ئەجدىھا يۇلتۇز تۈركۈمى
خىلمۇ خىل يۇلتۇزلار
ئەجدىھا يۇلتۇز تۈركۈمى شىمالنىڭ كېچىلىك ئاسمىنىدا بىر يىلنىڭ تۆت پەسلىدە كۆرگىلى بولىدىغان يۇلتۇز تۈركۈمىدۇر، ئۇ بىر ئاجايىپ زور ئەجدىھاغا ئوخشاش شىمال ئاسمان بوشلۇقىدا چوڭ ئېيىق يۇلتۇز تۈركۈمى، كىچىك ئېيىق يۇلتۇز تۈركۈمى ۋە گېركۇلېس يۇلتۇز تۈركۈملىرىنىڭ ئارىسىدا «S» شەكىللىك ھالەتتە چۆرگىلەپ يۈرىدۇ. ئۇنىڭ بېشى گېركۇلېسنىڭ شىمالىغا جايلاشقان بولۇپ، ئۇزۇن ئەجدىھاسىمان تېنى شىمالىي قۇتۇپ يۇلتۇزىنىڭ يېرىم چەمبىرىنى ئوراپ تۇرىدۇ. ئەجدىھا بېشى2 -،3 -،4 - ۋە5 - دەرىجىلىك تۆت دانە يۇلتۇزدىن تەركىب تاپقان. ئەجدىھا بېشىنىڭ كۈرە شەكىللىك ئېغىزىدىكى ئىككى دانە يۇلتۇزنى بىر تۈز سىزىق ئارقىلىق تۇتاشتۇرۇپ، شۇ تۈز سىزىقنى شىمالغا ئۇزارتىپ نەزەر سالساق، شىمالىي قۇتۇپ يۇلتۇزىنى تاپالايمىز.
خاتىرىلەرگە ئاساسلانغاندا، بۇنىڭدىن4000 يىل بۇرۇن ئەجدىھا يۇلتۇز تۈركۈمىنىڭ قۇيرۇقىدىكى α يۇلتۇزى (چوڭ ئېيىق يۇلتۇز تۈركۈمىدىكى مىتسار بىلەن كىچىك ئېيىق يۇلتۇز تۈركۈمىدىكى ۋەلىئەھد يۇلتۇزى γ نى تۇتاشتۇرغان سىزىقنىڭ مەركىزىي نۇقتىسىدا) ھازىرقى شىمالىي قۇتۇپ يۇلتۇزىنىڭ ئورنىدا ئىكەن. يەنە شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، ئەجدىھانىڭ قۇيرۇقىدىكى بۇ α يۇلتۇزى4000 يىل ئىلگىرى شىمالىي قۇتۇپ يۇلتۇزى بولغان، ئېلىمىزدە «ئوڭ دۈبھى» دەپ ئاتالغان، رىۋايەت قىلىنىشىچە، قەدىمكى مىسىر دەۋرىدىن قېپقالغان پادىشاھ چىئاپوس دەپنە قىلىنغان ئەلئېھرامنىڭ ئاستىدا100 مېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى تونېل بولۇپ، ئۇنىڭ يۆنىلىشى دەل ئوڭ دۈبھىنى بويلاپ قېزىلغانىكەن. قەدىمكى مىسىردىكى ئەۋلىيا - ئەمەلدارلارنىڭ ھەممىسى ئەينى چاغدا مۇشۇ جايدا تۇرۇپ شىمالىي قۇتۇپ يۇلتۇزىنى كۆزەتكەنىكەن.
قەدىمكى يۇنان ئەپسانىلىرىدە ھېكايە قىلىنىشىچە، ھېسبولدېس دەيتەن مىللىتىدىن بولغان ئاتلاسنىڭ قىزلىرى تۇرۇشلۇق جاي ئىكەن. ئاسمان ئىلاھى زېئۇسنىڭ ئىلاھە ھېرا بىلەن توي قىلغانلىقىنى تەبرىكلەش يۈزىسىدىن مۇشۇ جايغا ئالتۇن ئالما دەرىخى تىكىلگەنىكەن، بۇ مېۋىلىك دەرەخنى ئوت پۈركۈيدىغان غايەت زور ئەجدىھا مۇھاپىزەت قىلىدىكەن. قەھرىمان ھايگىلىس (گېركۇلېس يۇلتۇز تۈركۈمى) بۇ يەردىن ئالتۇن ئالما ئۈزمەكچى بولغاندا، ئەجدىھا ئۇنى توسۇۋالغانىكەن. شۇنىڭ بىلەن ھايگىلىس ئاتلاسنى ھىيلە بىلەن ئالداشقا مەجبۇر بوپتۇ ھەمدە ئاتلاسنىڭ قىزلىرىدىن ئالتۇن ئالمىنى ئېلىپتۇ. كېيىن ئىلاھە ھېرا بۇ ئەجدىھانى ئەرشىئەلاغا ئېلىپ چىقىپ، ئەجدىھا يۇلتۇز تۈركۈمىنى ھاسىل قىلغانىكەن، ئەمما، گېركۇلېس يۇلتۇز تۈركۈمىگە ئايلاندۇرۇلغان ھايگىلىس يەنىلا ئاسماندىكى ئورنىدا ھەيۋەتلىك تۇرۇۋېرىپتۇ، ئۇ قولىغا يوغان توقماق ئالغان پېتى ئەجدىھانىڭ باش قىسمىغا دەسسەپ تۇرۇپ، ئۇنىڭ بىلەن زادىلا چىقىشالمىغاندەك بىر خىل تىركەشمە قىياپەتتە تۇرىدىكەن