يۇلتۇزلار تۈركۈمى
خىلمۇ خىل يۇلتۇزلار
ئاسماندىكى مىغ - مىغ يۇلتۇزلارنى ساناپ تۈگەتكىلى بولمايدۇ، ئۇنداقتا ئۇلارنى قانداق پەرقلەندۈرۈش كېرەك؟ كىشىلەر ئۆزىنىڭ ئوي - خىيالىدىكى تەقلىدىگە ئاساسەن، ئاسمان بوشلۇقىنى نۇرغۇن رايونلارغا بۆلۈپ، ئۇلارغا مۇۋاپىق نام بەرگەن. مەسىلەن، ئېلىمىزنىڭ قەدىمكى زاماندا نام بېرىلگەن «28 تۈركۈم»، «يەتتە قاراقچى» قاتارلىقلار. غەربىي ياۋروپالىقلار ئايرىپ چىققان يۇلتۇزلۇق ئاسمان رايونى «يۇلتۇزلار تۈركۈمى» دەپ ئاتىلىدۇ. خەلقئارادا پۈتۈن ئاسمان بوشلۇقىنى88 يۇلتۇزلار تۈركۈمىگە بۆلۈش بىرلىككە كەلتۈرۈلگەن، بۇنىڭ ئىچىدىكى48 يۇلتۇزلار تۈركۈمىنى قەدىمكى يۇنان ئاسترونوملىرى بېكىتكەن، بۇ يۇلتۇزلار تۈركۈمىنىڭ كۆپىنچىسى قەدىمكى يۇنان ئەپسانىلىرىدىكى ئادەم ۋە ھايۋانلارنىڭ نامى بىلەن ئاتالغان، مەسىلەن، چوڭ ئېيىق يۇلتۇز تۈركۈمى، كاسسىئوپىيە يۇلتۇز تۈركۈمى، ئەسەد يۇلتۇز تۈركۈمى، ئەقرەب يۇلتۇز تۈركۈمى، پادىچى يۇلتۇز تۈركۈمى، لىرا يۇلتۇز تۈركۈمى قاتارلىقلار. يېقىنقى زاماندا يۇلتۇزلار تۈركۈمى ئىلمىي، سىستېمىلىق ھالدا بۆلۈنگەن، نۇرغۇنلىغان يۇلتۇزلار تۈركۈمىگە ئاسترونومىيە ئىلمى ياكى باشقا ئىلىم - پەن ئەسۋابلىرىنىڭ ئاتىلىشىغا ئاساسەن نام بېرىلگەن، مەسىلەن، سېكستانت يۇلتۇز تۈركۈمى، ئوكتانت يۇلتۇز تۈركۈمى، تېلېسكوپ يۇلتۇز تۈركۈمى، سائەت يۇلتۇز تۈركۈمى، ئىسكىنە يۇلتۇز تۈركۈمى، مىكروسكوپ يۇلتۇز تۈركۈمى قاتارلىقلار.
بۇ يۇلتۇز تۈركۈملىرى خۇددى يەر شارىدىكى نۇرغۇن چوڭ - كىچىك دۆلەتلەرگە ئوخشايدۇ. ھەربىر يۇلتۇز تۈركۈمىدە نۇرغۇنلىغان يۇلتۇزلار بولىدۇ، بۇ دەل بىر دۆلەتتە نۇرغۇنلىغان شەھەر ۋە يېزا - بازارلارنىڭ بولغىنىغا ئوخشايدۇ. ئۇلار ئاسماندىكى زىچ تارقالغان يۇلتۇزلارنى پەرقلەندۈرۈشتە بىز ئۈچۈن نۇرغۇن قۇلايلىقلارنى ھازىرلىغان.
يۇلتۇز تۈركۈملىرىنى پەرقلەندۈرگەن ۋاقتىمىزدا، يۇلتۇزلار خەرىتىسى ۋە ئۇنىڭ ئىزاھاتلىرىغا ئاساسەن، ئاۋۋال يۇلتۇزلار تۈركۈمىدىكى ئەڭ يورۇق چاقنايدىغان بىرقانچە تۇرغۇن يۇلتۇزنى تېپىپ (ئادەتتە يورۇقلۇق دەرىجىسى رەت تەرتىپى بويىچە يۇنان ھەرپلىرىدىن α، β، γ … قاتارلىقلار ئارقىلىق ئىپادىلىنىدۇ)، ئاندىن يەنە يۇلتۇزلار خەرىتىسىدىكى ھەرقايسى يۇلتۇزلارنىڭ نىسپىي ئورنىغا ئاساسەن پۈتكۈل يۇلتۇزلار تۈركۈمىنى پەرقلەندۈرۈش كېرەك. بىراق، ھەمەل يۇلتۇز تۈركۈمى، سەۋر يۇلتۇز تۈركۈمى، ھوت يۇلتۇز تۈركۈمى، جەۋزا يۇلتۇز تۈركۈمى، سەرەتان يۇلتۇز تۈركۈمى، ئەسەد يۇلتۇز تۈركۈمى، سۇنبۇلە يۇلتۇز تۈركۈمى، مىزان يۇلتۇز تۈركۈمى، ئەقرەب يۇلتۇز تۈركۈمى، قەۋس يۇلتۇز تۈركۈمى، جەدى يۇلتۇز تۈركۈمى، دەلۋە يۇلتۇز تۈركۈمىدىن ئىبارەت ئېكلىپتىكىغا جايلاشقان بۇ12 يۇلتۇز تۈركۈمى بىلەن تونۇشقان ۋاقتىمىزدا، بەزىدە يەنە يۇلتۇزلار خەرىتىسىدىن تاپالمايدىغان ئالاھىدە يورۇق يۇلتۇزلارنى كۆرەلىشىمىز مۇمكىن، ئۇلارنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكى قۇياش سىستېمىسىدىكى سەييارىلەردۇر. ئاددىي كۆز ئارقىلىق كۆرگىلى بولىدىغان سەييارىلەردىن پەقەت بەشى بار، ئۇلار مېركۇرىي، ۋېنېرا، مارس، يۇپىتېر، ساتۇرندىن ئىبارەت.