لىرا يۇلتۇز تۈركۈمى
خىلمۇ خىل يۇلتۇزلار
لىرا يۇلتۇز تۈركۈمى ياز پەسلىنىڭ كېچە ئاسمىنىدا ناھايىتى چىرايلىق كۆرۈنىدىغان كىچىك يۇلتۇز تۈركۈمىدۇر. ئۇ «ياز پەسىللىك چوڭ ئۈچبۇلۇڭ» نىڭ تەركىبىي قىسمى. لىرا يۇلتۇز تۈركۈمى ئىچىدىكى ئاساسىي يۇلتۇز لىرا α يۇلتۇزى سامانيولىنىڭ غەربىگە جايلاشقان، مەملىكىتىمىزدە توقۇمىچى قىز يۇلتۇزى دەپ ئاتىلىدۇ. توقۇمىچى قىز يۇلتۇزىنىڭ يېقىن ئەتراپىدا تۆت دانە كىچىك يۇلتۇز بار بولۇپ، بۇ يۇلتۇزلار بىر كىچىك رومبىنىڭ شەكلىنى ھاسىل قىلىدۇ. ئۇ كىچىك رومبا توقۇمىچى قىزنىڭ رەخت توقۇشتا ئىشلىتىدىغان موكىسى ئىكەن. توقۇمىچى قىز رەخت توقۇغاچ بېشىنى كۆتۈرۈپ سامانيولىدىكى پادىچى يىگىت ۋە ئۇلارنىڭ ئىككى بالىسى (بۈركۈت يۇلتۇز تۈركۈمىدىكى ئۈچ يۇلتۇز) غا پات - پات قاراپ قويىدىكەن.
قەدىمكى يۇنان ئەپسانىلىرىدە تەسۋىرلىنىشىچە، توقۇمىچى قىز ۋە «موكىسى» قاتارلىق يۇلتۇزلار قالۇن (قەدىمكى يەتتە تارلىق چالغۇ) نىڭ شەكلىنى ھاسىل قىلغانىكەن، قالۇن ناخشىچى ئېرپوسنىڭ ئەڭگۈشتەر چالغۇسى ئىكەن. ئېيتىلىشىچە، قۇياش ئىلاھى ئاپوللو ۋە سەنئەتكار ئىلاھە كالىپونىڭ ئوغلى ئېرپوسنىڭ يېقىملىق ئاۋازى ۋە چىرايلىق بىر ئالتۇن قالۇنى بار ئىكەن. ئۇنىڭ يېقىملىق ناخشىسى ۋە شوخ مۇزىكىسى تاغ جىنسلىرىنى لەرزىگە سېلىپ، ئېقىۋاتقان سۇلارنى توختىتىپ قويىدىكەن. ئۇزاق ئۆتمەي ئېرپوس گۈزەل ئولىدىكنى ئەمرىگە ئېلىپ، ناھايىتى بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرۈپتۇ. بىراق، بەختكە قارشى ئولىدىك ئۇشتۇمتۇت ئالەمدىن ئۆتۈپتۇ، ئېرپوس ئىنتايىن ئازابلانغان ھالدا باقىي ئالەمگە بېرىپ خوتۇنىنى ئەكېلىشكە بەل باغلاپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئالتۇن قالۇنىنى كۆتۈرۈپ باقىي ئالەمگە قاراپ يول ئاپتۇ، قايغۇ - ھەسرەتلىك مۇزىكىلارنى چېلىپ، باقىي ئالەمنىڭ پادىشاھى پلۇتوننى ئاخىر تەسىرلەندۈرۈپتۇ، پادىشاھ ئۇنىڭ خوتۇنىنى كىشىلەر ئارىسىغا ئېلىپ كېتىشكە ئىجازەت قىپتۇ. لېكىن پادىشاھ ئېرپوسنى ئاگاھلاندۇرۇپ، كىشىلەر ئارىسىغا يېتىپ بېرىشتىن ئاۋۋال خوتۇنىغا قايرىلىپ قارىماسلىققا بۇيرۇپتۇ. ئېرپوس ناھايىتى خۇشال ھالدا پادىشاھنىڭ تەكلىپىنى قوبۇل قىلىپ، خوتۇنىنى ئېلىپ كىشىلەر ئارىسىغا قاراپ مېڭىپتۇ. كىشىلەر ئارىسىغا بېرىشقا ئاز قالغان ۋاقىتتا ئېرپوس خۇشاللىقىدىن ئۆزىنى ئۇنتۇپ خوتۇنىغا قاراپ ساپتۇ. ئۇ پادىشاھنىڭ تەكلىپىگە خىلاپلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن سۆيۈملۈك خوتۇنىدىن يەنە بىر قېتىم ئايرىلىپ قاپتۇ. ئۇزاق ئۆتمەي، ئېرپوسمۇ ئازابلانغان ھالدا ئالەمدىن ئۆتۈپتۇ. ئاسمان ئىلاھى زېئۇس ئېرپوسقا ناھايىتى ئېچىنىپ، ئۇنىڭ ئالتۇن قالۇنىنى ئاسمانغا ئېلىپ چىقىپ لىرا يۇلتۇز تۈركۈمىنى ھاسىل قىلغانىكەن.
لىرا يۇلتۇز تۈركۈمىدە توقۇمىچى قىز يۇلتۇزىدىن باشقا يەنە لىرا β، جيەنتەي ئىككى، شۇنىڭدەك شارسىمان تۇمانلىق بار. لىرا β جۇغلانما يۇلتۇز. ئاددىي كۆز بىلەن قارىغاندا، ئۇ قوش يۇلتۇز بولۇپ كۆرۈنىدۇ، ئەسۋابلاردىن پايدىلىنىپ كۆزەتكەندە، ئۇ بىر جۈپ قوش يۇلتۇز بولۇپ كۆرۈنىدۇ. بۇ تۆت يۇلتۇز بىر يەرگە جۇغلىنىۋالغانلىقى ئۈچۈن، «تۆت كەررىلىك يۇلتۇز» دەپ ئاتالغان. جيەنتەي ئىككى بىر تۇتۇلما ئۆزگىرىشچان يۇلتۇز. تۇتۇلما ئۆزگىرىشچان يۇلتۇز ئەمەلىيەتتە قوش يۇلتۇز بولۇپلا قالماي، يەنە بىر - بىرىنى ئايلىنىش جەريانىدا بىر - بىرىنى توسۇۋالىدىغان قوش يۇلتۇزلاردۇر. قارىماققا ئۇلارنىڭ يورۇقلۇقى دەۋرىيلىك ھالدا ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ.
لىرا يۇلتۇز تۈركۈمىدە يەنە ئاجايىپ كۆركەم ئاقار يۇلتۇز يامغۇرىنى كۆرگىلى بولىدۇ، بۇ ھادىسە ھەر يىلى4 - ئاينىڭ19 - كۈنىدىن23 - كۈنىگىچە بولغان ئارىلىقتا، بولۇپمۇ21 - كۈنى ئەڭ ئەۋج ئالىدۇ، ئاقار يۇلتۇز يامغۇرىنىڭ رادىئاتسىيە نۇقتىسى توقۇمىچى قىز يۇلتۇزىنىڭ يېنىدىكى لىرا K يۇلتۇزنىڭ ئەتراپىغا توغرا كېلىدۇ. ئېلىمىزنىڭ قەدىمكى كىتابلىرىدا، بۇ يۇلتۇز تۈركۈمى «كېچىدە يۇلتۇزدىن چۈشكەن يامغۇرغا ئوخشايدۇ» دەپ خاتىرىلەنگەن.