UyghurWiki
UyghurWikiخىلمۇ-خىل يۇلتۇزلارئاكرېست

ئاكرېست

خىلمۇ خىل يۇلتۇزلار جەنۇب ئاسمىنىدا، پۈتۈن كۈن ئەڭ كىچىك كۆرۈنىدىغان بىر يۇلتۇز تۈركۈمى بار بولۇپ، جەنۇبىي كرېست يۇلتۇز تۈركۈمى دېيىلىدۇ. بۇ يۇلتۇز تۈركۈمىدىكى α يۇلتۇز (ئېلىمىزدە ئاكرېست ياكى جەنۇبىي كرېست α دەپ ئاتىلىدۇ)، β يۇلتۇز (مىموزا ياكى جەنۇبىي كرېست β)، γ يۇلتۇز (جەنۇبىي كرېست γ) ۋە δ يۇلتۇز (جەنۇبىي كرېست δ) دىن ئىبارەت تۆت يۇلتۇز قوشۇلۇپ بىر كرېست شەكلىنى ھاسىل قىلىدۇ. ئاكرېست شۇ يۇلتۇز تۈركۈمى ئارىسىدىكى ئەڭ يورۇق كۆرۈنىدىغان ھەمدە ئەڭ جەنۇب تەرەپتە كۆرۈنىدىغان بىرىنچى دەرىجىلىك يورۇق يۇلتۇز. قەدىمدىن بۇيان، ئۇ قوشنىلىرىدىن تالىماك، ھادار قاتارلىق يورۇق يۇلتۇزلار بىلەن بىللە، سانسىزلىغان يولۇچى ۋە دېڭىز قاتناش كېمىلىرى ئۈچۈن نىشان كۆرسىتىپ كەلدى. جەنۇبىي يېرىم شاردىكى ئاۋسترالىيە، يېڭى زېلاندىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ دۆلەت بايرىقىنىڭ ھەممىسىگە جەنۇبىي كرېست يۇلتۇز تۈركۈمىنىڭ كۆرۈنۈشى ئاساسىي بەلگە قىلىپ چۈشۈرۈلگەن، بۇنىڭدىن ئۇنىڭ مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. بۇ يۇلتۇزنى پەقەت شىمالىي كەڭلىك °27 نىڭ جەنۇبىدىكى رايونلاردىلا كۆرۈش ئىمكانىيىتى بار. ئاكرېست كۆك رەڭدە كۆرۈنىدۇ، ئۇ A، B دىن ئىبارەت ئىككى يۇلتۇزدىن تەركىب تاپقان كۆرۈنمە قوش يۇلتۇز. ئۇنىڭ ئىچىدە ئاساسىي يۇلتۇز A نىڭ كۆرۈنمە يۇلتۇز چوڭلۇقى39 .1 دەرىجە، ھەمراھ يۇلتۇز B نىڭ بولسا86 .1 دەرىجىدە بولىدۇ. ئاساسىي يۇلتۇز يەنە كېلىپ ئېللىپسسىمان ئوربىتىنى بويلاپ ئايلىنىدۇ، دەۋرىيلىكى8 .75 كۈن بولىدىغان سپېكترلىك قوش يۇلتۇز. A، B يۇلتۇزلارنىڭ ماسسىسى ئايرىم - ئايرىم ھالدا قۇياش ماسسىسىنىڭ14 ھەسسىسى ۋە10 ھەسسىسىگە باراۋەر. جەنۇبىي كرېست يۇلتۇز تۈركۈمىدىكى جەنۇبىي كرېست γ بىلەن جەنۇبىي كرېست α يۇلتۇزىنى تۇتاشتۇرىدىغان ئارىلىق سىزىقنى ئۇلارنىڭ ئارىلىقىنىڭ4 ھەسسىسىچىلىك ئۇزارتقاندا، جەنۇبىي ئاسمان قۇتۇپى كۆرۈنىدۇ. كۆزىتىشكە ئاساسلانغاندا، ئاكرېستتىكى A، B ئىككى يۇلتۇز ئەقرەب يۇلتۇز تۈركۈمىدىكى سېنتاۋر يۇلتۇزلار جەمەتىنىڭ ئەزالىرى بولۇشى مۇمكىن. ئاكرېستنىڭ بىز بىلەن بولغان ئارىلىقى تەخمىنەن407 يورۇقلۇق يىلى كېلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار خىلمۇ-خىل يۇلتۇزلار
ئاكرېست | UyghurWiki | UyghurWiki