بۈركۈت يۇلتۇز تۈركۈمى
خىلمۇ خىل يۇلتۇزلار
بۈركۈت يۇلتۇز تۈركۈمى گەۋدىسىنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكى سامانيولىنىڭ شەرقىي قىرغىقىغا جايلاشقان، كۈز پەسلىدە ئاسماندا ئەڭ چىرايلىق كۆرۈنىدىغان يۇلتۇز تۈركۈملىرىنىڭ بىرى. ئۇنىڭ شىمالىي تەرىپىدە ئوخشاشلا ناھايىتى چىرايلىق ھەم كۆركەم كۆرۈنىدىغان، يەنى سامانيولىنىڭ غەرب تەرىپىگە جايلاشقان لىرا يۇلتۇز تۈركۈمى بىلەن سامانيولىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا جايلاشقان ئاق قۇ يۇلتۇز تۈركۈمى بار. بۇ ئۈچ يۇلتۇز تۈركۈمى خۇددى داڭقان پۇتىغا ئوخشاش بىر - بىرىگە ئۇدۇلدىن قارىشىپ، ئاجايىپ قىزىقارلىق ھالەتنى شەكىللەندۈرىدۇ.
قەدىمكى يۇنان ئەپسانىلىرىدە، بۈركۈت يۇلتۇز تۈركۈمى بىر كىچىك ئۆسمۈر بالىنى بىللە ئېلىپ سامانيولىنىڭ ئاسمان بوشلۇقىدا شەرققە قاراپ ئۇچۇپ كېتىۋاتقان بىر قامەتلىك بۈركۈتكە سىمۋول قىلىپ تەسۋىرلىنىدۇ. بۇ قەھرىمان بۈركۈتنىڭ يۈرىكىدە بۈركۈت يۇلتۇز تۈركۈمىدىكى چوڭ يورۇق يۇلتۇز α يۇلتۇزى بار، ئېلىمىزدە ئۇ ئالتائىر، يەنى پادىچى يىگىت دەپ ئاتىلىدۇ. پادىچى يىگىت يۇلتۇزنىڭ ئىككى تەرىپىدە يەنە ئىككى يۇلتۇز بار بولۇپ، ئۇلار دەل رىۋايەتلەردىكى پادىچى يىگىت - توقۇمىچى قىزنىڭ ئىككى پەرزەنتىدۇر.5 - ئاينىڭ بېشىدىن12 - ئاينىڭ ئوتتۇرىسىغىچە بولغان ئارىلىقتا، بىز ئالدىنقى يېرىم كېچىدە يۇلتۇزلۇق ئاسماندىن پادىچى يىگىت ۋە ئۇنىڭ پەرزەنتلىرىنى كۆرەلەيمىز. بولۇپمۇ دېھقانلار كالېندارى بويىچە7 - ئاينىڭ7 - كۈنىنىڭ ئالدى - كەينىدە پادىچى يىگىت بىلەن توقۇمىچى قىز يۇلتۇزىنى گۇگۇم ۋاقتىدىن كېيىنكى كېچە ئاسمىنىدا ناھايىتى ئېنىق كۆرگىلى بولىدۇ.
قەدىمكى يۇنان ئەپسانىلىرىدە تەسۋىرلىنىشىچە، بۇ قامەتلىك بۈركۈت ئىلاھلارنىڭ پادىشاھى زېئۇسنىڭ ئۆزگىرىشىدىن پەيدا بولغانىكەن. يېنىدىكى ئۆسمۈر بالىنى ئۇ كىشىلەر ئارىسىدىن ئېلىپ چىققانىكەن. ئېيتىلىشىچە، ئاسمان ئىلاھى زېئۇس ھەر كۈنلۈك خىزمەتتىن كېيىنكى ئارام چاغلىرىدا مول زىياپەت تەييارلاپ ھەرقايسى ئىلاھلارنى كۈتۈۋالىدىكەن. زېئۇسنىڭ قىزى ھېبو كۈتكۈچى بولۇپ، ھەرقايسى ئىلاھلارغا شاراب قۇيۇپ بېرىدىكەن. كېيىن ھېبو ھايگىلىسقا ياتلىق قىلىنغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئورنىغا باشقا بىرەيلەننى تېپىشقا توغرا كەپتۇ. شۇنىڭ بىلەن زېئۇس بىر قامەتلىك بۈركۈتكە ئايلىنىپ تروي دۆلىتىگە ئۇچۇپ بېرىپ، گانمېد ئىسىملىك كېلىشكەن بىر ئۆسمۈر بالىنى ئەكېلىپ كۈتكۈچى قىلغانىكەن، كېيىن زېئۇس بۇ بالىنى ئېلىپ كېتىۋاتقان بۈركۈتنىڭ ئوبرازىنى ئاسماندا قالدۇرۇپ، بۈركۈت يۇلتۇز تۈركۈمىنى ھاسىل قىلغانىكەن.