ئاركتۇر
خىلمۇ خىل يۇلتۇزلار
ئاركتۇر ئاسماننىڭ شىمالىي قىسمىدا چاقناپ تۇرىدىغان مەشھۇر يۇلتۇز بولۇپ، پادىچى يۇلتۇز تۈركۈمىگە جايلاشقان. باھار پەسلىنىڭ كېچىلىرى، بىز يەتتە قاراقچىنىڭ چۆمۈچ ساپاق ئەگرى سىزىقىنى بويلاپ شەرقىي جەنۇب تەرەپكە نەزەر سالساق، تەخمىنەن چۆمۈچ ساپىقىنىڭ ئۇزۇنلۇقى بىلەن تەڭ كېلىدىغان جايدا ئۇنى تاپالايمىز. غەربلىكلەر ئاركتۇرنى «ئاركدروس» دەپ ئاتايدۇ، بۇ سۆز «ئېيىقنىڭ قوغدىغۇچىسى» دېگەن مەنىنى بېرىدۇ. بۇ ئېھتىمال ئۇنىڭ چوڭ ئېيىق يۇلتۇز تۈركۈمىگە خېلى يېقىن ئىكەنلىكىدىن، ھەمىشە دېگۈدەك بۇ چوڭ ئېيىقنىڭ كەينىدىن ئەگىشىپ يۈرگەنلىكىدىن شۇنداق ئاتالغان.
ئاركتۇر بىرىنچى دەرىجىلىك يورۇق يۇلتۇز، ئۇنىڭ يورۇقلۇق دەرىجىسى پۈتۈن كۈن تۆتىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. ئىككىنچى، ئۈچىنچى دەرىجىلىك يورۇق يۇلتۇزلار يەر شارىنىڭ جەنۇبىي قۇتۇپ ئاسمان بوشلۇقى تەرىپىگە قىيپاش جايلاشقانلىقى سەۋەبىدىن، ئېلىمىزدىكى مۇتلەق كۆپچىلىك كۆزەتكۈچىلەر ئۈچۈن ئېيتقاندا، ئەڭ يورۇق يۇلتۇز — سىرىئۇس كۆزدىن غايىب بولغاندىن كېيىن، ئاركتۇر ئاسماندىكى ئەڭ يورۇق يۇلتۇز بولۇپ قالدى. ئۇنىڭ بىز بىلەن بولغان ئارىلىقى تەخمىنەن36 يورۇقلۇق يىلى، يۈزىنىڭ تېمپېراتۇرىسى4200 سېلىسىيە گرادۇس بولۇپ، قۇياش يۈزىنىڭ تېمپېراتۇرىسىدىن خېلىلا تۆۋەن، ئۇ قىزغۇچ سېرىق نۇر تارقىتىدۇ. لېكىن ئۇنىڭ نۇر تارقىتىش ئىقتىدارى قۇياشنىڭكىدىن100 نەچچە ھەسسە كۈچلۈك بولىدۇ، بۇنداق بولۇشىدىكى سەۋەب شۇكى، ئاركتۇرنىڭ دىئامېتىرى قۇياش دىئامېتىرىنىڭ27 ھەسسىسىگە باراۋەر، نۇر تارقىتىش يۈزى قۇياشنىڭكىنىڭ700 ھەسسىسىدىن ئارتۇقراق كېلىدۇ. شۇڭا، ئاركتۇر بىر قىزىل گىگانت يۇلتۇز ھېسابلىنىدۇ.
بـارلىـق ئەڭ يورۇق، ئاددىي كۆز بىلەن بىۋاسىتە كۆزەتكىلى بولىدىغان تۇرغۇن يۇلتۇزلار ئارىسىدا، ئاركتۇرنىڭ ھەرىكەت قىلىش سۈرئىتى ئەڭ تېز. بۇ ئاجايىپ چوڭ مەۋجۇدات سېكۇنتىغا483 كىلومېتىرلىق سۈرئەت بىلەن ئالەم بوشلۇقىدا سانسىز ئەسىرلەردىن بۇيان ئەركىن سەيلە قىلىپ كەلدى. ئۇنىڭ بىز ياشاۋاتقان يەر شارى بىلەن بولغان ئارىلىقى خېلى يېقىن بولۇپ، ئىنچىكىلىك بىلەن كۆزەتكەندە، ئۇنىڭ ئاسمان شارىدىكى سىلجىشىنىمۇ كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.
ئېلىمىزنىڭ قەدىمكى دەۋردە، ئاركتۇر شەرقتىكى قارا ئەجدىھانىڭ بىر مۈڭگۈزى (يەنە بىر مۈڭگۈزى سپىكا) دەپ قارىلىپ كەلگەن، بۇمۇ خەنزۇچە «چوڭ مۈڭگۈز» (角大) سۆزىنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبىدۇر. ئاسىيا قىتئەسىدىكى ئىككى دەريا ۋادىسىدا ياشايدىغان سۇمېرىئانلار ئاركتۇرنى «مۇر. سىبھانا»، ئەرەبلەر «فالس. ئاساما» دەپ ئاتايدۇ، ھەممىسى «ئاسماننىڭ سادىق قوغدىغۇچىسى» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. ئاركتۇر يۆنىلىشنى بەلگىلەش، پەسىللەرنى ئايرىشتا مۇھىم پايدىلانما يۇلتۇز بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۆتكەن سۇلالىلەر كىشىلىرىنىڭ ئېتىبار بىلەن قارىشىغا مۇيەسسەر بولۇپ كەلدى.