UyghurWiki
UyghurWikiخەلقارا يىغىنلارميۇنخېن يىغىنى

ميۇنخېن يىغىنى

خەلقئارا يىغىنلار 1938 - يىل9 - ئاينىڭ20 - كۈنىدىن30 - كۈنىگىچە ئەنگلىيە باش ۋەزىرى چېمبېرلېن، فرانسىيە زۇڭلىسى دالادېر، شۇنىڭدەك گېرمانىيە ۋە ئىتالىيىنىڭ فاشىستلار كاتتىۋېشى گىتلېر ۋە مۇسسولىن قاتارلىقلار گېرمانىيىنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدە يىغىن ئاچتى. ئەجەبلىنەرلىكى شۇكى، بۇ تۆت دۆلەت ئىمزالىغان كېلىشىمدە: يىغىنغا قاتنىشالمىغان چېخوسلوۋاكىيە10 كۈن ئىچىدە ئۆزىنىڭ مۇقەددەس زېمىنى بولغان سۇدېتېس رايونىنى ۋە ئۇنىڭ ئەسلىھەلىرىنى گېرمانىيىگە ھەقسىز ئۆتكۈزۈپ بېرىشى شەرت، دەپ بەلگىلەندى. بۇ ئەنگلىيە بىلەن فراسىيە جاھانگىرلىكى ئويدۇرۇپ چىقارغان ئاجىز دۆلەتنى سېتىۋېتىش سۈيىقەستىدۇر. چېخوسلوۋاكىيە كۆپ مىللەتلىك دۆلەت بولۇپ، چېگرىسى ئىچىدىكى سۇدېتېس رايونىدا3 مىليوندىن ئارتۇق ئاز سانلىق مىللەت، يەنى نېمىسلار ئولتۇراقلاشقان. شۇڭا، گىتلېر ئاللىبۇرۇنلا چېخوسلوۋاكىيىنى قوشۇۋېلىشنى ئويلاپ، سۇدېتېستا بىر تۈركۈم فاشىست مۇرىتلىرىنى بېقىپ، ئۇلارغا جېدەل تېرىپ، تاجاۋۇز قىلىش ئۈچۈن باھانە - سەۋەب تېپىش ھەققىدە بۇيرۇق چۈشۈردى.1938 - يىلى5 - ئايدا ۋە9 - ئايدا گېرمانىيە گېرمانىيە - چېخوسلوۋاكىيە چېگرىسىدا ئىككى قېتىم ئارمىيە توپلاپ، ئۇرۇش ئارقىلىق ئۇلارغا تەھدىت سالدى. چېخوسلوۋاكىيىنىڭ سانائىتى بىرقەدەر تەرەققىي تاپقان بولۇپ، ياۋروپا بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرغان، مەشىقتە داڭقى چىققان قۇرۇقلۇق ئارمىيىسى ۋە چېگرىدىكى مۇستەھكەم مۇداپىئە ئاكوپلىرى، خەلقىنىڭ فاشىستلارنىڭ تاجاۋۇزىغا قەتئىي تاقابىل تۇرۇش ئىرادىسى بار ئىدى. يەنە كېلىپ سوۋېت ئىتتىپاقى قاتارلىق كۆپلىگەن دۆلەتلەر خەلقىنىڭ مەدىتىگە ئىگە ئىدى، ئۇلار يەنە ئۆزى بىلەن ئىتتىپاقداشلىق شەرتنامىسى تۈزگەن فرانسىيە ۋە فرانسىيىنىڭ ئىتتىپاقدىشى بولغان ئەنگلىيىنىڭ مەدىتىگە ئېرىشەلەيدىغان بولسا، گىتلېرنىڭ قارا نىيىتىنىڭ ئەمەلگە ئېشىشى تەسكە توختايتتى. لېكىن ئەنگلىيە ۋە فرانسىيلەر ئۇرۇشتىن قورققانلىقتىن، ئۇزاقتىن بۇيان تىنچلاندۇرۇش سىياسىتى يۈرگۈزۈپ، باشقا دۆلەتلەرنىڭ مەنپەئىتىنى سېتىۋېتىش خام خىيالىدا بولۇپ، گېرمانىيە بىلەن مۇرەسسە قىلغانىدى. يېشى70 كە يېقىنلىشىپ قالغان ئەنگلىيە باش ۋەزىرى چېمبېرلېن زادىلا ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ باقمىغانىدى، لېكىن ئۇ10 كۈن ئىچىدىلا گېرمانىيىگە ئايروپىلان بىلەن ئىككى قېتىم بېرىپ - كېلىپ، گىتلېرغا ئۆز ماھىلىغا خىلاپ ھالدا ماسلىشىپ، «تىنچلىق» نى تەمە قىلدى ھەمدە گېرمانىيىگە3 - قېتىم بېرىپ، ميۇنخېن يىغىنىغا قاتنىشىپ، ميۇنخېن كېلىشىمىنى ئىمزالىدى. ئەنگلىيە بىلەن فرانسىيىگە ھەددىدىن ئارتۇق بېقىنىپ كەتكەن چېخسلوۋاكىيە ھۆكۈمىتى سېتىۋېتىلىپ، بۇ كېلىشىمنى قوبۇل قىلىشقا مەجبۇر بولدى. ميۇنخېن يىغىنىدىكى ساتقىنلىق تىنچلىقنى قولغا كەلتۈرەلمىدى، ئەكسىچە گېرمانىيە فاشىستلىرىنىڭ تاجاۋۇزچىلىق خورىكىنى ئۆستۈرۈپ قويدى.1939 - يىلى3 - ئايدا بۇ كېلىشىمنىڭ سىياھى قۇرۇماي تۇرۇپلا، گېرمانىيە پۈتكۈل چېخسلوۋاكىيىنى ئىشغال قىلىۋالدى.
← بارلىق تېمىلار خەلقارا يىغىنلار
ميۇنخېن يىغىنى | UyghurWiki | UyghurWiki