ئالدېباران
خىلمۇ خىل يۇلتۇزلار
قىش ئاخشىمىنىڭ يۇلتۇزلۇق ئاسمىنىدا يەنە بىر مەشھۇر يۇلتۇز تۈركۈمى بار بولۇپ، سەۋر يۇلتۇز تۈركۈمى دەپ ئاتىلىدۇ، ئۇ سەككىز دانە يۇلتۇزنىڭ «V» ھەرىپى شەكلىدە تىزىلىشىدىن ھاسىل بولغان بولۇپ، «V» ھەرپىنىڭ بىر ئاچىسىنىڭ ئۇچىدا، ئاپېلسىننىڭ رەڭگىدە كۆرۈنىدىغان بىر يورۇق يۇلتۇز بار، مانا بۇ ئالدېباران بولۇپ، ئىلمىي نامى سەۋر يۇلتۇز تۈركۈمى α دېيىلىدۇ.
ئالدېباران «يىگىرمە سەككىز تۈركۈم» نىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. خەنزۇچە «毕» خېتى قەدىمكى دەۋردە ئۇچار قاناتلار ۋە ھايۋانلارنى تۇتۇشقا ئىشلىتىلىدىغان ئۇزۇن تۇتقۇچلۇق تورنى كۆرسىتەتتى. ئالدېباران سەۋر يۇلتۇز تۈركۈمىدىكى بەشىنچى يۇلتۇز ھېسابلىنىدۇ. ئالدېباران، رېگۇل، ئانتارېس ۋە فومالگائۇتلار بولسا ئېكلىپتىكا ئەتراپىدىكى تۆت يورۇق يۇلتۇز بولۇپ، «تۆت چوڭ يۇلتۇز پادىشاھى» دەپ ئاتىلىدۇ.9
-،10 - ئايلاردا، كىشىلەر گۇگۇم ۋاقتىدىن كېيىنكى كېچە ئاسمىنىدا دەل شەرق تەرەپتە ياكى دەل شەرقتىن سەل قىيپاش شىمال تەرەپتە ئەتىرگۈل رەڭگىگە ئوخشىشىپ كېتىدىغان ئالدېباراننى كۆرەلەيدۇ. ئۇ خۇددى ئىنتايىن كۆركەم ئۈنچە - مەرۋايىتتەك شەرقنىڭ كېچە ئاسمىنىدا جۇلالىنىپ تۇرىدۇ.1 -،2 - ئايلارغا كەلگەندە، گۇگۇم ۋاقتىدىن كېيىن ئۇ ئېگىز ئاسمان بوشلۇقىدا چاقنايدۇ. ئېلىمىزدىكى كۆزەتكۈچىلەر ئۈچۈن ئېيتقاندا، ئالدېباراننىڭ ئەڭ ئېگىز نۇقتىسى جەنۇب تەرەپتىكى ئۇپۇقتىن تارتىپ زېنىتقىچە بولغان ئارىلىقنىڭ تەخمىنەن3 /2 قىسمىغا توغرا كېلىدىغان جايدا بولىدۇ.
ئالدېباران بىزدىن تەخمىنەن65 يورۇقلۇق يىلى يىراقلىقتا تۇرىدۇ، ئۇنىڭ دىئامېتىرى قۇياش دىئامېتىرىنىڭ45 ھەسسىسىگە باراۋەر كېلىدۇ. لېكىن، ئۇنىڭ بىزگە بېرىدىغان نۇرى ئاران قۇياش نۇرىنىڭ90 مىلياردتىن بىر ئۈلۈشىگە تەڭ. ئالدېباران قېرىلىق باسقۇچىدا تۇرۇۋاتقان تۇرغۇن يۇلتۇز، ئۇ ئانتارېس بىلەن ئوخشاش بولۇپ، ھەممىسى ھالاك بولۇش يولىغا كېتىۋاتقان قىزىل گىگانت يۇلتۇزلاردۇر.