كاپېللا
خىلمۇ خىل يۇلتۇزلار
كاپېللا ھارۋىكەش يۇلتۇز تۈركۈمىدىكى ئەڭ يورۇق چاقنايدىغان α يۇلتۇز بولۇپ، شىمالىي يېرىم ئاسمان شارىدا، ئۇنىڭ يورۇقلۇق دەرىجىسى ئاركتۇر ۋە توقۇمىچى قىز يۇلتۇزىدىن قالسىلا ئۈچىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. ئەڭ يورۇق چاقنايدىغان بارلىق تۇرغۇن يۇلتۇزلار ئىچىدە، ئۇنىڭ شىمالىي قۇتۇپ يۇلتۇزى بىلەن بولغان ئارىلىقى ئەڭ يېقىن. ئۇ شىمالىي قۇتۇپ يۇلتۇزىغا سەل يېقىن جايلاشقان بولغاچقا، شىمالىي يېرىم شاردىكى مۇتلەق كۆپچىلىك كۆزەتكۈچىلەر ئۈچۈن ئېيتقاندا، ئۇنىڭ بىر سوتكىدىكى24 سائەت ۋاقىت ئىچىدە، ئۇپۇق سىزىقىدىن كۆتۈرۈلۈپ تۇرىدىغان ۋاقتى20 سائەتتىن ئېشىپ كېتىدۇ، بىز يىل بويى ئۇنى كۆرۈپ تۇرالايمىز. كاپېللا ھەركۈنى شەرقىي شىمالنىڭ قىيپاش شىمال تەرىپىدىن كۆتۈرۈلۈپ، زېنىتنىڭ شىمالىي قىسمىدا ئەڭ ئېگىز نۇقتىغا يەتكەندىن كېيىن ئاستا - ئاستا غەربىي شىمالغا سۈرۈلۈپ، ئەڭ ئاخىر غەربىي شىمالنىڭ قىيپاش شىمال تەرىپىگە پاتىدۇ.
سپېكتىرلىق ئەسۋابلار بىلەن كۆزىتىش ئارقىلىق بايقالدىكى، كاپېللا چوڭ - كىچىكلىكى ئوخشاش ھەم ناھايىتى يېقىن كەلگەن چوغدەك قىزىق ئىككى يۇلتۇزدىن تۈزۈلگەن. ئۇلارنىڭ ھەربىرىنىڭ ھەجىمى ئومۇمەن ناھايىتى چوڭ، يەنە كېلىپ كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان سۈرئەت بىلەن ئۆزئارا بىر - بىرىنى ئايلىنىدۇ. پەقەت سپېكتىرلىق ئەسۋابلار بىلەن كۆزەتكەندىلا ئاندىن ئېنىق پەرقلەندۈرگىلى بولىدىغان بۇ خىل قوش يۇلتۇزلار ئاسترونومىيىدە «سپېكتىرلىق قوش يۇلتۇزلار» دەپ ئاتىلىدۇ. كاپېللانىڭ ئاساسىي يۇلتۇزى بىلەن ھەمراھ يۇلتۇزىنىڭ رەڭگى قۇياشنىڭكى بىلەن ئوخشاش بولۇپ، سۇس سېرىق رەڭدە كۆرۈنىدۇ، ئۇلارنىڭ سىرتقى يۈزىنىڭ تېمپېراتۇرىسىمۇ قۇياشنىڭكى بىلەن ئاساسەن ئوخشاش بولىدۇ. لېكىن كاپېللانىڭ ئىككى يۇلتۇزى ئومۇمەن قۇياشتىن چوڭ بولۇپ، بىر جۈپ سېرىق گىگانت يۇلتۇز ھېسابلىنىدۇ. ئاساسىي يۇلتۇزىنىڭ دىئامېتىرى قۇياشنىڭ دىئامېتىرىدىن12 ھەسسە چوڭ بولىدۇ، تارقىتىدىغان نۇر مىقدارى قۇياشنىڭ نۇر مىقدارىدىن100 نەچچە ھەسسە كۆپ بولىدۇ. كاپېللانىڭ گەرچە «گەۋدىسى» ناھايىتى چوڭ بولسىمۇ، لېكىن ئاتموسفېراسىنىڭ زىچلىقى ناھايىتى كىچىك بولۇپ، ئاران قۇياش ئاتموسفېراسىنىڭ40 تىن بىر ئۈلۈشىگە باراۋەر كېلىدۇ، ئۇ نىسبەتەن ئاجىز بىر بودەك يۇلتۇز ھېسابلىنىدۇ.
كاپېللا بىزدىن تەخمىنەن40 نەچچە كىلومېتىر يورۇقلۇق يىلى يىراقلىقتا تۇرىدۇ. ھازىر يەنە سېكۇنتىغا30 ياكى40 كىلومېتىرلىق سۈرئەت بىلەن بىزدىن تېخىمۇ يىراقلىماقتا.