قەۋس يۇلتۇز تۈركۈمى
خىلمۇ خىل يۇلتۇزلار
ئەقرەب يۇلتۇز تۈركۈمىدىن شەرققە قاراپ يۈرۈپ سامانيولىنىڭ يېرىمىدىن ئۆتكەندە، بۈركۈت يۇلتۇز تۈركۈمىنىڭ جەنۇبىي ۋە جەدى يۇلتۇز تۈركۈمىنىڭ غەربىي تەرىپىدە دەل قەۋس يۇلتۇز تۈركۈمىنى ئۇچراتقىلى بولىدۇ. قەۋس يۇلتۇز تۈركۈمى ئېكلىپتىكادىكى12 بۇرجقا جايلاشقان يۇلتۇز تۈركۈمىنىڭ بىرى. ئېكلىپتىكىنىڭ ئەڭ جەنۇبىي نۇقتىسى − قىشلىق كۈن - تۈن توختاش نۇقتىسى دەل ئۇنىڭ ئىچىدە. قۇياش تەخمىنەن ھەر يىلى12 - ئاينىڭ16 - كۈنى قەۋس يۇلتۇز تۈركۈمىگە كىرىدۇ؛ بەش كۈندىن كېيىن، يەنى قىشلىق كۈن - تۈن توختاش كۈنى (12 - ئاينىڭ22 - كۈنى ياكى21 - كۈنى) ئەڭ جەنۇبتىكى قىشلىق كۈن - تۈن توختاش نۇقتىسىغا بارىدۇ. بۇ چاغدا شىمالىي يېرىم شارنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا كۈندۈز ئەڭ قىسقا، كېچە ئەڭ ئۇزۇن بولىدۇ.
يازدىن كۈزگىچە بولغان مەزگىلدە قەۋس يۇلتۇز تۈركۈمى كېچىنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا جەنۇبىي ئاسمان يۇلتۇز دۇنياسىدا پەيدا بولىدۇ. بۇ يۇلتۇز تۈركۈمىدە گەرچە1 - دەرىجىلىك يورۇق يۇلتۇز يوق بولسىمۇ، ئىككى دانە2 - دەرىجىلىك ۋە سەككىز دانە3 - دەرىجىلىك يۇلتۇز بار، بۇ يۇلتۇزلار غۇژمەكرەك جايلاشقان بولغاچقا، قارىماققا يورۇق كۆرۈنىدۇ.
ئەگەر قەۋس يۇلتۇز تۈركۈمىدىكى نىسبەتەن يورۇق بولغان ئالتە يۇلتۇزنى تۇتاشتۇرساق، ئۇلار كىچىك بىر چۆمۈچكە ئوخشاپ قالىدۇ، ئۇلار سامانيولىغا جايلاشقانلىقتىن، «سامانيولىدىكى چۆمۈچ» دەپ ئاتالغان، ئېلىمىزنىڭ قەدىمكى دەۋرىدىكىلەر ئۇنى «جەنۇبتىكى ئالتە قاراقچى يۇلتۇز» دەپ ئاتىغان، ئۇ شىمالدىكى «يەتتە قاراقچى يۇلتۇز» بىلەن يىراق - يىراقلاردىن قارىشىپ تۇرىدۇ.
قەۋس يۇلتۇز تۈركۈمى يۇنان ئەپسانىلىرىدە سېنتاۋرغا ئوخشاش غەلىتە بىر مەخلۇقنىڭ ئوقيا ئېتىۋاتقان ھالىتىگە سىمۋول قىلىنىدۇ. رىۋايەت قىلىنىشىچە، ئۈستى يېرىم قىسمى ئادەمگە، ئاستى يېرىم قىسمى ئاتقا ئوخشايدىغان يېرىم ھايۋان ئىلاھلارنىڭ ئارىسىدا قەۋس ئىسىملىك ئاتسىمان ئادەم بولۇپ، تۇغۇلۇشىدىنلا ناھايىتى مېھرىبان، ئەقىللىق ئىكەن، مۇزىكا، تېبابەتچىلىك، ئوۋچىلىق قاتارلىق كۆپ خىل ھۈنەر - سەنئەتنى بىلىدىكەن، كېيىن ئۇ پىلۋىن تېغىنىڭ ئۆڭكۈرىدە تەركىدۇنيا بولۇپ ياشاپتۇ، گۈلدەك ھۈنىرىنى باشقىلارغا ئۆگىتىپتۇ، ئۇنىڭ شاگىرتلىرى بىر خىل ھۈنەرنى ئۆگىنىۋالسىلا دۇنياغا تونۇلىدىكەن. ھايگىلىس (گېركۇلېس يۇلتۇز تۈركۈمى) ۋە ئەرشتىكى قوشكېزەكلەر (جەۋزا يۇلتۇز تۈركۈمى) نىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ شاگىرتلىرى ئىكەن. لېكىن، كۈتۈلمىگەن يەردىن ھايگىلس بەزى ئاتسىمان ئادەملەر بىلەن قىلغان جەڭلەردە ئۇقۇشماسلىقتىن زەھەرلىك ئوقيا ئېتىپ قەۋسنى ئۆلتۈرۈپ قويۇپتۇ. ئاسمان ئىلاھى زېئۇس قەۋسنىڭ بىئەجەل ئۆلۈمىگە ئېچىنىپ، ئۇنى ئەرشىئەلاغا ئېلىپ چىقىپ، قەۋس يۇلتۇز تۈركۈمىنى ھاسىل قىلغانىكەن.
سامانيولىنىڭ مەركىزى قەۋس يۇلتۇز تۈركۈمىنىڭ يۆنىلىشىگە توغرا كېلىدۇ، ئۇ يەردە گۈزەل ھەم نىسبەتەن يورۇق تۇمانلىق بار. ئۇلارنىڭ ئىچىدىن بىرىنىڭ شەكلى ئاتنىڭ تۇيىقىغا ئوخشىشىپ كەتكەچكە، «ئات تۇيىقى تۇمانلىقى» دېگەن نام بىلەن ئاتالغان. ئۇ يەنە قەدىمكى گرېك يىزىقىدىكى «Ω» غا ئوخشىشىپ كەتكەچكە، ئومىگا (ω) تۇمانلىقى دەپمۇ ئاتالغان، تېلېسكوپ ئارقىلىق كۆزەتكەندە، ئۇ بىر يورۇق ھەم غايەت زور گازلىق تۇمانلىق بولۇپ كۆرۈنىدۇ، ئەتراپىدا نۇرغۇنلىغان يورۇق تۇمانلىق ۋە يۇلتۇزلار توپى ئۇچرايدۇ، ئۇنىڭ سىرتقى شەكلى بىر قاراشقا كىشىلەرگە كۆل بويىدىكى چىرايلىق ئاق قۇنى ئەسلەتكەچكە، كىشىلەر ئۇنى يەنە «ئاق قۇ تۇمانلىقى» دەپمۇ ئاتىغان.