ئاقار يۇلتۇز ۋە مېتېئورىت
خىلمۇ خىل يۇلتۇزلار
سەييارىلەر ئارا بوشلۇقتا سەييارە، ھەمراھ، كومېتالاردىن تاشقىرى يەنە سانسىزلىغان ئۇششاق ماددىلار ۋە چاڭ - توزانلار بار، ئۇلار ئومۇملاشتۇرۇلۇپ ئاقار يۇلتۇز ماددىلىرى ياكى ئايرىم - ئايرىم ھالدا ئاقار يۇلتۇزسىمان جىسىم ۋە مىكرو مېتېئورسىمان جىسىملار دەپ ئاتىلىدۇ.
يەر شارى ئالەم بوشلۇقىدا ھەرىكەت قىلىدۇ، ھەر ۋاقىت ناھايىتى كۆپ ئاقار يۇلتۇز ماددىلىرى بىلەن ئۇچرىشىپ تۇرىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە، مىللىمېتىر دەرىجىلىك ياكى ئـۇنـىڭدىن چوڭراق ئاقار يۇلتۇزسىمان جىسىملار ئاتموسفېراغا كىرگەندە، ئاتموسفېرا بىلەن سۈركىلىش سەۋەبىدىن80 ~120 كىلومېتىرلىق يۇقىرى ھاۋا بوشلۇقىدا قىزىپ نۇر تارقىتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن يۇلتۇزلۇق ئاسماندا بىر نۇر ئىزىنى قالدۇرۇپ تېزلا غايىب بولىدۇ، بۇ خىل ھادىسە ئاقار يۇلتۇز دەپ ئاتىلىدۇ. نۇرغۇنلىغان ئاقار يۇلتۇزسىمان جىسىملار زىچ توپلىشىپ، ئوخشاش بىر ئوربىتىنى بويلاپ قۇياش ئەتراپىدا ئايلىنىدۇ. بۇ ئاقار يۇلتۇز گۇرۇپپىسى يەر شارى بىلەن ئۇچراشقان چاغدا، كۆزەتكۈچىلەر مەلۇم ئاسمان بوشلۇقىدىن ئاقار يۇلتۇزلارنىڭ كەينى - كەينىدىن «ئېتىلىپ» چىققانلىقىنى ھەمدە تۆت ئەتراپقا قاراپ چاچرىغانلىقىنى كۆرەلەيدۇ، مانا بۇ ئاجايىپ كۆركەم كۆرۈنىدىغان «ئاقار يۇلتۇز يامغۇرى ھادىسىسى» دۇر. سەل چوڭراق ئاقار يۇلتۇزنىڭ نۇر ئىزى ناھايىتى يورۇق كۆرۈنىدۇ، بەزىدە يەنە چاقنىغان ئاۋازىمۇ چىقىدۇ، بۇ خىل ئاقار يۇلتۇزلار ئوتلۇق ئاقار يۇلتۇزلار دەپ ئاتىلىدۇ. مۆلچەرلىنىشىچە، ھەر يىلى يەر شارىغا چۈشىدىغان ئاقار يۇلتۇز ماددىلىرىنىڭ ئومۇمىي مىقدارى100 مىڭ توننىدىن ئېشىپ كېتىدىكەن، بىراق ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى كۆپ قىسمى كۆرۈنمە نۇر ئىزى پەيدا قىلالمايدىغان مىكرو مېتېئورسىمان جىسىملار ئىكەن.
ئاقار يۇلتۇزسىمان جىسىم ئادەتتە ئاتموسفېرادا تولۇق كۆيۈپ گازغا ئايلىنىدۇ، پەقەت سەل چوڭراق ئاقار يۇلتۇزسىمان جىسىملار ياكى مىكرو مېتېئورسىمان جىسىملارلا يەر يۈزىگە يېغىپ چۈشىدۇ، ئۇلار ئايرىم - ئايرىم ھالدا مېتېئورىت ياكى مىكرو مېتېئورىتلار دېيىلىدۇ. تاكى بۈگۈنگە قەدەر، پۈتۈن دۇنيا بويىچە يىغىۋېلىنغان مېتېئورىت ئەۋرىشكىلىرى3000 غا يەتتى.
دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ بىر پارچە مېتېئورىتنىڭ ئېغىرلىقى1770 كىلوگرام بولۇپ، ئۇ1976 - يىل3 - ئاينىڭ8 - كۈنى ئېلىمىزنىڭ جىلىن ئۆلكىسىگە چۈشكەن مېتېئورىتنىڭ بىر پارچىسى ھېسابلىنىدۇ. ئېلىمىزنىڭ شىنجاڭ تەۋەسىگىمۇ بىر پارچە مېتېئورت تۆمۈر چۈشكەن، ئېغىرلىقى30 توننا كېلىدۇ، دۇنيا بويىچە ئۈچىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ.
مېتېئورىتلارنى تەتقىق قىلىش مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. بۇنىڭ ئاساسىي سەۋەبى شۇكى، نەچچە مىليارد يىللاردىن بۇيان، قۇياش سىستېمىسى ئىچىدە يەر شارى قاتارلىق سەل چوڭراق ئاسمان جىسىملىرى يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق جەريانلارنى ياكى تەكرار - تەكرار ماگما ئېرىش جەريانلىرىنى باشتىن كەچۈردى ياكى تا بۈگۈنگە قەدەر باشتىن كەچۈرمەكتە. لېكىن ماسسىسى كىچىك ئاسمان جىسىملىرىنىڭ ئىچكى قىسمىدا تېمپېراتۇرا ئادەتتە يۇقىرى بولمايدۇ، ناھايىتى كۆپلىگەن كىچىك ئاسمان جىسىملىرى ئىزچىل تۈردە «سوغۇق ساقلاش» ھالىتىدە تۇرماقتا، ئۇلار ھاسىل بولغاندىن تارتىپ سۈپەت ئۆزگەرتمىگەن ياكى ئاز سۈپەت ئۆزگەرتكەن، شۇڭا، دەسلەپكى مەزگىللەرگە دائىر ناھايىتى كۆپ ئۇچۇرلارنى ساقلاپ قالغان. مېتېئورىتلار ئىنسانلارنىڭ قولىغا چۈشكەن قىممەتلىك كىچىك ئاسمان جىسىمى ئەۋرىشكىسىدۇر. شۇڭلاشقا، مېتېئورىتلارنى تەتقىق قىلىشنىڭ قۇياش سىستېمىسى، يەر شارى ۋە ئۇنىڭدىكى ئىپتىدائىي ھاياتلىقلارنىڭ تەركىبىي قىسمى، كېلىپ چىقىشى ۋە تەدرىجىي ئۆزگىرىش ئەھۋاللىرىنى تەكشۈرۈش ۋە مۇھاكىمە قىلىشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.
بىراق، ئالاھىدە چوڭ مېتېئورىت ھادىسىسى (كىچىك سەييارىلەر، كومېتا يادروسى ۋە چوڭ ئاقار يۇلتۇزسىمان جىسىملارنىڭ يەر شارىغا ئۇرۇلۇشى) ئانچە ياخشى ئىش ئەمەس. چۈنكى بۇنداق ھادىسە قىسقا مەزگىل ئىچىدە نۇرغۇن جانلىقلارغا زىيان - زەخمەت يەتكۈزىدۇ، يەنە كېلىپ ئۇزاققىچە تارقىلىپ كېتەلمەيدىغان تۇمان ۋە ئىس - تۈتەكلەرنى پەيدا قىلىپ، يەر شارى ئىقلىمىنىڭ تۇيۇقسىز ئۆزگىرىپ بېرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.