قايناملىق يۇلتۇزلار سىستېمىسى
خىلمۇ خىل يۇلتۇزلار
قايناملىق يۇلتۇزلار سىستېمىسى كۆزىتىپ ئۆلچەنگەن سانى ئەڭ كۆپ، تاشقى شەكلى ئەڭ كۆركەم بىر خىل يۇلتۇزلار سىستېمىسىدۇر. ئۇنىڭ شەكىل - ھالىتى دەريا - ئېقىنلاردىكى قاينامغا ناھايىتى ئوخشىشىپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن، شۇنداق ئاتىلىپ قالغان.
قايناملىق يۇلتۇزلار سىستېمىسى ياندىن قارىغاندا ئوتتۇرا قىسمى تومپىيىپ چىققان، چەتلىرى ياپىلاق كەلگەن بەئەينى بىر دىسكىغا ئوخشايدۇ. تومپىيىپ چىققان بۆلىكىدىن بىرنەچچە تال تار ھەم يورۇق نۇر بەلۋېغى − سپىرال بىلىكى ئايلانما شەكىلدە سوزۇلۇپ چىققان، بۇ يەر گازلىق جىسىملارنىڭ توپلىشىدىغان ماكانى، شۇنداقلا تۇرغۇن يۇلتۇزلار ئاپىرىدە بولىدىغان بۆشۈك ھېسابلىنىدۇ. قايناملىق يۇلتۇزلار سىستېمىسى بىزگە قىيپاش ئۇدۇل بولغاچقا، بىز پەقەت بىر ئېللىپس شەكىلنىلا كۆزىتەلەيمىز.
قايناملىق يۇلتۇزلار سىستېمىسى ئىچىدە، مۇتلەق كۆپ ساندىكى يۇلتۇزلارنىڭ ھەممىسى ياپىلاق كەلگەن دىسكا ئىچىگە توپلاشقان، سپىرال بىلىكىدە بولسا نۇرغۇنلىغان يۇلتۇزلار ئارا ماددىلار، گازلىق جىسىملار ۋە تارقاق يۇلتۇزلار توپى توپلاشقان.
سپىرال بىلىكىنىڭ شەكلى بەئەينى دەرەخنىڭ يىل ھالقىسىغا ئوخشىشىپ كېتىدۇ، ئۇنىڭغا قاراپ يۇلتۇزلار سىستېمىسىنىڭ قانچە ياش ئىكەنلىكىنى بىلىۋالغىلى بولىدۇ. سپىرال بىلىكىنىڭ تارقاقلىقى قانچە روشەن بولسا، يۇلتۇزلار سىستېمىسىنىڭ يېشىمۇ شۇنچە كىچىك بولىدۇ. بۇ تۈردىكى يۇلتۇزلار سىستېمىسىنىڭ سپىرال بىلىكىدە گازلىق جىسىملار يېتەرلىك ئەمەس، شۇڭا ئۇزاققا بارمىغان كەلگۈسىدە بۇ بىلەكتە زور بىر تۈركۈم تۇرغۇن يۇلتۇزلار پەيدا بولۇشى مۇمكىن. قاينام ئانچە روشەن ئىپادىلەنمىگەن يۇلتۇزلار سىستېمىسىدا بولسا، زور بىر قىسىم گازلىق جىسىملار يۇلتۇزغا ئايلىنىپ بولغان بولغاچقا، يۇلتۇزلارنىڭ يېشىمۇ بىرقەدەر چوڭ بولىدۇ. سامانيولى سىستېمىسى، ئاندرومېدا يۇلتۇزلار سىستېمىسى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ناھايىتى مۇكەممەل يېتىلگەن قايناملىق يۇلتۇزلار سىستېمىسى بولۇپ، ئۇلار ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇپ تۇرغان ئوتتۇرا ياش مەزگىلىدە تۇرماقتا.