UyghurWiki
UyghurWikiخىلمۇ-خىل يۇلتۇزلاريەتتە قاراقچى يۇلتۇز

يەتتە قاراقچى يۇلتۇز

خىلمۇ خىل يۇلتۇزلار شىمالىي ئاسمان بوشلۇقىدا ناھايىتى مەشھۇر بىر يۇلتۇز تۈركۈمى بار بولۇپ، چوڭ ئېيىق يۇلتۇز تۈركۈمى دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇ شىمالىي قۇتۇپ رايونىدىكى ئەڭ يورۇق، ئەڭ مۇھىم بولغان يۇلتۇز تۈركۈمىدۇر. چوڭ ئېيىق يۇلتۇز تۈركۈمىدە سەل يورۇق كۆرۈنىدىغان يەتتە يۇلتۇز بار، ئۇلار ئاسمان بوشلۇقىدا بىر چۆمۈچ شەكلىدە تىزىلغان بولۇپ، قەدىمكى كىشىلەر ھاراق ئۇسقاندا ئىشلىتىدىغان «چۆمۈچ» كە تولىمۇ ئوخشىشىپ كېتىدۇ، شۇڭا ئۇ «يەتتە قاراقچى» ياكى «يەتتە تىكەن»، «يەتتە قوزۇق» دەپ ئاتالغان. يەتتە قاراقچى كىشىلەرنىڭ يۆنىلىشىنى پەرق ئېتىشىگە ياردەم بېرىپلا قالماستىن، بەلكى يەنە ئوخشاش بولمىغان پەسىللەرنىمۇ كۆرسىتىپ بېرەلەيدۇ. يەتتە قاراقچى يۇلتۇزلار چۆمۈچ گەۋدىسىنىڭ يۇقىرىقى ئۇچىدىن باشلاپ، چۆمۈچ ساپىقىنىڭ ئاخىرقى قۇيرۇقىغىچە تەرتىپ بويىچە مۇنداق ئاتىلىدۇ: α (دۈبھې)، β (مېراك)، γ (فېكدا)، δ (مېگرېتس)، ε (ئالىئوت)، ζ (مىتسار)، η (ئالكائىد)، ئېلىمىزدە قەدىمكى زاماندا ئۇلار: چوڭ ئېيىق α، چوڭ ئېيىق β، چوڭ ئېيىق γ، چوڭ ئېيىق δ، چوڭ ئېيىق ε، چوڭ ئېيىق ζ، چوڭ ئېيىق η دەپ ئاتالغان. «چوڭ ئېيىق β» دىن «چوڭ ئېيىق α» غىچە بولغان ئارىلىقنى سىرتقا بىر تۈز سىزىق بويىچە تەخمىنەن بەش ھەسسىدىن كۆپرەك ئۇزارتساق، يەتتە قاراقچى يۇلتۇز بىلەن قېلىشماي چاقناپ تۇرىدىغان بىر يۇلتۇز كۆرۈنىدۇ، مانا بۇ شىمالىي قۇتۇپ يۇلتۇزىدۇر. شىمالىي قۇتۇپ يۇلتۇزى كۆرۈنگەن تەرەپ، دەل يەر شارىنىڭ شىمالىي تەرىپى بولىدۇ. پەسىللەر ئوخشاش بولمىغان ئەھۋالدا، يەتتە قاراقچى يۇلتۇزنىڭ ئاسماندىكى ئورنىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ. شۇڭا، قەدىمكى زاماندا ئېلىمىز خەلقى ئۇنىڭ ئورنىنىڭ ئۆزگىرىش ئەھۋالىغا ئاساسلىنىپ پەسىللەرنى بەلگىلىگەن: «چۆمۈچنىڭ ساپىقى شەرقنى كۆرسەتسە، ھەممىلا جايدا ئەتىياز بولىدۇ؛ چۆمۈچنىڭ ساپىقى جەنۇبنى كۆرسەتسە، ھەممىلا جايدا ياز بولىدۇ؛ چۆمۈچنىڭ ساپىقى غەربنى كۆرسەتسە، ھەممىلا جايدا كۈز بولىدۇ؛ چۆمۈچنىڭ ساپىقى شىمالنى كۆرسەتسە، ھەممىلا جايدا قىش بولىدۇ.» يەتتە قاراقچى يۇلتۇزنىڭ ئارىسىدا، «چوڭ ئېيىق ε» ھەممىدىن بەك يورۇق كۆرۈنىدۇ، يورۇقلۇقى ئاساسەن بىرىنچى دەرىجىلىك يۇلتۇزنىڭكىگە يېقىنلىشىپ قالىدۇ. «چوڭ ئېيىق δ» ھەممىدىن بەك خىرە كۆرۈنىدۇ، ئۈچىنچى دەرىجىلىك يۇلتۇز ھېسابلىنىدۇ. قالغان بەش يۇلتۇزنىڭ ھەممىسى ئىككىنچى دەرىجىلىك يۇلتۇزلار ھېسابلىنىدۇ. «چوڭ ئېيىقξ» نىڭ ئەتراپىدا ناھايىتى كىچىك بىر ھەمراھ يۇلتۇز بار بولۇپ، ئالكور دەپ ئاتىلىدۇ، ئۇ گۈزەل، سۈزۈك ھۆسن - جامالى بىلەن كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى ئۆزىگە تارتىپ كەلگەن. ئېيتىشلارغا ئاساسلانغاندا، قەدىمكى زاماندا ئەرەبلەر ئەسكەر قوبۇل قىلغاندا، ئۇنى ئەسكەرلەرنىڭ كۆز قۇۋۋىتىنى سىناپ كۆرۈشنىڭ «سىناق يۇلتۇز» ى قىلغانىكەن. يەتتە قاراقچى يۇلتۇز ئاسماندا ئىزچىل تۈردە ئاستا - ئاستا نىسپىي ھەرىكەت قىلىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە بەش دانە يۇلتۇز ئاساسىي جەھەتتىن ئوخشاش سۈرئەت بىلەن بىر يۆنىلىشكە قاراپ ھەرىكەت قىلىدۇ، ئەكسىچە «چوڭ ئېيىقα» بىلەن «چوڭ ئېيىق η» لار بولسا قارىمۇقارشى يۆنىلىشكە قاراپ ھەرىكەت قىلىدۇ. شۇڭا، ئۇزاق - ئۇزاقتىن داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان ئالەمنىڭ ئۆزگىرىش جەريانىدا، يەتتە قاراقچى يۇلتۇزنىڭ شەكىل ھالىتىدە خېلى زور ئۆزگىرىش يۈز بەرگەن،100 مىڭ يىلدىن كېيىن، بىز بۇ خىل ساپاقلىق چۆمۈچ شەكلىنى زادىلا كۆرەلمەيمىز.
← بارلىق تېمىلار خىلمۇ-خىل يۇلتۇزلار