UyghurWiki
UyghurWikiخىلمۇ-خىل يۇلتۇزلاربېتېلگېيز

بېتېلگېيز

خىلمۇ خىل يۇلتۇزلار بېتېلگېيز ئېلىمىزدە سەنسوسى دەپ ئاتىلىدۇ. «参» ئېلىمىزدە ئەنئەنە بويىچە ئاتىلىپ كەلگەن يۇلتۇزلارنىڭ «يىگىرمە سەككىز تۈركۈم» ئىچىدىكى بىرى ھېسابلىنىدۇ. سەنسو يەنە شىشېن دەپمۇ ئاتىلىدۇ. رىۋايەت قىلىنىشىچە، شىشېن پادىشاھ گاۋشىنشىنىڭ ئوغلى ئىكەن، شىشېننىڭ يەنە بىر قېرىنداش ئىنىسى بار بولۇپ، يەنبو دەپ ئاتىلىدىكەن. ئاكا - ئۇكا ئىككىسى كۈن بويى جېدەللىشىپ يۈرۈپ، گاۋ شىنشىغا ئاراملىق بەرمەيدىكەن. شۇنىڭ بىلەن پادىشاھ ئۇلارنى ئايرىۋېتىش قارارىغا كەپتۇ. يەنبونى شاڭچيۇغا، شىشېننى داشياغا ئولتۇراقلاشتۇرۇپتۇ، ئۇلار كېيىن شاڭ جەمەتى بىلەن شىيا جەمەتىنىڭ ئاتا - بوۋىلىرىدىن بولۇپ قاپتۇ. شاڭ بولسا ئەقرەب α (يەنى ئانتارېس، شاڭ يۇلتۇزى دەپمۇ ئاتىلىدۇ) نى ئۆزىنىڭ جەمەت يۇلتۇزى قىپتۇ؛ شىيا بولسا سەنسونى جەمەت يۇلتۇزى قىپتۇ، شۇڭا، سەنسو، شىشېن دەپمۇ ئاتىلىدىغان بوپتۇ. سەن ۋە شاڭدىن ئىبارەت ئىككى يۇلتۇزنىڭ ئۆزئارا ئارىلىقى ناھايىتى يىراق بولۇپ، بۇ يۇلتۇز كۆتۈرۈلگەندە، ئۇ يۇلتۇز پاتىدىكەن، ئەبەدىي بىر - بىرى بىلەن كۆرۈشەلمەيدىكەن. تاڭ دەۋرىدە ئۆتكەن شائىر دۇفۇ ئۇلارنى شېئىرىدا مۇنداق تەسۋىرلىگەن ئىكەن: ھاياتىدا ئۇچراشمىسا بىر - بىرى بىلەن كىشىلەر، ھەرىكەت قىلىپ يۈرسىمۇ، سەن بىلەن شاڭدەك بىلىنەر. بېتېلگېيزنىڭ ئىلمىي نامى ئورىئون يۇلتۇز تۈركۈمى α بولۇپ، پۈتۈن كۈن ئەڭ يورۇق كۆرۈنىدىغان ئادەتتىن تاشقىرى قىزىل گىگانت يۇلتۇزدۇر. ئۇنىڭ سىرتقى يۈزىنىڭ تېمپېراتۇرىسى ناھايىتى تۆۋەن بولۇپ، ئاران3800 گرادۇس ئەتراپىدا بولىدۇ، قىزىل نۇر تارقىتىشنى ئاساس قىلىدۇ، بىز بىلەن بولغان ئارىلىقى تەخمىنەن650 يورۇقلۇق يىلى كېلىدۇ. بېتېلگېيز ئىنتايىن شالاڭ بىر تۇرغۇن يۇلتۇز بولۇپ، ئۇنىڭ زىچلىقى پەقەت يەر شارى يۈزى ھاۋا زىچلىقىنىڭ600 مىڭدىن بىر ئۈلۈشىگە توغرا كېلىدۇ.2000 نەچچە يىل ئىلگىرى، ئۇ بىر ئوچۇق سېرىق رەڭلىك يۇلتۇز ئىدى، لېكىن ماسسىسى چوڭ، تەدرىجىي ئۆزگىرىشى تېز بولغاچقا، ھازىر تىپىك بىر ئادەتتىن تاشقىرى قىزىل گىگانت يۇلتۇزغا ئايلىنىپ قالدى. بېتېلگېيزنىڭ يەنە بىر ئالاھىدىلىكى بار بولۇپ، ئۇنىڭ ھەجىمى ھەمىشە دېگۈدەك ئۆزگىرىش ھالىتىدە تۇرىدۇ. ئۇ كېڭىيىپ يوغىنىغان چاغدا، دىئامېتىرى قۇياش دىئامېتىرىنىڭ1000 ھەسسىسىگە توغرا كېلىدۇ، تارىيىپ كىچىكلىگەن چاغدا، دىئامېتىرى قۇياش دىئامېتىرىنىڭ700 ھەسسىسىگە باراۋەر كېلىدۇ. چوڭ - كىچىكلىكى ھەمىشە ئۆزگىرىپ تۇرغاچقا، ئۇنىڭ يورۇقلۇقىمۇ ئۈزلۈكسىز ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ. يورۇقلۇقى ھەمىشە ئۆزگىرىپ تۇرىدىغان بۇ خىل تۇرغۇن يۇلتۇزلار «ئۆزگىرىشچان يۇلتۇزلار» دەپ ئاتىلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار خىلمۇ-خىل يۇلتۇزلار
بېتېلگېيز | UyghurWiki | UyghurWiki