UyghurWiki
UyghurWikiخىلمۇ-خىل يۇلتۇزلارچوڭ ئېيىق يۇلتۇز تۈركۈمى

چوڭ ئېيىق يۇلتۇز تۈركۈمى

خىلمۇ خىل يۇلتۇزلار چوڭ ئېيىق يۇلتۇز تۈركۈمى − شىمالىي ئاسمان بوشلۇقىدىكى ئەڭ يورۇق، ئەڭ مۇھىم يۇلتۇز تۈركۈملىرىنىڭ بىرىدۇر. مەشھۇر يەتتە قاراقچى يۇلتۇز مۇشۇ يۇلتۇز تۈركۈمىگە جايلاشقان. چوڭ ئېيىق يۇلتۇز تۈركۈمىنى بىر يىلدىكى تۆت پەسىلنىڭ ھەممىسىدە كۆرگىلى بولىدۇ، ئەتىياز پەسلىنىڭ گۇگۇم ۋاقتى ئۇنى كۆزىتىشنىڭ ئەڭ مۇۋاپىق پەيتىدۇر. چوڭ ئېيىق يۇلتۇز تۈركۈمىدىكى يۇلتۇزلار بىر چوڭ ئېيىقنىڭ قىياپىتىگە ئوخشىتىلغان. يۇلتۇزلار خەرىتىسىدە يەتتە قاراقچى يۇلتۇزنىڭ چۆمۈچ ساپىقى ئېيىقنىڭ ئۇزۇن قۇيرۇقىنى، چۆمۈچنىڭ ئۆزىدىكى تۆت يۇلتۇز ئېيىقنىڭ بەدىنىنى، باشقا بىر قىسىم تۇتۇقراق كۆرۈنىدىغان يۇلتۇزلار ئېيىقنىڭ بېشى ۋە پۇتىنى ھاسىل قىلىدۇ. قەدىمكى زاماندىكى يۇنان ئەپسانىلىرىدە، بۇ ئېيىق مۇلايىم، گۈزەل قىز كارستونىڭ نامايەندىسى قىلىپ تەسۋىرلىنىدۇ. رىۋايەت قىلىنىشىچە، كارستوغا ئىلاھلار پادىشاھى زېئۇس ئامراق بولۇپ قالىدىكەن، كارستو كېيىن ئۇنىڭدىن بولغان ئوغلى ئاكاسنى تۇغىدىكەن، زېئۇسنىڭ خوتۇنى ھېرا بۇ ئىشلارنى بىلگەندىن كېيىن ئىنتايىن خاپا بولۇپ، سېھرىي كۈچى ئارقىلىق كارستوغا جازا بېرىشنى قارار قىلىدىكەن. كۈتۈلمىگەن ۋاقىتتا، كارستونىڭ ئاپئاق بىر جۈپ قولى قاپقارا تۈك باسقان ئۆتكۈر تىرناقلىق تاپانغا، قىزىل ۋە يۇمران لەۋلىرى بولسا قان تېمىپ تۇرغان كالپۇكلۇق يوغان ئېغىزغا ئۆزگىرىپ قالىدىكەن. گۈزەل قىزچاق شۇنداق قىلىپ ئاخىر بىر چوڭ چىشى ئېيىققا ئايلىنىپ قالىدىكەن. كېيىن زېئۇس بۇ ئىشنى بىلگەندىن كېيىن چوڭ ئېيىقنى ئەرشىئەلاغا ئېلىپ چىقىپ، چوڭ ئېيىق يۇلتۇزلار تۈركۈمىنى ھاسىل قىلغانىكەن. چوڭ ئېيىق يۇلتۇزلار تۈركۈمىدە ئاددىي كۆز ئارقىلىق كۆرگىلى بولىدىغان100 دىن ئارتۇق يۇلتۇز بار بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئالتىسى2 - دەرىجىلىك يۇلتۇز، ئالتىسى3 - دەرىجىلىك يۇلتۇز، باشقا يەنە نۇرغۇنلىغان4 - دەرىجىلىك يۇلتۇزلار بار، ئالتە دانە2 - دەرىجىلىك يۇلتۇزنىڭ ھەممىسى «يەتتە قاراقچى» نىڭ ئۈستىگە تارقالغان بولغاچقا، يەتتە قاراقچى يۇلتۇز چوڭ ئېيىق يۇلتۇز تۈركۈمىدە كۆزگە ئالاھىدە تاشلىنىپ تۇرىدۇ. ئەتىياز پەسلىنىڭ گۇگۇم ۋاقتىدىن كېيىن، بۇ چوڭ ئېيىق شىمالنىڭ كېچە ئاسمىنىدا ئېگىز تەتۈر ئېسىلىپ تۇرىدۇ، قۇيرۇقى (يەنى چۆمۈچ ساپىقى) شەرقنى كۆرسىتىپ تۇرىدۇ. شۇڭا، ئېلىمىز خەلقى ئەزەلدىن چوڭ ئېيىق يۇلتۇز تۈركۈمىنى باھاردىن خەۋەر بەرگۈچى يۇلتۇز تۈركۈمى دەپ قاراپ كەلگەن. چوڭ ئېيىق يۇلتۇز تۈركۈمىدە بىر جۈپ داڭلىق يۇلتۇز بار بولۇپ، ئېلىمىزنىڭ قەدىمكى دەۋرىدە ئۇلار مىتسار يۇلتۇز ۋە ئالكور يۇلتۇز دەپ ئاتالغان. بۇ يۇلتۇزلارنى كىشىلەر دائىم كۆرۈش ئىقتىدارىنى تەكشۈرۈشتە پايدىلانما قىلغان. ھاۋا ئوچۇق كېچىلىرى ئاددىي كۆز ئارقىلىق مىتسار يۇلتۇزنىڭ يېنىدىكى ئالكور يۇلتۇزنى كۆرەلىسە، كۆرۈش ئىقتىدارى5 .1 كە يەتكەن بولىدۇ. ئاسترونوملار مىتسار يۇلتۇز بىلەن ئالكور يۇلتۇز قارىماققا گەرچە بىر - بىرىگە يېقىن يۆلىنىپ تۇرغاندەك كۆرۈنسىمۇ، ئەمەلىيەتتە بىر - بىرىدىن ئىنتايىن يىراق ئارىلىقتا ئىكەنلىكىنى تەكشۈرۈپ بىلگەن. بۇنىڭغا ئوخشاش قارىماققا بىردەك كۆرۈنسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ئۆزئارا باغلىنىشى بولمىغان قوش يۇلتۇز ۋە جۇغلانما يۇلتۇزلار ئاسمان شارىدا ئىنتايىن كۆپ.
← بارلىق تېمىلار خىلمۇ-خىل يۇلتۇزلار
چوڭ ئېيىق يۇلتۇز تۈركۈمى | UyghurWiki | UyghurWiki