UyghurWiki
UyghurWikiخەلقارا يىغىنلارپارىژ سۈلھى يىغىنى

پارىژ سۈلھى يىغىنى

خەلقئارا يىغىنلار فرانسىيىنىڭ پايتەختى پارىژدا دۇنياغا مەشھۇر ۋېرسال سارىيى بار.1 - دۇنيا ئۇرۇشى ئاخىرلاشقاندىن كېيىنكى1919 - يىلى ئۇرۇشتا غەلىبە قىلغان دۆلەتلەر بۇ يەردە ئۇرۇشتا مەغلۇپ بولغان گېرمانىيە بىلەن سۈلھى شەرتنامىسى تۈزۈش يىغىنى ئېچىپ، ئۇرۇشتا غەلىبە قىلغان بىرقانچە كۈچلۈك دۆلەتنىڭ «ئۇرۇش ئولجىسى» نى بۆلۈشۈۋېلىش رەزىل ئويۇنىنى ئويناپ چىقتى. بۇ يىغىنغا32 دۆلەت ۋە رايوننىڭ1000 دىن ئارتۇق ۋەكىلى قاتناشتى، لېكىن پۈتكۈل يىغىننى «ئۈچ كاتتىۋاش» دەپ نام ئالغان ئەنگلىيە ۋەزىرى لويد گېئورگې، فرانسىيە زۇڭلىسى كلېمانسو ۋە ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ۋىلسون قاتارلىق كىشىلەر كونترول قىلىۋالغانىدى. ئۇلار دائىم ئۆزئارا ئۇچرىشىپ، مەخپىي سۆھبەتلىشىپ، ھەممىنى ئاستىرتىن قارار قىلاتتى. يىغىن ۋىلسوننىڭ «14 نۇقتىلىق پرىنسىپى» نى ئاساس قىلغان بولسىمۇ، لېكىن بىرقانچە چوڭ دۆلەت ئۆزىنىڭ چوتىنى سوقۇپ، بىر - بىرى بىلەن توختىماي تالاش - تارتىش قىلىپ، يىغىننى كەينىگە سۈرۈۋەردى،1 - ئايدىن6 - ئايغىچە بەش ئايدىن ئارتۇق ۋاقىت سودىلىشىپ، كۈچلۈك دۆلەتلەر ۋاقتىنچە مۇرەسسە ھاسىل قىلىپ، «گېرمانىيىگە قارىتىلغان سۈلھى شەرتنامىسى»، يەنى «ۋېرسال سۈلھى شەرتنامىسى» نى ئىمزالىدى. پارىژ سۈلھى يىغىنى ئۇرۇشتا مەغلۇپ بولغان گېرمانىيىنى تالان - تاراج قىلىش يىغىنىدۇر. ۋېرسال سۈلھى شەرتنامىسىدە ئىنتايىن قاتتىق شەرتلەر بەلگىلەندى، گېرمانىيە زېمىنىنىڭ بىر قىسمىنى فرانسىيە، دانىيە ۋە بېلگىيە قاتارلىق دۆلەتلەرگە ئايرىپ بېرىش شەرت قىلىندى، ئۇلار شۇنىڭدا ئەسلىي زېمىننىڭ سەككىزدىن بىرىدىن، ئەسلىي ئاھالىسىنىڭ ئوندىن بىرىدىن مەھرۇم قالىدۇ. گېرمانىيە يەنە تۆلەم تۆلىشى شەرت ئىدى،1921 - يىل5 - ئاينىڭ1 - كۈنىدىن ئىلگىرى ئالدى بىلەن20 مىليارد مارك تۆلىشى كېرەك ئىدى، بۇ گېرمانىيە خەلقىگە ئېغىر ئاسارەت بولۇپ قالدى. بۇنىڭدىن باشقا، سۈلھى شەرتنامىدە يەنە گېرمانىيىنىڭ ھەربىي ھازىرلىقلىرى چەكلەندى. سۈلھى يىغىنىمۇ دۇنيادىكى مۇستەملىكە جايلارنى يېڭىۋاشتىن بۆلۈشۈۋېلىش يىغىنى بولدى. سۈلھى شەرتنامىدە: گېرمانىيە بارلىق مۇستەملىكىسىدىن ۋاز كېچىشى، ئۇرۇشتا غەلىبە قىلغان ئەنگلىيە قاتارلىق دۆلەتلەر بۇ يەرلەرنى يېڭىۋاشتىن تەقسىم قىلىشى كېرەكلىكى بەلگىلەندى. گېرمانىيىنىڭ ئىلگىرى جۇڭگونىڭ شەندۇڭ ئۆلكىسىنى تالان - تاراج قىلغان چاغدىكى جاھانگىرلىك ئىمتىيازىنى مۇزاكىرە قىلغاندا، يىغىن جۇڭگونىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە تەلىپىگە پىسەنت قىلماي، ئۇنى ياپونىيىگە ئۆتۈنۈپ بەردى، شۇنىڭ بىلەن «4 - ماي» ۋەتەنپەرۋەرلىك ھەرىكىتى قوزغالدى. سۈلھى يىغىنىدا يەنە زۇڭتۇڭ ۋىلسوننىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، سۈلھى شەرتنامىنىڭ1 - قىسمى بولغان «خەلقئارا بىرلەشمە ئىتتىپاق شەرتنامىسى» ماقۇللىنىپ، خەلقئارا بىرلەشمە ئىتتىپاق قۇرۇپ، «دۇنيا تىنچلىق» نى قوغداش قارار قىلىندى. پارىژ سۈلھى يىغىنى نامدا تىنچلىق يىغىنى بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە جاھانگىرلارنىڭ زاڭ بۆلۈشۈش يىغىنى بولۇپ قالدى. ئۇ ئۇرۇشتا غەلىبە قىلغان دۆلەتلەر بىلەن مەغلۇپ بولغان دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى، جاھانگىر دۆلەتلەر بىلەن مۇستەملىكىلەر ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتنى كەسكىنلەشتۈرۈۋەتتى، ئۇرۇشتا غەلىبە قىلغان دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىمۇ زاڭ بۆلۈشۈشنىڭ تەكشى بولماسلىقى تۈپەيلىدىن قاتمۇقات زىددىيەت كۆرۈلۈپ،2 - دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ ئاپەت يىلتىزى قېپقالدى.
← بارلىق تېمىلار خەلقارا يىغىنلار