UyghurWiki
UyghurWikiخىلمۇ-خىل يۇلتۇزلارئورىئون يۇلتۇز تۈركۈمى

ئورىئون يۇلتۇز تۈركۈمى

خىلمۇ خىل يۇلتۇزلار قىش پەسلىنىڭ ئالدىنقى يېرىم كېچىسىدە، سامانيولىنىڭ شەرقىي جەنۇبتىن غەربىي شىمالغا قىيپاش سوزۇلغان كېچە ئاسمىنىدا، سامانيولىنىڭ غەربىي جەنۇب قىرغىقىدىكى سەۋر يۇلتۇز تۈركۈمى بىلەن چوڭ ئىت يۇلتۇز تۈركۈمىنىڭ ئارىسىدا ئۈچ دانە ئارىلىقى ئۆزئارا تەڭ بولغان، خېلى يورۇق كۆرۈنىدىغان يۇلتۇزلارنىڭ تىزىلىشىدىن شەكىللەنگەن بىر تۈز سىزىقنى كۆرگىلى بولىدۇ، بۇ ئۈچ يۇلتۇز ئېلىمىزدە «ئورىئون ئۈچ يۇلتۇزى» دەپ ئاتىلىدۇ. ئۈچ يۇلتۇزنىڭ سىرتىدا يەنە تۆت يورۇق يۇلتۇز (بېتېلگېيز «ئورىئون α» دىن رىگېل «ئورىئون β غىچە») تىك تۆت تەرەپلىك رامكا ھاسىل قىلىپ تۇرىدۇ، تىك تۆت تەرەپلىك رامكا دىئاگونالىنىڭ مەركىزىدە دەل «ئۈچ يۇلتۇز» نىڭ ئوتتۇرىسىدىكى يۇلتۇز كۆرۈنىدۇ. تىك تۆت تەرەپلىك رامكىنىڭ ئەتراپىدىكى بوشلۇقتا كۆرۈنىدىغان يۇلتۇز دەل ئورىئون يۇلتۇز تۈركۈمى بولىدۇ. ئورىئون يۇلتۇز تۈركۈمى پۈتۈن كۈن ئەڭ چىرايلىق، ئەڭ يورۇق كۆرۈنىدىغان يۇلتۇز تۈركۈمى بولۇپ، ئۇ يورۇق يۇلتۇزلارنىڭ يىغىلغان جايى ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭ ئىچىدە ئىككى دانە1 - دەرىجىلىك، بەش دانە2 - دەرىجىلىك، ئۈچ دانە3 - دەرىجىلىك،15 دانە4 - دەرىجىلىك يۇلتۇز بار. پۈتكۈل ئاسماندىكى88 يۇلتۇز تۈركۈمى ئىچىدە ئورىئون يۇلتۇز تۈركۈمىدەك ئۇنداق يورۇق يۇلتۇز تۈركۈمىنى كۆرگىلى بولمايدۇ.11 - ئاينىڭ بېشىدا ئورىئون يۇلتۇز تۈركۈمى كەچ سائەت10 لاردا كۆتۈرۈلىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن، كۆتۈرۈلۈش ۋاقتى بارغانسېرى ئالدىغا سۈرۈلىدۇ. يېڭى يىلنىڭ ئالدى - كەينىدىكى بىر ھەپتىدە، ئۇ دەل گۇگۇم ۋاقتىدا شەرقتە پەيدا بولۇپ، شۇنىڭدىن كېيىن كۆتۈرۈلۈش ۋاقتى ئۈزلۈكسىز ئالدىغا سۈرۈلىدۇ،5 - ئايغا كەلگەندە، ئورىئون يۇلتۇز تۈركۈمى ئەتىگەن سائەت8 -9 لاردا كۆتۈرۈلۈپ، گۇگۇم ۋاقتىدىن كېيىن پاتىدۇ. ئورىئون يۇلتۇز تۈركۈمى توغرىسىدا قەدىمكى يۇنان ئەپسانىلىرىدە مۇنداق ئىككى