رىگېل
خىلمۇ خىل يۇلتۇزلار
ئورىئون يۇلتۇز تۈركۈمى ئىچىدە، بىرىنچى دەرىجىلىك يورۇق يۇلتۇزدىن ئىككىسى بار. ئوۋچىنىڭ ئوڭ مۈرىسىگە جايلاشقىنى بېتېلگېيز، ئوۋچىنىڭ سول پۇتىنىڭ دۈمبىسىگە جايلاشقىنى رىگېل. بېتېلگېيز شىمال ئاسمىنىدىكى يورۇق يۇلتۇزلارغا تەۋە، رىگېل بولسا جەنۇبىي ئاسمان شارىدىكى يورۇق يۇلتۇزلارغا مەنسۇپ.
رىگېل ئادەتتىن تاشقىرى بىر گىگانت يۇلتۇز ھېسابلىنىدۇ، ئۇنىڭ دىئامېتىرى قۇياش دىئامېتىرىنىڭ60 ھەسسىسىگە تەڭ، سىرتقى يۈزىنىڭ تېمپېراتۇرىسى يۇقىرى بولغاندا12 مىڭ گرادۇسقا يېتىدۇ، سۇس كۆك رەڭدە ئىپادىلىنىدۇ. ئۇ تارقىتىدىغان ئېنېرگىيە ۋە سەرپ قىلىدىغان يېقىلغۇ ئومۇمەن قۇياشنىڭكىنىڭ110 مىڭ ھەسسىسىگە باراۋەر كېلىدۇ. رىگېل بىلەن يەر شارىنىڭ ئارىلىقى تەخمىنەن600 يورۇقلۇق يىلى كېلىدۇ. پۈتۈن كۈن يورۇق كۆرۈنىدىغان بىرىنچى دەرىجىلىك21 دانە يۇلتۇز ئىچىدە، رىگېل، دېنېب ۋە بېتېلگېيزلارنىڭ ھەممىسى ئارىلىقى ئەڭ يىراق تۇرغۇن يۇلتۇزلار بولۇپ، رىگېل ئەمەلىي نۇر تارقىتىش ئىقتىدارى ئەڭ كۈچلۈك تۇرغۇن يۇلتۇزنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ.