UyghurWiki
UyghurWikiخىلمۇ-خىل يۇلتۇزلارئاساسىي قاتار يۇلتۇزى

ئاساسىي قاتار يۇلتۇزى

خىلمۇ خىل يۇلتۇزلار ئاساسىي قاتار يۇلتۇزى قىران دەۋرىدە تۇرۇۋاتقان تۇرغۇن يۇلتۇزدۇر. ھازىرقى قۇياش دەل ئاساسىي قاتار يۇلتۇزى باسقۇچىدا تۇرۇۋاتقان بولۇپ، ياش قورامى5 مىليارد ياشتىن ئاشتى. بالىلىق مەزگىلدىن باشلاپ، تۇرغۇن يۇلتۇزلار تارتىشىش كۈچىنىڭ تەسىرىدە ئۈزلۈكسىز قورۇلۇشقا باشلايدۇ. مەركىزىي قىسمىنىڭ تېمپېراتۇرىسى7 مىليون گرادۇسقا يەتكەندە، تۇرغۇن يۇلتۇزنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى ئەڭ مول ئېلېمېنت − ھىدروگېن جۇغلىنىپ گېلىيغا ئۆزگىرىدىغان ئىسسىق يادرو رېئاكسىيىسى باشلىنىدۇ. ئىسسىق يادرو رېئاكسىيىسى پەيدا قىلغان قايناق ئىسسىق دولقۇن غايەت زور سىرتقا يۈزلەنگەن بېسىم كۈچى پەيدا قىلىپ، ئىچكى قىسمىغا يۈزلەنگەن تۇرغۇن يۇلتۇزنىڭ تارتىشىش كۈچى بىلەن قارشى مۇۋازىنەت ھالىتى شەكىللەندۈرۈپ، يۇلتۇزنىڭ قورۇلۇشتىن توختىشىغا سەۋەب بولىدۇ. يۇلتۇزنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى لاۋۇلداپ كۆيۈۋاتقان ئوت يۇلتۇز پوستىنى كۆيدۈرۈپ تاشلايدۇ - دە، پۈتكۈل يۇلتۇز بىر ئوت شارىغا ئايلىنىپ قالىدۇ. بۇ چاغدىكى تۇرغۇن يۇلتۇز ئۇزاق مۇددەت تۇرغۇن ھالەتتە تۇرالايدۇ، ئاساسىي قاتار يۇلتۇزى دەپ ئاتىلىدۇ. تۇرغۇن يۇلتۇز تەدرىجىي ئۆزگىرىپ ئاساسىي قاتار يۇلتۇزغا ئايلانغان چاغدا، ئۇنىڭ يورۇقلۇقىنىڭ كۈچلۈك - ئاجىزلىقى تۇرغۇن يۇلتۇزنىڭ ماسسىسى تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ. مەسىلەن، ماسسىسى قۇياش ماسسىسىنىڭ تەخمىنەن20 ھەسسىسىگە تەڭ كېلىدىغان تۇرغۇن يۇلتۇزنى ئالساق، بۇ تۇرغۇن بولغان ئاساسىي قاتار يۇلتۇزى باسقۇچىدا، يورۇقلۇقى ۋە تېمېراتۇرىسى ناھايىتى يۇقىرى بولغان كۆك گىگانت يۇلتۇزغا ياكى كۆك ئاق گىگانت يۇلتۇزغا ئۆزگىرىدۇ؛ ماسسىسى قۇياش ماسسىسىنىڭ نەچچە ھەسسىسىگە تەڭ كېلىدىغان تۇرغۇن يۇلتۇز ئاق يۇلتۇز ياكى سېرىق ئاق يۇلتۇزغا ئۆزگىرىدۇ؛ ماسسىسى قۇياشنىڭ ماسسىسى بىلەن ئانچە پەرقلەنمەيدىغان تۇرغۇن يۇلتۇز يورۇقلۇقى ۋە سىرتقى يۈز تېمپېراتۇرىسى قۇياشنىڭ يورۇقلۇقى ۋە سىرتقى يۈز تېمېراتۇرىسى بىلەن ئوخشىشىپ كېتىدىغان سېرىق پەتەك يۇلتۇزغا ئۆزگىرىدۇ. ماسسىسى قۇياشنىڭ ماسسىسىدىن كىچىك بولغان تۇرغۇن يۇلتۇز يورۇقلۇقى ناھايىتى كىچىك، سىرتقى يۈز تېمپېراتۇرىسى ناھايىتى تۆۋەن بولغان قىزىل پەتەك يۇلتۇزغا ئۆزگىرىدۇ. ئاساسىي قاتار يۇلتۇزنىڭ ئىچكى قىسمىدا يېتەرلىك يېقىلغۇ — ھىدروگېن مەۋجۇت بولۇپ، ئۇزاق مۇددەتلىك كۆيۈش جەريانىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ. تۇرغۇن يۇلتۇزنىڭ ئۆمرىنىڭ كۆپ قىسىم ۋاقتى ئومۇمەن ئاساسىي قاتار يۇلتۇزى باسقۇچىدا توختاپ قالىدۇ، بىز كۆرەلەيدىغان كۆپ سانلىق تۇرغۇن يۇلتۇزلارنىڭ ھەممىسى ئاساسىي قاتار يۇلتۇزىدىن ئىبارەت. ماسسىسى چوڭراق بولغان يۇلتۇزلار شىددەت بىلەن كۆيىدىغان بولغاچقا، يېقىلغۇسى تېز خورايدۇ، ئۇنىڭ ئاساسىي قاتار يۇلتۇزى باسقۇچىدا تۇرىدىغان ۋاقتىمۇ سەل قىسقا بولىدۇ؛ لېكىن ئەڭ قىسقا دېگەندىمۇ نەچچە مىليون يىل بولىدۇ. ماسسىسى سەل كىچىك تۇرغۇن يۇلتۇزلاردا، ئىسسىق يادرو رېئاكسىيىسىنىڭ سۈرئىتى سەل ئاستا بولىدۇ، ھىدروگېننىڭ خوراش سۈرئىتىمۇ ئاستىراق بولىدۇ، شۇڭا، ئۇنىڭ ئاساسىي قاتار يۇلتۇزى باسقۇچىدا تۇراقلىق تۇرىدىغان ۋاقتىمۇ ئۇزاقراق بولىدۇ، ئەڭ ئۇزاق دېگەندە10 تىرىليون يىل بولىدۇ. قۇياش دەل مۇشۇنداق تۇراقلىق باسقۇچتا تۇرۇۋاتقانلىقى ئۈچۈن، ئۇنىڭ تۇرغۇن »كۆيۈش« ھالىتىدە تۇرغىنىغا توپتوغرا5 مىليارد يىل بولدى. مۆلچەرگە ئاساسلانغاندا، قۇياشنىڭ ئاساسىي قاتار يۇلتۇزى باسقۇچىدا تۇرۇش ۋاقتى ئۇزاق دېگەندە تەخمىنەن10 مىليارد يىل بولىدىكەن.
← بارلىق تېمىلار خىلمۇ-خىل يۇلتۇزلار
ئاساسىي قاتار يۇلتۇزى | UyghurWiki | UyghurWiki