UyghurWiki
UyghurWikiخىلمۇ-خىل يۇلتۇزلاركومېتا

كومېتا

خىلمۇ خىل يۇلتۇزلار كومېتا ئېلىمىزدە ئادەت بويىچە «قۇيرۇقلۇق يۇلتۇز» دەپمۇ ئاتىلىدۇ، ئۇنىڭ شەكلى ناھايىتى ئالاھىدە بولۇپ، باش قىسمى ئۇچلۇق، قۇيرۇق قىسمى ھەمىشە يېيىلىپ تۇرىدۇ، خۇددى بىر چوڭ سۈپۈرگىگە ئوخشايدۇ. ئىلىم - پەن ئانچە تەرەققىي قىلمىغان يىللاردا كىشىلەر ھەمىشە ئۇنى تەبىئىي ئاپەتلەر بىلەن باغلاشتۇرۇپ ئويلاپ، ئۇنى بالا - قازانىڭ بېشارىتى دەپ تونۇغانىدى، شۇڭا، بەزى كىشىلەر ئۇنى «ئالۋاستى يۇلتۇز» دەپمۇ ئاتىغان. ئەمەلىيەتتە، كومېتامۇ يەر شارىغا ئوخشاشلا، قۇياش سىستېمىسىنىڭ ئەزالىرىدىن بىرى سانىلىدۇ. نۇرغۇن كومېتالار سوزۇنچاق ياپىلاق ئوربىتىنى بويلاپ قۇياش ئەتراپىدا ئايلىنىدۇ، كىشىلەر ئۇلارنىڭ كۆرۈنىدىغان ۋاقىت - قەرەلىنى ناھايىتى ئېنىق قىلىپ ئالدىن ھۆكۈم قىلالايدۇ. مەشھۇر ھالىلېي قۇيرۇقلۇق يۇلتۇزى ھەر76 يىلدا بىر قېتىم يەر شارىنىڭ ئاسمان بوشلۇقىدا پەيدا بولىدۇ. كومېتانىڭ پەيدا بولۇشى بىلەن بالايىئاپەتلەرنىڭ قىلچە مۇناسىۋىتى يوق. مۇكەممەل «يېتىلگەن» كومېتا ئادەتتە كومېتا يادروسى، كومېتا چېچى، كومېتا قۇيرۇقىدىن ئىبارەت ئۈچ قىسىمدىن تەركىب تاپىدۇ. كومېتا يادروسى كومېتانىڭ ئاساسىي تەركىبى، ئۇنىڭغا كومېتانىڭ مۇتلەق كۆپ قىسىم ماسسىسى مەركەزلەشكەن بولىدۇ؛ كومېتا يادروسىنىڭ تاشقى قىسمىنى بىر قەۋەت خۇددى بۇلۇتلۇق تۇمانغا ئوخشىشىپ كېتىدىغان نەرسىلەر ئوراپ تۇرىدۇ، ئۇ «كومېتا چېچى» دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ، كومېتا قۇياشقا سەل يېقىنلاشقاندا، قۇياش نۇرىنىڭ تەسىرىدە، كومېتا يادروسىدىن پارلىنىپ چىققان گازلار ۋە مىكرو چاڭ - توزانلاردىن تەركىب تاپقان. كومېتا يادروسى بىلەن كومېتا چېچى قوشۇلۇپ «كومېتا بېشى» دەپ ئاتىلىدۇ. كومېتا قۇياشقا تېخىمۇ يېقىنلاشقان چاغدا، كومېتا چېچى كۆپىيىپ بارىدۇ ھەمدە قۇياش شامىلى (قۇياشتىن تارقىلىپ چىقىدىغان بىر خىل يۇقىرى ئېنېرگىيىلىك زەررىچىلەر ئېقىمى) بىلەن قۇياش نۇرىنىڭ بېسىم كۈچى شارائىتىدا، كومېتا چېچىدىكى گازلار بىلەن مىكرو چاڭ - توزانلار ئارقا تەرەپكە ئىتتىرىلىپ، ناھايىتى ئۇزۇن بىر چوڭ سۈپۈرگىگە ئوخشاپ كېتىدىغان قۇيرۇقنى ھاسىل قىلىدۇ، بۇ «كومېتا قۇيرۇقى» دەپ ئاتىلىدۇ. شۇڭا، كومېتا قۇيرۇقى