ئېللىپسسىمان يۇلتۇزلار سىستېمىسى
خىلمۇ خىل يۇلتۇزلار
ئېللىپسسىمان يۇلتۇزلار سىستېمىسى شەكىل ھالىتىنىڭ يۇمىلاق ياكى ئېللىپس شەكىلدە ئىپادىلەنگەنلىكى ئۈچۈن شۇنداق ئاتالغان. ئۇ، ئالەم بوشلۇقىدىكى «قېرىلار دۆلىتى» ھېسابلىنىدۇ. ئىلمىي كۆزىتىشتىن مەلۇم بولدىكى، ئېللىپسسىمان يۇلتۇزلار سىستېمىسىدا ھېچقانداق گازلىق جىسىملار يوق، ياش تۇرغۇن يۇلتۇزلارنىمۇ تاپقىلى بولمايدۇ. چۈنكى، ئېللىپسسىمان يۇلتۇزلار سىستېمىسىدىكى بارلىق تۇرغۇن يۇلتۇزلار بۇنىڭدىن ناھايىتى ئۇزاق زامانلار ئىلگىرىكى ئوخشاش ۋاقىتتا پەيدا بولغان، شۇ ۋەجىدىن يۇلتۇزلار سىستېمىسىدىكى گازلىق جىسىملار بىراقلا خوراپ تۈگىگەن، شۇڭا، كېيىنكى ئۇزاق داۋام قىلغان زامانلاردا، بۇ يۇلتۇزلار سىستېمىسىدا يېڭى يۇلتۇزلار قايتىدىن ھاسىل بولالمىغان. كونا يۇلتۇزلار بولسا بىر - بىرلەپ قېرى چولپان يۇلتۇزلارغا ئايلىنىپ قالغان.
نۇرغۇنلىغان ئېللىپسسىمان يۇلتۇزلار سىستېمىسىنىڭ ھەممىسى ئىنتايىن چوڭ بولىدۇ. «سۇنبۇلە يۇلتۇز تۈركۈمى A» ئەنە شۇلارنىڭ ئىچىدە200 مىليارد دانە يۇلتۇزنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئېللىپسسىمان يۇلتۇزلار سىستېمىسىدۇر. «سۇنبۇلە يۇلتۇز تۈركۈمى A» دەپ ئاتالغان بۇ يۇلتۇزلار سىستېمىسىدا بىر قېتىم ناھايىتى شىددەتلىك چوڭ پارتلاش يۈز بەرگەن، شۇ چاغدا ئۇ خۇددى بىر سەپرايى ئۆرلىگەن ئازازۇل خوتۇنغا ئوخشاپ قالغان. بۇ خىل خاراكتېرنى نۇرغۇنلىغان گىگانت ئېللىپسسىمان يۇلتۇزلار سىستېمىسىنىڭ ھەممىسىدە ئۇچراتقىلى بولىدۇ. كىشىنى چۆچۈتىدىغان بۇنداق پارتلاش تاكى بۈگۈنگە قەدەر يېشىلمىگەن بىر سىر بولۇپ تۇرماقتا.
ۋەھالەنكى، ئالەمدە بۇنىڭغا ئوخشاش گىگانت ئېللىپسسىمان يۇلتۇزلار سىستېمىسى ھەقىقەتەن ئانچە كۆپ ئەمەس، لېكىن سەل كىچىك ئېللىپسسىمان يۇلتۇزلار سىستېمىسىنى ھەممىلا جايدا ئۇچراتقىلى بولىدۇ. بەزىلىرى شۇنچىلىك كىچىككى، ئاران نەچچە مىليون يۇلتۇزنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. كائىناتتا ئەڭ چوڭ ھەم ئەڭ كىچىك سانىلىدىغان يۇلتۇزلار سىستېمىسىنىڭ ھەممىسى ئېللىپسسىمان يۇلتۇزلار سىستېمىسىدۇر.