UyghurWiki
UyghurWikiخىلمۇ-خىل يۇلتۇزلارئاخېرنار

ئاخېرنار

خىلمۇ خىل يۇلتۇزلار ئاخېرنار ئېرىدان يۇلتۇز تۈركۈمىدىكى ئەڭ يورۇق ئېرىدان α نى كۆرسىتىدۇ، ئۇ يىلاندەك سوزۇلغان ئېرىدان يۇلتۇز تۈركۈمىنىڭ ئەڭ جەنۇبىي ئۇچىغا جايلاشقان. «ئاخېرنار» — «دەريا مەنبەسى» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ، ئېرىدان α يۇلتۇزى «دەريانىڭ ئايىغى» ياكى «دەريانىڭ تۈگەنچىسى» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. ئاخېرنار قىش پەسلىدە جەنۇبىي يېرىم ئاسمان شارىدا سەل جەنۇبتىن ئورۇن ئالىدىغان يۇلتۇز بولۇپ، ئېلىمىزنىڭ شىمالىدىكى مۇتلەق كۆپ قىسىم رايونلاردا ئۇنى كۆرگىلى بولمايدۇ، ئېلىمىزنىڭ جەنۇبىي قىسىم رايونىدىمۇ، كېچىسى جەنۇبىي ئاسماننىڭ سەل پەس جايلىرىدا ئۇنى كۆرگىلى بولىدۇ. ھەر يىلى12 - ئاينىڭ ئاخشاملىرى سائەت سەككىز ئەتراپىدا، ئاخېرنار دەل جەنۇبىي ئۇپۇق سىزىقىدىن ئانچە ئېگىز بولمىغان كېچىلىك ئاسمان بوشلۇقىدا پەيدا بولىدۇ، بۇ دەل ئاخېرنارنى كۆزىتىدىغان ئوبدان پۇرسەت. بىراق ئۇنىڭ پەيدا بولىدىغان ۋاقتى ناھايىتى قىسقا بولۇپ، ۋاقىتنى سەللا چىڭ تۇتمىغاندا ئۇنى كۆزىتىش پۇرسىتىنى قولدىن كەتكۈزۈپ قويۇش مۇمكىن. ئاخېرنار ئاجايىپ چاقنايدىغان بىر يورۇق يۇلتۇز، ئۆزى سۇس يېشىل رەڭدە ئىپادىلەنسىمۇ، ئەمما ئۇ ئۇپۇق سىزىقىغا يېقىن بولغاچقا، بىز ئاتموسفېرادىن ئۆتۈپ ئاندىن كۆرەلەيمىز، شۇڭا، قارىماققا رەڭگى قىزغۇچ كۆرۈنىدۇ. ئۇنىڭ بىز بىلەن بولغان ئارىلىقى كەم دېگەندىمۇ127 يورۇقلۇق يىلى كېلىدۇ، ئەمما نۇر چېچىش سىجىللىقى قۇياشنىڭ نۇر چېچىش سىجىللىقىدىن3 مىڭ ھەسسە كۈچلۈك.
← بارلىق تېمىلار خىلمۇ-خىل يۇلتۇزلار
ئاخېرنار | UyghurWiki | UyghurWiki