UyghurWiki
UyghurWikiخىلمۇ-خىل يۇلتۇزلاررادىئو مەنبەسى

رادىئو مەنبەسى

خىلمۇ خىل يۇلتۇزلار 1931 - يىلى يانسكى ئىسىملىك بىر ئامېرىكىلىق ئىنژېنېر ئۆزىنىڭ رادىئو قوبۇللىغۇچىدا كېلىش مەنبەسى ئېنىق بولمىغان بىر رادىئو دولقۇنىنى قوبۇل قىلىدۇ. بۇ خىل رادىئو دولقۇنى ھەر كۈنى پەيدا بولىدىغان بولۇپ، پەيدا بولۇش دەۋرىيلىكى دەل يەر شارىنىڭ تۇرغۇن يۇلتۇزلارغا نىسبەتەن ئۆز ئوقىدا بىر قېتىم ئايلىنىپ چىقىش ۋاقتىغا باراۋەر كېلىدىكەن. كېيىنچە تەتقىق قىلىش ئارقىلىق ئۇنىڭ سامانيولىنىڭ مەركىزىدىن كەلگەن رادىئو دولقۇنى ئىكەنلىكى ئىسپاتلانغان. شۇنداق بولۇپلا قالماستىن، يەنە كائىناتتىكى نۇرغۇنلىغان ئاسمان جىسىملىرى رادىئو ئىستانسىسىغا ئوخشاش سىرتقا قارىتا خېلى كۈچلۈك رادىئو دولقۇنى تارقىتىدۇ ھەمدە بۇ دولقۇنلارنى يەر شارىدا تۇرۇپ رادىئو تېلېسكوپ ئارقىلىق قوبۇل قىلغىلى بولىدۇ، مانا بۇ بىز ئاتاۋاتقان رادىئو مەنبەسىدۇر. يېقىنقى زامان رادىئو ئاسترونومىيىسى بىزگە شۇنى بىلدۈردىكى، ئالەم بوشلۇقىدىن كەلگەن بۇ رادىئو دولقۇنى سىگناللىرى كائىناتتىكى ئاسمان جىسىملىرى ئۆزى تارقاتقان بىر خىل رادىئو نۇرى، خالاس. بۇ خىل ئالەم نۇرى ئىنتايىن كۈچلۈك ئېنېرگىيىگە ئىگە بولۇپ، ئۇ تارقاتقان رادىئاتسىيە زەررىچىلىرىنىڭ سۈرئىتى يورۇقلۇق سۈرئىتى بىلەن تەڭلىشىپ قالىدۇ. ئالەم نۇرى يەر شارى ئاتموسفېراسىنىڭ سىرتقى قەۋىتىگە كىرگەندە، ئاتموسفېرا قەۋىتىدىكى ھەر خىل گازلىق جىسىملارنىڭ مولېكۇلىلىرىغا قاتتىق سوقۇلۇپ، يەنە باشقا زەررىچىلەرنى پەيدا قىلىدۇ. ئۇلار يەر يۈزىگە ئۇرۇلۇپ كەلگەندە، بىز ئەسۋاب - ئۈسكۈنىلەر بىلەن خاتىرىلىۋالالايمىز، ئاندىن بۇ سىگناللارنى كومپيۇتېرغا كىرگۈزۈپ بىر تەرەپ قىلىپ، ئەڭ ئاخىردا خۇددى يىل ھالقىسىغا ئوخشىشىپ كېتىدىغان بىر سخېمىغا ئىگە بولىمىز، ئۇ رادىئو مەنبەسىدىن كەلگەن رادىئو دولقۇنلىرىنىڭ كۈچلۈك - ئاجىزلىقى بويىچە تارقىلىش ئەھۋالىنى ئىپادىلەپ بېرىدۇ. مەسىلەن، داڭلىق رادىئو مەنبەسى سانىلىدىغان ئاق قۇ يۇلتۇز تۈركۈمى A نىڭ رادىئو دىئاگراممىسى خۇددى ئادەمنىڭ كۆز ئالمىسىغا ئوخشىشىپ كېتىدىغان ئىككى يۇمىلاق داغدىن ئىبارەت. قىزىقارلىقى شۇكى، بۇ ئىككى يۇمىلاق داغ يۇلتۇز سىستېمىسىنىڭ ئۆزىدە بولماستىن، بەلكى يۇلتۇز سىستېمىسىنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى سىممېترىك ئورۇنغا جايلاشقان، ئۇلارنىڭ بىر - بىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى300 مىڭ يورۇقلۇق يىلى كېلىدۇ. ئاسترونوملار ئوپتىك تېلېسكوپ بىلەن بۇ ئىككى «كۆز ئالمىسى» نىڭ جايلاشقان ئاسمان رايونىنى تەپسىلىي كۆزىتىپ، ھېچ نەرسىنى بايقىيالمىغان. دەرۋەقە، نۇرغۇنلىغان رادىئو مەنبەلىرىنىڭ ئۆزىگە ماس كېلىدىغان بىر ئاسمان جىسىمىنى بايقىغىلى بولىدۇ، لېكىن ئاق قۇ يۇلتۇز تۈركۈمى A غا ئوخشاش بۇنداق ئەھۋال كەمدىن - كەم ئۇچرايدىغان ئەھۋال ئەمەس. ھازىر ئېنىقلاندىكى، ھەر خىل تىپتىكى سامانيولى سىستېمىسىنىڭ سىرتىدىكى يۇلتۇزلار سىستېمىسىنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك سىرتقا قارىتا رادىئو دولقۇنى تارقىتىدۇ. يانسكى قوبۇل قىلغان ئاشۇ رادىئو دولقۇنى دەل سامانيولى سىستېمىسىنىڭ مەركىزىي رايونىدىن كەلگەن. ھازىر ئېنىقلانغان ئالەم رادىئو مەنبەسى نەچچە ئون مىڭدىن كەم ئەمەس. بۇ رادىئو مەنبەلىرى ئالەم بوشلۇقىغا تارقالغان رادىئو ئىستانسىلىرىغا ئوخشايدۇ، بىزگە يېڭى ئالەم ئۇچۇرلىرىنى يەتكۈزۈپ تۇرىدۇ. رادىئو مەنبەسىنىڭ بايقىلىشى ۋە يېقىنقى زامان رادىئو ئاسترونومىيىسىنىڭ تەرەققىي قىلىشى، ئىنسانلارنىڭ ئالەمنى تېخىمۇ چوڭقۇر بىلىشى ئۈچۈن يەنە بىر مۇھىم كۆزنەك — «رادىئو كۆزنىكى» نى ئېچىپ بەردى. ئالدىنقى ئەسىرنىڭ60 - يىللىرىدىكى تۆت چوڭ ئاسترونومىيىلىك بايقاش — يۇلتۇزسىمان جىسىم، ئىمپۇلس يۇلتۇز، يۇلتۇزلار ئارا مولېكۇلا ۋە ئالەم مىكرو دولقۇنى ئارقا كۆرۈنۈشىدىكى رادىئاتسىيىلەرنىڭ ھەممىسى رادىئو ئاسترونومىيىلىك ۋاسىتىلەر ئارقىلىق كۆزىتىلگەن. بۇ بايقاشلارنىڭ ھەممىسى ئاسترونومىيە ۋە فىزىكا ئىلمى ئۈچۈن دەۋر بۆلگۈچ تۆھپىلەرنى قوشتى.
← بارلىق تېمىلار خىلمۇ-خىل يۇلتۇزلار
رادىئو مەنبەسى | UyghurWiki | UyghurWiki