UyghurWiki
UyghurWikiخىلمۇ-خىل يۇلتۇزلاركاستور ۋە پوللۇكس

كاستور ۋە پوللۇكس

خىلمۇ خىل يۇلتۇزلار كاستور ۋە پوللۇكس ئايرىم - ئايرىم ھالدا جەۋزا يۇلتۇز تۈركۈمىدىكى جەۋزا α بىلەن جەۋزا β نى كۆرسىتىدۇ. ئۇلار جەۋزا يۇلتۇز تۈركۈمىدىكى ئەڭ يورۇق يۇلتۇزلاردۇر. پوللۇكس كاستورغا قارىغاندا بەكرەك يورۇق كۆرۈنىدۇ، ئۇ جەۋزا يۇلتۇز تۈركۈمىدىكى بىردىنبىر بىرىنچى دەرىجىلىك يورۇق يۇلتۇز ھېسابلىنىدۇ. قەدىمكى يۇنان ئەپسانىلىرىدە، جەۋزا α يۇلتۇزى بىلەن جەۋزا β يۇلتۇزى بىر جۈپ يېقىن ئاكا - ئۇكىلار دەپ تەسۋىرلىنىدۇ. كاستور ۋە پوللۇكسلار ئاساسەن دېگۈدەك ئورىئون يۇلتۇز تۈركۈمىدىكى بېتېلگېيز ۋە رىگېللار بىلەن ئوخشاش بىر ۋاقىتتا ئاسماننىڭ شەرق تەرىپىدە پەيدا بولىدۇ، كاستور بىلەن پوللۇكس ئورنى جەھەتتىن سەل شىمالدىراق كۆرۈنىدۇ، خالاس.11 - ئايدىن باشلاپ، جەۋزا يۇلتۇز تۈركۈمى گۇگۇم ۋاقتىدىن تاكى ئالدىنقى يېرىم كېچىگىچە ئاسماندىكى روشەن نىشان بولۇپ قالىدۇ. كاستور بىلەن پوللۇكس ئاساسەن تەڭلا ۋاقىتتا شەرق تەرەپتىن كۆتۈرۈلىدۇ، يەنە مۈرىنى - مۈرىگە تىرىگەن قىياپەتتە غەرب ئۇپۇقىغا پېتىپ غايىب بولىدۇ.3 -،4 - ئايلاردا كاستور بىلەن پوللۇكس ھەمىشە گۇگۇم ۋاقتىدىن كېيىن غەربنىڭ كېچە ئاسمىنىدىكى ناھايىتى ئېگىز ئورۇندا ئىنتايىن چىرايلىق قىزغۇچ سېرىق نۇر چېچىپ تۇرىدۇ. كاستور بىلەن پوللۇكس گەرچە ئاسمان شارىدا ئۆزئارا خېلى يېقىن، بىر جۈپ ئاكا - ئۇكىدەك كۆرۈنسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ئۆزئارا ئارىلىقى خېلى يىراق بولۇپلا قالماستىن، بەلكى يەنە تامامەن ئوخشاش بولمىغان ئىككى خىل يۆنىلىشتە ھەرىكەت قىلىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە كاستور بىزدىن تەخمىنەن45 يورۇقلۇق يىلى يىراقلىقتا، پوللۇكس بىزدىن تەخمىنەن35 يورۇقلۇق يىلى يىراقلىقتا تۇرىدۇ. ئاسترونومىيە تېلېسكوپى بىلەن كۆزىتىش ئارقىلىق، پوللۇكسنىڭ ئۈچ جۈپ قوش يۇلتۇزدىن تۈزۈلگەن جۇغلانما يۇلتۇز ئىكەنلىكى ئىسپاتلاندى.
← بارلىق تېمىلار خىلمۇ-خىل يۇلتۇزلار