خىل رىۋايەت تارقالغان: بىرىنچىسى، ئوۋچى ئورىئون ئىلاھە خانىش ھېرا ئەۋەتكەن زەھەرلىك چايان (ئەقرەب يۇلتۇز تۈركۈمى) تەرىپىدىن چېقىپ يارىلاندۇرۇلغاندىن كېيىن، ئەۋلىيا دوختۇر ئاسكلېپىئوس (يىلانچى يۇلتۇز تۈركۈمى) نى تەكلىپ قىلىپ داۋالىنىدىكەن، نەتىجىدە، ئاسمان ئىلاھى زېئۇس ئۇلارنىڭ ئىككىلىسىنى چاقماققا سوقتۇرۇپ ئۆلتۈرۈۋېتىدىكەن. ئورىئون ئۆلگەندىن كېيىن، ئۇنى ئەرشىئەلاغا ئېلىپ چىقىپ ئورىئون يۇلتۇز تۈركۈمىنى ھاسىل قىلىدىكەن. ئىككىنچىسى، ئوۋچى ئورىئون دېڭىز ئىلاھى پوسېيدوننىڭ ئوغلى بولۇپ، ئۇ ھەر كۈنى ئامراق ئوۋ ئىتى سىرۋۇسنى ئېلىپ ئوۋغا چىقىدىكەن. بىر كۈنى ئۇ ئاي ئىلاھەسى قوشۇمچە ئوۋچى ئارتېمىس بىلەن ئۇچرىشىپ قېلىپ، ئۇنىڭغا بىر كۆرۈپلا ئاشىق بولۇپ قالىدىكەن. بىراق، ئاي ئىلاھىنىڭ ئاكىسى قۇياش ئىلاھى ئاپوللو بۇ ئوۋچىنى ياقتۇرمايدىكەن. بىر كۈنى ئاكا - سىڭىل ئىككىيلەن ئەرشىئەلادا چارلاپ يۈرگەندە، ئاپوللو ئورىئوننىڭ دېڭىزدا سۇ ئۈزۈۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ قالىدىكەن، ئۇنىڭ بېشى سۇ يۈزىگە چىقىپ قالغان بولۇپ، خۇددى دېڭىزدىكى قارا خادا تاشقا ئوخشاپ قالغانىكەن، بۇنى كۆرگەن ئاپوللو قەستەن سىڭلىسىنىڭ ئوقيا ئېتىش ماھارىتىنىڭ يۇقىرىلىقىنى ماختاپ، ئۇنى دېڭىزدىكى خادا تاشنى ئېتىپ ئۆز كارامىتىنى كۆرسىتىپ بېقىشقا ئۈندەيدىكەن، نەتىجىدە، ئارتېمىس ئاكىسىنىڭ ئالدام خالتىسىغا چۈشۈپ، ئۆزىنىڭ ئاشىقى ئورىئوننى ئېتىپ ئۆلتۈرۈپ قويىدىكەن. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ پۇشايمان قىلىپ ئىنتايىن ئازابلىنىدىكەن ھەمدە ئاسمان ئىلاھى زېئۇسنىڭ ياردەم بېرىشىنى ئۆتۈنىدىكەن. زېئۇسنىڭ بۇ بىر جۈپ ئاشىق - مەشۇقلارغا ھېسداشلىقى قوزغىلىپ ئۇلارنىڭ تەلىپىنى بەجا كەلتۈرۈپ، ئورىئوننى ئەرشىئەلاغا ئېلىپ چىقىپ، يۇلتۇزلار دۇنياسىدا كۆزگە ئەڭ ئېنىق چېلىقىدىغان جايغا قويىدىكەن، مانا بۇ قىش پەسلىدە ئەڭ كۆركەم كۆرۈنىدىغان ئورىئون يۇلتۇز تۈركۈمىدۇر.
← بارلىق تېمىلار خىلمۇ-خىل يۇلتۇزلار
ئورىئون يۇلتۇز تۈركۈمى | UyghurWiki | UyghurWiki