UyghurWiki
UyghurWikiخىلمۇ-خىل يۇلتۇزلارقوش يۇلتۇزلار

قوش يۇلتۇزلار

خىلمۇ خىل يۇلتۇزلار ئاي يەر شارى ئەتراپىدا ئايلىنىدۇ، يەر شارى قۇياش ئەتراپىدا ئايلىنىدۇ، چۈنكى ئۇلارنىڭ ھەممىسىدە ئالەملىك تارتىشىش كۈچى بىر - بىرىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ. تۇرغۇن يۇلتۇزلار ئارىسىدىمۇ ئوخشاشلا تارتىشىش كۈچى مەۋجۇت، شۇ ۋەجىدىن ئارىلىقى نىسبەتەن يېقىن بەزى تۇرغۇن يۇلتۇزلار بىرى بىرىنىڭ ئەتراپىدا ئايلىنىدۇ. تارتىشىش كۈچىنىڭ تەسىرىدە بىر - بىرىگە باغلىنىپ تۇرىدىغان، بىرى بىرىنىڭ ئەتراپىدا ئايلىنىدىغان ئىككى يۇلتۇز ئادەتتە فىزىكىلىق قوش يۇلتۇز دەپ ئاتىلىدۇ. بەزى فىزىكىلىق قوش يۇلتۇزلارنى ئاددىي كۆز بىلەن كۆرگىلى بولىدۇ، بەزىلىرىنى چوقۇم ئەسۋاب - ئۈسكۈنىلەرنىڭ ياردىمىدە ئىنچىكىلىك بىلەن كۆزەتكەندىلا ئاندىن بايقىغىلى بولىدۇ. ئالدىنقىسى كۆرۈنىدىغان قوش يۇلتۇز، كېيىنكىسى سپېكترلىك قوش يۇلتۇز دەپ ئاتىلىدۇ. بىر تۈرلۈك ئالاھىدە قوش يۇلتۇز بار بولۇپ، تارتىشىش كۈچىنىڭ تەسىرىدە بىر - بىرىگە باغلىنىپ تۇرمايدۇ. ئۇلار ئەسلىدە ئارىلىقى ناھايىتى يىراق، ئۆزئارا باغلىنىشچانلىقى بولمىغان ئىككى دانە تۇرغۇن يۇلتۇز ھېسابلىنىدۇ، لېكىن بىز كۆزەتكەندە بىر - بىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى ناھايىتى يېقىن كۆرۈنىدىغانلىقى ئۈچۈن، ئۇلارمۇ قوش يۇلتۇز دەپ قارىلىدۇ. بۇ خىل قوش يۇلتۇز ئوپتىكىلىق قوش يۇلتۇز دەپ ئاتىلىدۇ. ئوپتىكىلىق قوش يۇلتۇز ھەقىقىي قوش يۇلتۇز ئەمەس. قوش يۇلتۇزلار ئىچىدە، سەل يورۇقراقى ئاساسىي يۇلتۇز، يەنە بىرى جورا يۇلتۇز دەپ ئاتىلىدۇ. قوش يۇلتۇزلار ئارىسىدىكى جۈپلىشىش ئەھۋالى خىلمۇخىل بولىدۇ، بەزى ئاساسىي يۇلتۇزلار جورا يۇلتۇزلاردىن ئېغىر بولسا، بەزى جورا يۇلتۇزلار ئاساسىي يۇلتۇزلاردىن ئېغىر بولىدۇ؛ بەزى ئاساسىي يۇلتۇزلار پارتلىما ئۆزگىرىشچان يۇلتۇز بولسا، بەزىلىرى پۇلساتسىيىلىك ئۆزگىرىشچان يۇلتۇز، ھەتتا بەزىلىرى باشقا ئۆزگىرىشچان يۇلتۇز بولىدۇ، مەسىلەن، ئاق پەتەك يۇلتۇز، نېيترون يۇلتۇز، قىزىل گىگانت يۇلتۇز، ھەتتا قارا ئۆڭكۈر قاتارلىقلار. قوش يۇلتۇزلارنىڭ قۇرۇلمىسى نۇرغۇن ئاسترونوملارنىڭ قىزىقىشىنى قوزغىدى، شۇنداقلا بىز ئۈچۈن تۇرغۇن يۇلتۇزلار دۇنياسىنىڭ بەزى سىرلىرىنى ئېچىپ بەردى. بىر قىسىم قوش يۇلتۇزلار بىزگە تۇرغۇن يۇلتۇزلارنىڭ چوڭ - كىچىكلىكى، شەكىل - ھالىتى، زىچلىقى، ماسسىسى، ئارىلىقىنى ئۆلچەشكە قۇلايلىق شارائىت ھازىرلاپ بەردى ھەمدە تۇرغۇن يۇلتۇزلار، شۇنىڭدەك ھەر خىل تۇرغۇن يۇلتۇزلار توپىنىڭ كېلىپ چىقىشى، تەدرىجىي ئۆزگىرىشى ھەققىدىكى مەسىلىلەرنى تەتقىق قىلىشقا يېڭى ساھە ئېچىپ بەردى.
← بارلىق تېمىلار خىلمۇ-خىل يۇلتۇزلار
قوش يۇلتۇزلار | UyghurWiki | UyghurWiki