UyghurWiki
UyghurWikiخىلمۇ-خىل يۇلتۇزلارسپىكا

سپىكا

خىلمۇ خىل يۇلتۇزلار سپىكا سۇنبۇلە يۇلتۇز تۈركۈمىدىكى بىر يورۇق يۇلتۇز. ئاركتۇر ئاسمان بوشلۇقىدا پەيدا بولۇپ ئۇزاق ئۆتمەيلا، بىزنىڭ كۆرۈش دائىرىمىزدە پەيدا بولىدۇ. سپىكانى ئىزدەپ تېپىش ئانچە تەس ئەمەس. يەتتە قاراقچىنىڭ چۆمۈچ ساپىقى ئەگرى سىزىقىنى شەرقىي جەنۇب تەرەپكە ئۇزارتساق، كۆرۈنمە سىزىق ئاركتۇردىن ئۆتكەندىن كېيىن داۋاملىق ئالدىغا سۈرۈلگەندە سپىكانى ئۇچرىتىمىز. ئۇنىڭ ئاركتۇر بىلەن بولغان ئارىلىقى تەخمىنەن ئاركتۇردىن چۆمۈچ ساپىقىنىڭ ئاخىرقى قۇيرۇقىغىچە سوزۇلغان ئارىلىققا باراۋەر كېلىدۇ. يەتتە قاراقچىنىڭ چۆمۈچ ساپىقىدىن سپىكا سوزۇلغان بۇ ئەگرى سىزىق «ئەتىيازلىق چوڭ ئەگرى سىزىق» دەپ ئاتىلىدۇ. سپىكانى ئىزدەپ تېپىشنىڭ يەنە باشقا ئىككى خىل ئۇسۇلىمۇ بار: بىرى، يەتتە قاراقچى يۇلتۇزنىڭ چوڭ ئېيىق α بىلەن چوڭ ئېيىق γ نى سىزىق ئارقىلىق تۇتاشتۇرۇپ، جەنـۇبـقا قاراپ تـەخـمىنەن يەتتە - سەككىز ھەسسە ئۇزارتقاندا سپىكانى تاپقىلى بولىدۇ؛ يەنە بىرى، شىمالىي قۇتۇپ يۇلتۇزىدىن يەتتە قاراقچى يۇلتۇزنىڭ چوڭ ئېيىق ξ غا قارىتىپ بىر تۈز سىزىق چىقىرىپ، جەنۇبىي تەرەپتىكى ئاسمان بوشلۇقىدا ئىزدىگەندىمۇ سپىكانى تاپقىلى بولىدۇ. سپىكا باش ئەتىياز پەسلىدە شەرقىي جەنۇب ئاسمىنىدا كۆرۈنىدىغان بىردىنبىر يورۇق يۇلتۇز، پەرق ئېتىش خېلى ئوڭاي. سپىكانىڭ يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ناھايىتى زىچ. ئۇ كۈن پاتقاندىن كېيىن شەرقتىكى يۇلتۇزلۇق ئاسماندا پەيدا بولسا، تېرىقچىلىق پەسلىنىڭ تېزلا يېتىپ كېلىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ. سپىكانىڭ بىز بىلەن بولغان ئارىلىقى260 يورۇقلۇق يىلى بولۇپ، سىرتقى يۈزىنىڭ تېمپېراتۇرىسى20 مىڭ سېلىسىيە گرادۇس كېلىدۇ، ئاقۇچ نۇر تارقىتىدۇ. جۇڭگونىڭ قەدىمكى دەۋرىدە، سپىكا «يىگىرمە سەككىز تۈركۈم» نىڭ بىرىنچى تۈركۈمىدىكى بىرىنچى يۇلتۇز قىلىپ بېكىتىلگەن. ھازىر، ئۇ تۇرغۇن يۇلتۇزلار ئارا سېكۇنتىغا6 .1 كىلومېتىرلىق تېزلىك بىلەن ئاستا - ئاستا يەر شارىدىن يىراقلىماقتا.
← بارلىق تېمىلار خىلمۇ-خىل يۇلتۇزلار