UyghurWiki
UyghurWikiخەلقارا يىغىنلارتېھران يىغىنى

تېھران يىغىنى

خەلقئارا يىغىنلار 1943 - يىلى2 - دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ بۇرۇلۇش نۇقتىسى بولغان بىر يىل بولدى. فاشىزمغا قارشى ئىتتىپاقداش دۆلەتلەر گېرمانىيە ۋە ياپونىيىگە قارىتىلغان بىرقانچە جەڭ مەيدانىدا زور غەلىبىگە ئېرىشىپ، پاسسىپلىقتىن تەشەببۇسكارلىققا ئۆتتى. ئىتتىپاقداش دۆلەتلەر ئىچىدىكى ئاساسلىق چوڭ دۆلەتلەر باشلىقلار ئۇچرىشىشىنى ئۆتكۈزۈپ، چوڭ ئىشلار ئۈستىدە ئورتاق مەسلىھەتلىشىپ، ئۇرۇشنىڭ سۈرئىتىنى تېزلىتىپ، فاشىستلارنى بالدۇرراق مەغلۇپ قىلماقچى بولدى.1943 - يىل11 - ئاينىڭ28 - كۈنى سوۋېت خەلق كومىتېتىنىڭ رەئىسى ستالىن، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى روزۋېلت، ئەنگلىيە باش ۋەزىرى چېرچىللار ئىران پايتەختى تېھراندا تۆت كۈنلۈك يىغىننى باشلىدى. يىغىندا ياپونغا قارشى ئۇرۇش قىلىش ۋە ئۇرۇشتىن كېيىن تىنچلىق ساقلايدىغان خەلقئارا تەشكىلات قۇرۇش قاتارلىق مەسىلىلەر ھەققىدە كەڭ دائىرىدە پىكىر ئالماشتۇرۇلدى ھەمدە گېرمانىيگە قارشى ئۇرۇشنى ئورۇنلاشتۇرۇش مەسىلىسى ئالاھىدە مۇزاكىرە قىلىندى. بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت ئىلگىرىلا، بۇ ئۈچ دۆلەتنىڭ سوۋېت - گېرمانىيە جەڭ مەيدانىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، ئەنگلىيە بىلەن ئامېرىكا غەربىي ياۋروپادا گىتلېر گېرمانىيىسىگە يەنە بىر قېتىم زەربە بېرىدىغان جەڭ مەيدانى قۇرۇشنى مەسلىھەتلەشكەنىدى. لېكىن2 - جەڭ مەيدانىنىڭ ئېچىلىشى بەك سوزۇلۇپ كېتىپ، سوۋېت ئىتتىپاقى گېرمانىيە فاشىزمنىڭ ھەربىي بېسىمىغا مۇستەقىل بەرداشلىق بېرىپ، غايەت زور مىللىي قۇربان بەردى. مۇزاكىرە ئارقىلىق بۇ ئۈچ دۆلەت1944 - يىلى5 - ئايدا ئەنگلىيە بىلەن ئامېرىكا غەربىي ياۋروپادا قۇرۇقلۇققا چىقىشنى، سوۋېت ئىتتىپاقى شەرقىي لىنىيىدە ھۇجۇم قوزغاپ ياردەم بېرىشنى قارار قىلدى. يىغىن ئاخىرىدا ماقۇللانغان خىتابنامىدە: ئۈچ دۆلەت بىردەك ھەرىكەتكە كېلىپ، زىچ ھەمكارلىشىپ، دۈشمەنگە تېخىمۇ رەھىمسىز ۋە شىددەتلىك ھۇجۇم قوزغاش كېرەكلىكى تەنتەنە بىلەن جاكارلاندى. تېھران يىغىنى2 - دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدىكى فاشىزمغا قارشى ئۈچ چوڭ دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ بىرىنچى قېتىملىق ئۇچرىشىشىدۇر. ئۇ ئىتتىپاقداش دۆلەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىپ، ھەمكارلىشىپ جەڭ قىلىش پىلانىنى تۈزۈپ، ئۇرۇش ئازابىنى ئېغىر تارتقان دۇنيا خەلقىنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشتى، بۇنىڭدىن فاشىستىك كۈچلەر قورقۇپ يۈرىكى قېپىدىن چىققۇدەك بولدى، بۇ يىغىن فاشىزمغا قارشى ئۇرۇشنىڭ ئاخىرقى غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشتە مۇھىم رول ئوينىدى.
← بارلىق تېمىلار خەلقارا يىغىنلار