سامانيولى
خىلمۇ خىل يۇلتۇزلار
ياز كۈنلىرىنىڭ ھاۋا ئوچۇق ئاخشاملىرى ھەيۋەتلىك ۋە كۆركەم ئالەم بوشلۇقى دۇنياسىغا قارىسىڭىز، خۇددى سۇس كۈمۈش رەڭلىك لەيلىمە بەلۋاغنىڭ ئۇپۇق سىزىقىنىڭ جەنۇب تەرىپىدىن كۆتۈرۈلۈپ، ئاسمان گۈمبىزىنى توغرىسىغا كېسىپ ئۆتۈپ شىمال تەرىپىگە ئۆتكەنلىكىنى كۆرەلەيسىز، بۇ يورۇقلۇق بەلۋېغى دەل سامانيولىدىن ئىبارەت. مەملىكىتىمىزدە قەدىمكى زاماندا كىشىلەر ئۇنى «ئاسمان يولى، سامانيولى، كۈمۈش يولى، يۇلتۇزلار يولى» دېگەندەك چىرايلىق ناملار بىلەنمۇ ئاتىغان. ئەل ئىچىدە پادىچى يىگىت بىلەن توقۇمىچى قىزنىڭ سېغىزخانلار كۆۋرۈكىدە يىلدا بىر قېتىم دىدار كۆرۈشىدىغانلىقىغا دائىر گۈزەل رىۋايەتلەرمۇ تارقالغان. ياۋروپالىقلار سامانيولىنى «سۈت رەڭ يول» دەپ ئاتىغان.
تېلېسكوپ بىلەن سامانيولىنى كۆزەتسەك، ناھايىتى زىچ يۇلتۇزلارنى كۆرەلەيمىز، ئۇلار خۇددى ئالەم ئارىلىدىكى تۈمەنمىڭ چىراغقا ئوخشايدۇ. بۇ ئالەم ئارىلى سامانيولى سىستېمىسى دەپ ئاتىلىدۇ، ئۇنىڭدا قۇياش جەمەتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان100 مىلياردتىن كۆپ يۇلتۇز ۋە باشقا نۇرغۇن چىرايلىق ئاسمان جىسىملىرى بار.
سامانيولى سىستېمىسى چوڭلۇقى بىلەن كىشىنى ھەيران قالدۇرىدۇ. ئۇ100 مىليارد دانىدىن كۆپرەك يۇلتۇز ۋە كۆپلىگەن يۇلتۇزلار ئارا ماددىلار، ئالەم چاڭ - تۇزانلىرىدىن تەشكىل تاپقان. ئەگەر ناھايىتى يىراق جايدىن سامانيولىنى كۆزىتىدىغان بولساق، پۈتكۈل سامانيولى خۇددى ئوتتۇرا قىسمى تومپىيىپ چىققان، تۆت ئەتراپى ياپىلاق كەلگەن يوغان تۆمۈر دىسكىغا ئوخشاش كۆرۈنىدۇ. تومپىيىپ چىققان جايى ئۇنىڭ يادرو شارچىسى بولۇپ، يۇلتۇزلار ئەڭ زىچ جاي ھېسابلىنىدۇ. تۆت ئەتراپى ياپىلاق كەلگەن دىسكىسىمان رايونى «سامانيولى تەخسىسى» دەپ ئاتىلىدۇ. سامانيولى تەخسىسىگە جايلاشقان يۇلتۇزلار يىراقلىغانسېرى شالاڭشىپ بارىدۇ. يادرو شارچىسىنىڭ چوڭ - كىچىكلىكى تەخمىنەن10 نەچچە مىڭ يورۇقلۇق يىلى كېلىدۇ، پۈتكۈل سامانيولى سىستېمىسىنىڭ دىئامېتىرى100 مىڭ يورۇقلۇق يىلىدىن ئاشىدۇ.
قۇياش سامانيولى سىستېمىسىنىڭ مەركىزىدىن تەخمىنەن33 مىڭ يورۇقلۇق يىلى يىراقلىقتا تۇرىدۇ. ياز پەسلىدە يەر شارى ئايلىنىپ قۇياش بىلەن سامانيولى يادروسى ئارىلىقىغا كەلگەندە، ئاسماننى قاپلىغان يۇلتۇزلار سامانيولىنىڭ ئىنتايىن گۈزەل بىر مەنزىرىسىنى ھاسىل قىلىدۇ؛ قىش پەسلىدە يەر شارى ئايلىنىپ سامانيولى سىستېمىسىنىڭ چەت - ياقىسىنىڭ بىر تەرىپىگە كەلگەندە، ئاخشىمى كۆرگىلى بولىدىغان يۇلتۇزلارنىڭ سانى خېلىلا ئازلاپ كېتىدۇ.
سامانيولى سىستېمىسىدا، سامانيولىنىڭ تەخسىسى سامانيولى سىستېمىسىنىڭ مەركىزىي ئوقىنى بويلاپ توختىماي ئايلىنىپ تۇرىدۇ، ھەربىر قېتىم تولۇق ئايلىنىپ چىقىشى ئۈچۈن تەخمىنەن250 مىليون يىل ۋاقىت كېتىدۇ، ئايلىنىش ئوربىتىسى چەمبەر شەكلىگە يېقىنلىشىپ قالىدۇ. قۇياشمۇ سامانيولى سىستېمىسىنىڭ مەركىزىي ئوقىنى بويلاپ ئايلىنىدۇ، ھەربىر قېتىم تولۇق ئايلىنىپ چىقىشى ئۈچۈن تەخمىنەن200 مىليون يىل ۋاقىت كېتىدۇ.
سامانيولى سىستېمىسىنىڭ يادرو قىسمىدىن بىر نەچچە ناھايىتى ئۇزۇن سپىرال بىلىكى سىرتقا قاراپ سوزۇلۇپ چىقىدۇ. قۇياش ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى «ئورىئون يەلكىسى» دەپ ئاتىلىدىغان بىر سپىرال بىلىكىگە جايلاشقان. سپىرال بىلىكى تۇرغۇن يۇلتۇزلار دۇنياسىدا گۈللىنىش - خارابلىشىش ئۆزگىرىشى ناھايىتى كۆپ بولىدىغان قايناق بازار بولۇپ، ئۇ يەردە ھەم ياشلىقى ئۇرغۇپ، نۇرى چاقناپ تۇرغان يېڭى يۇلتۇزلار، ھەم قېرىپ ھالىدىن كەتكەن، ئۈزلۈكسىز خارابلىشىۋاتقان كونا يۇلتۇزلارمۇ بار.
سامانيولى سىستېمىسى مەركىزىي ئوقتىن ئىبارەت ئۆز ئوقىدا ئايلانغاندىن تاشقىرى، بۇ ئاجايىپ زور ئومۇمىي گەۋدە يەنە، سېكۇنتىغا214 كىلومېتىرلىق سۈرئەت بىلەن ئالەم بوشلۇقىدا ئۈزلۈكسىز ھەرىكەتلىنىپ تۇرىدۇ.