا بۇ ئاق پەتەك يۇلتۇزنىڭ ئاق نۇر چېچىشىنىڭ سەۋەبى. كېيىن تۆمۈر ئېرىتمىسى قېتىشىپ كاللەك ھالەتكە كەلگەنگە ئوخشاش ئاق پەتەك يۇلتۇزمۇ تەدرىجىي سوۋۇپ، تۇتۇقلىشىپ، ئەڭ ئاخىر ھەجىمى تېخىمۇ كىچىك، زىچلىقى تېخىمۇ چوڭ، ئۆزىدىن تامامەن نۇر تارقىتالمايدىغان قارا پەتەك يۇلتۇزغا ئايلىنىدۇ.
← بارلىق تېمىلار خىلمۇ-خىل يۇلتۇزلار
ئاق پەتەك يۇلتۇز | UyghurWiki | UyghurWiki