رېگۇل
خىلمۇ خىل يۇلتۇزلار
رېگۇل ئەسەد يۇلتۇز تۈركۈمىدىكى ئاساسىي يۇلتۇز بولۇپ، ئىلمىي نامى ئەسەد يۇلتۇز تۈركۈمىα. چوڭ يۇلتۇزلار ئاز كۆرۈنىدىغان باھار پەسلىنىڭ ئاسمىنىدا، ئۇ باھاردىكى چولپانلارنىڭ پادىشاھى ھېسابلىنىدۇ. رېگۇل بىرىنچى دەرىجىلىك يۇلتۇزلارغا تەۋە، يەنە كېلىپ ئۇ ئېكلىپتىكىنىڭ ئۈستىگە جايلاشقانلىقى ئۈچۈن، قەدىمدىن بۇيان كىشىلەر ئىزچىل تۈردە ئۇنىڭغا ئەھمىيەت بېرىپ ئۇنى كۆزىتىپ كەلدى. مەيلى جۇڭگودا ياكى چەت ئەلدە بولسۇن، ئومۇمەن ئۇ «پادىشاھ يۇلتۇزى» دەپ ئاتىلىپ كەلدى.
رېگۇل ئەسلىدە ئېلىمىزنىڭ ئۇزاق قەدىمكى دەۋرىدىكى پادىشاھ خۇاڭدىنىڭ نامى ئىدى. كىشىلەر قەدىمدە خۇاڭدىنى ناھايىتى ئىززەتلەيدىغان بولغاچقا، ئاسماندىكى يۇلتۇزنىڭ نامىنى رېگۇل دەپ قويغان. رېگۇلدىن ئىبارەت بۇ بىر گۇرۇپپا يۇلتۇزلار جەمئىي17 دانە بولۇپ، ئەسەد α ئۇنىڭ ئىچىدىكى14 - يۇلتۇز ھېسابلىنىدۇ. ئۇ ئەسەد يۇلتۇزلار تۈركۈمىنىڭ دەل ئوتتۇرىسىغا جايلاشقان بولۇپ، يەتتە قاراقچىنىڭ چوڭ ئېيىق δ دىن بىر تۈز سىزىق ئۇزارتقاندا، چوڭ ئېيىق γ دىن ئۆتكۈزۈپ تەخمىنەن ئون ھەسسە يىراقلىقتىكى جايدا رېگۇلنى ئۇچراتقىلى بولىدۇ.
رېگۇلنىڭ نۇرى سۇس كۆك رەڭدە كۆرۈنىدۇ. ئەمەلىيەتتە يورۇقلۇق دەرىجىسى قۇياش يورۇقلۇقىنىڭ260 ھەسسىسىگە باراۋەر كېلىدۇ. ئۇنىڭ بىز بىلەن بولغان ئارىلىقى تەخمىنەن84 يورۇقلۇق يىلى كېلىدۇ.
يەر شارى قۇياش ئەتراپىدا ئايلىنىدىغان بولغاچقا، ھەر يىلى8 - ئاينىڭ20 - كۈنى ئەتراپىدا، قۇياش دەل يەر شارى بىلەن رېگۇلنىڭ ئارىلىقىدا بولىدۇ. كۈندۈز ۋاقتىغا توغرا كەلگەچكە، بىز ئۇنىڭ قۇياش تەرىپىدىن توسۇۋېلىنغان مەنزىرىسىنى كۆرۈشكە ئامالسىز قالىمىز. ئايمۇ بەزىدە رېگۇلنىڭ جايلاشقان تەرىپىگە ئايلىنىپ كېلىدىغان (يەنى ئاي دەل يەر شارى بىلەن رېگۇلنىڭ ئارىلىقىدا بولىدىغان) بولغاچقا، بۇ چاغدا بىز ئۇنىڭ ئاي تەرىپىدىن توسۇۋېلىنغان مەنزىرىسىنى كۆرەلەيمىز. بۇ خىل ھادىسە «ئاينىڭ يۇلتۇزنى توسۇۋېلىشى» دەپ ئاتىلىدۇ.