UyghurWiki
UyghurWikiخىلمۇ-خىل يۇلتۇزلارئەقرەب يۇلتۇز تۈركۈمى

ئەقرەب يۇلتۇز تۈركۈمى

خىلمۇ خىل يۇلتۇزلار ئەقرەب يۇلتۇز تۈركۈمى ئېكلىپتىكادىكى12 بۇرجقا جايلاشقان يۇلتۇز تۈركۈمىنىڭ بىرى بولۇپ، مىزان يۇلتۇز تۈركۈمى ۋە قەۋس يۇلتۇز تۈركۈمىنىڭ ئوتتۇرىسىغا توغرا كېلىدۇ. يېرىمى سامانيولىنىڭ ئىچىدە تۇرىدۇ. ئۇ قەۋس يۇلتۇز تۈركۈمىگە ئوخشاش، ئېكلىپتىكىنىڭ ئەڭ جەنۇبىي ئۇچىغا جايلاشقان بولۇپ، ئېلىمىزدە كۆپ قىسىم كۆزەتكۈچىلەر تولۇق كۆرەلەيدىغان ئەڭ جەنۇبتىكى يۇلتۇز تۈركۈملىرىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. ئەقرەب يۇلتۇز تۈركۈمى ياز پەسىلدە كۆرۈنىدىغان مەشھۇر يۇلتۇز تۈركۈمى بولۇپ، ئۇنى ھەر يىلى5 - ئايدىن10 - ئاينىڭ ئاخىرىغىچە بولغان مەزگىلدە كېچىنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا كۆرگىلى بولىدۇ. بولۇپمۇ ياز پەسلىدە ئەقرەب يۇلتۇز تۈركۈمى گۇگۇم ۋاقتىدىن كېيىن جەنۇبنىڭ كېچە ئاسمىنىدا قەد كۆتۈرۈپ، كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى ئالاھىدە تارتىپ تۇرىدۇ. ئەقرەب يۇلتۇز تۈركۈمىمۇ ئېكلىپتىكادىكى يۇلتۇز تۈركۈملىرىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭ بىر دانە1 - دەرىجىلىك يورۇق يۇلتۇزى − ئەقرەب α (ئانتارېس)، بەش دانە2 - دەرىجىلىك يۇلتۇزى ۋە10 دانە3 - دەرىجىلىك يۇلتۇزى بار. بۇ يورۇقراق چاقنايدىغان تۇرغۇن يۇلتۇزلارنى تىزىپ چىقساق «S» ھەرپىنىڭ شەكلى ھاسىل بولىدۇ، ئۇ خۇددى چوڭ بىر چاياننىڭ سامانيولىنىڭ جەنۇبىدا توغرىسىغا ياتقان قىياپىتىگە ئوخشايدۇ. ئانتارېس دەل ئاشۇ «چوڭ چايان» نىڭ يۈرىكىگە جايلاشقان. قەدىمكى يۇنان ئەپسانىلىرىدە رىۋايەت قىلىنىشىچە، ئورىئون ئىسىملىك ئىنتايىن غالجىر بىر ئوۋچى ئۆتكەنىكەن. ئۇ: «ئالەمدە ھېچكىم ماڭا تەڭ كېلەلمەيدۇ، ھەرقانداق ھايۋان مېنىڭ بۇ توقمىقىمغا تېگىپ كەتسىلا، ئۇنىڭ تۈگەشكىنى شۇ» دەپ پو ئاتىدىكەن. بۇ گەپنى ئاڭلىغان ئىلاھلار ئىنتايىن غەزەپلىنىپتۇ، ھېرا دەررۇ بىر زەھەرلىك چاياننى ئەۋەتىپ ئۇنى يارىلاندۇرۇپتۇ. كېيىن زەھەرلىك چايان ئەرشىئەلاغا قايتىپ چىقىپ ئەقرەب يۇلتۇز تۈركۈمىگە، ئوۋچى ئورىئون بولسا ئورىئون يۇلتۇز تۈركۈمىگە ئايلىنىپتۇ. بىراق، ئۇلار ئىككىسى بىر - بىرىگە ئىنتايىن ئۆچلىشىپ «كۈچلۈك ئاداۋەت ساقلايدىغان» بولۇپ قاپتۇ، شۇڭا، بۇ ئىككى يۇلتۇز تۈركۈمى ئاسمان شارىنىڭ ئىككى تەرىپىدە يىراقتىن قارىشىپ، بىرى كۆتۈرۈلگەن چاغدا يەنە بىرى ئۇپۇققا پېتىۋېلىپ، ئۆزئارا كۆرۈشۈشنى مەڭگۈ خالىمايدىغان بولۇپ قاپتۇ. ئانتارېس ئەقرەب يۇلتۇز تۈركۈمىدىكى ئەڭ يورۇق كۆرۈنىدىغان1 - دەرىجىلىك يۇلتۇز، شۇنداقلا ياز پەسلىنىڭ جەنۇب ئاسمىنىدا ئەڭ يورۇق چاقنايدىغان يۇلتۇزلارنىڭ بىرى بولۇپ، قىزىل رەڭلىك نۇر تارقىتىپ تۇرىدۇ. ئانتارېس ئەمەلىيەتتە بىر قوش يۇلتۇز، ئۇ بىزدىن400 نەچچە يورۇقلۇق يىلى يىراقلىقتا تۇرىدۇ. ئۇنىڭ ئاساسىي يۇلتۇزىنىڭ دىئامېتىرى قۇياش دىئامېتىرىنىڭ600 ھەسسىسىگە، ماسسىسى قۇياش ماسسىسىنىڭ17 ھەسسىسىگە باراۋەر كېلىدۇ، لېكىن، زىچلىقى قۇياش زىچلىقىنىڭ5000000 /1 ئۈلۈشىگىمۇ توغرا كەلمەيدۇ، شۇڭا، قىزىل رەڭلىك ئادەتتىن تاشقىرى گىگانت يۇلتۇز ھېسابلىنىدۇ. ئانتارېس ۋە ئۇنىڭغا يېقىن بولغان100 دىن ئارتۇق يورۇق يۇلتۇز سېكۇنتىغا24 كىلومېتىرلىق تېزلىك بىلەن جەنۇبقا قاراپ ئىلگىرىلەيدۇ، بۇ «ئەقرەب يۇلتۇز تۈركۈمى، سېنتاۋر يۇلتۇز تۈركۈمى كىنېتىكىلىق يۇلتۇزلار جەمئىيىتى» دەپ ئاتىلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار خىلمۇ-خىل يۇلتۇزلار