ھەمىشە دېگۈدەك قۇياشقا ئارقىنى قىلىپ تۇرىدۇ، يەنە كېلىپ كومېتا قۇياشقا قانچە يېقىنلاشقانسېرى، ئۇنىڭ قۇيرۇقىمۇ شۇنچە ئۇزۇن بولىدۇ. كومېتانىڭ ھەجىمى ناھايىتى چوڭ، قۇياش سىستېمىسى ئىچىدە ھېچقانداق بىر ئاسمان جىسىمىنىڭ ھەجىمىنى ئۇنىڭ ھەجىمى بىلەن سېلىشتۇرغىلى بولمايدۇ. چوڭ كومېتانى ئالساق، كومېتا بېشىنىڭ دىئامېتىرىلا1 مىليون850 مىڭ كىلومېتىر بولۇپ، يەر شارى دىئامېتىرىنىڭ145 ھەسسىسىگە باراۋەر كېلىدۇ؛ كىچىك كومېتانى ئالساق، كومېتا بېشىنىڭ دىئامېتىرىمۇ130 مىڭ كىلومېتىر بولۇپ، يەر شارى دىئامېتىرىنىڭ ئون نەچچە ھەسسىسىگە توغرا كېلىدۇ. كومېتا قۇيرۇقىنىڭ ئۇزۇنلۇقى ئادەتتە50 مىليون كىلومېتىردىن200 مىليون كىلومېتىرغىچە بولىدۇ، ئەڭ ئۇزۇن بولغاندا350 مىليون كىلومېتىرغا يېتىدۇ. كومېتانىڭ زىچلىقى ناھايىتى كىچىك بولۇپ، پەقەت بىر توپ ناھايىتى شالاڭ كەلگەن گاز جىسىملاردىن ئىبارەت. ئەگەر ئەڭ چوڭ كومېتانى پرېسلاپ زىچلاشتۇرۇپ يەر پوستى زىچلىقى بىلەن ئوخشاش ھالەتتىكى شار جىسىم ھالىتىگە كەلتۈرسەك، ئۇنىڭ چوڭ - كىچىكلىكى پەقەت بىر كىچىك ئېدىرنىڭ چوڭلۇقىدا بولىدۇ. چۈنكى كومېتانىڭ زىچلىقى ناھايىتى كىچىك بولغاچقا، ئۇ يەر شارى بىلەن سوقۇلۇپ كەتكەن تەقدىردىمۇ ھېچقانداق خىيىمخەتەر يۈز بەرمەيدۇ. كۆپلىگەن كومېتالار ئېللىپس شەكىللىك ئوربىتىنى بويلاپ قۇياش ئەتراپىدا ئايلىنىدۇ، بۇ «دەۋرىيلىك كومېتا» دەپ ئاتىلىدۇ. بەلگىلىك ۋاقىت ئۆتكەندە، ئۇ قۇياش ۋە يەر شارىغا يېقىنراق جايدا ئايلىنىپ يۈرىدۇ، شۇ چاغدا بىز ئۇنى كۆرەلەيمىز. يەنە بىر خىلى «غەيرىي دەۋرىيلىك كومېتا» بولۇپ، ئۇ پەقەت قۇياشنىڭ ئەتراپىدا بىر قېتىم كۆرۈنىدۇ، ئۇ خۇددى يولدىن ئۆتكەن يولۇچىغا ئوخشاپ قالىدۇ، ئۇنىڭ قايتىپ كەلگىنىنى قايتىلاپ كۆرەلمەيمىز.1982 - يىلىنىڭ ئاخىرىغا قەدەر ئىنسانلار خاتىرىلىۋالغان كومېتالارنىڭ سانى جەمئىي1700 دىن ئېشىپ كەتتى، بۇنىڭ ئىچىدە710 دىن كۆپرەكىنىڭ ئوربىتىسى ھېسابلاپ چىقىلغان. كومېتالارنىڭ قۇياشنى ئايلىنىپ ھەرىكەت قىلىش دەۋرىيلىكى ئومۇمەن ناھايىتى ئۇزاق بولغاچقا،200 يىلدىن ئاشمايدىغانلىرى دەۋرىيلىكى قىسقا كومېتالار ھېسابلىنىدۇ. ناھايىتى كۆپ كومېتالارنىڭ دەۋرىيلىكى بىرقانچە ئون مىڭ يىلدىنمۇ ئۇزاق بولىدۇ.
← بارلىق تېمىلار خىلمۇ-خىل يۇلتۇزلار