UyghurWiki
UyghurWikiخەلقارا يىغىنلارۋاشىنگتون يىغىنى

ۋاشىنگتون يىغىنى

خەلقئارا يىغىنلار بۇ1 - دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن جاھانگىر دۆلەتلەر يىراق شەرق ۋە تىنچ ئوكياندىكى مۇستەملىكىلىرىنى قايتا بۆلۈشۈۋالىدىغان يىغىن ئىدى.1 - دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن يىراق شەرق بىلەن تىنچ ئوكيان جاھانگىر دۆلەتلەرنىڭ كەسكىن تالىشىدىغان رايونى بولۇپ قالدى. يىراق شەرق ئادەتتە ئاسىيانىڭ شەرقىي قىسمىدىكى تىنچ ئوكيانغا تۇتىشىدىغان جۇڭگو ۋە چاۋشيەن قاتارلىق رايونلارنى كۆرسىتىدۇ.1 - دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە ياۋروپادا ئۇرۇش ئوتى ھەممە يەرنى قاپلاپ كەتكەندە، ئەنگلىيە، ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ يىراق شەرققە چولىسى تەگمىدى، ياپونىيە مۇشۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ بۇ رايوندا ھە دەپ كېڭەيمىچىلىك قىلىپ، جۇڭگودا ئۈستۈنلۈككە ئېرىشتى. ئۇرۇشتىن كېيىن ئەنگلىيە بىلەن ئامېرىكا ئاسىياغا يېڭىۋاشتىن قايتىپ بېرىپ ياپونىيە بىلەن قارشىلاشتى، بۇ چاغدا جۇڭگو - ياپونىيە - ئامېرىكا زىددىيىتى ئەڭ كەسكىن بولدى. زىددىيەتنىڭ تۈگۈنىنىڭ بىرى جۇڭگونى تالىشىش ئىدى. يەنە بىر تۈگۈنى دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ ھەربىي ھازىرلىقلىرى ئىدى. ھەر ئىككى تەرەپ دېڭىز ئارمىيىسىنى غالجىرلىق بىلەن كېڭەيتتى، شۇ چاغدا ئۇرۇش خەۋىپى قىل ئۈستىدە تۇراتتى. كۈچلۈك دۆلەتلەر ئۇرۇش تەييارلىقىنى ئوبدان قىلمىغانلىقتىن، مۇھىم نۇقتا سۆھبەت ئۈستىلىگە يۆتكەلدى.1921 - يىلى11 - ئايدىن1922 - يىلى2 - ئايغىچە ئامېرىكا، ئەنگلىيە، فرانسىيە، ئىتالىيە، ياپونىيە، پورتۇگالىيە، بېلگىيە، گوللاندىيە ۋە جۇڭگو قاتارلىق توققۇز دۆلەت ئامېرىكىنىڭ پايتەختى ۋاشىنگتوندا خەلقئارا يىغىن ئېچىپ، يىراق شەرق ۋە تىنچ ئوكيان رايونى مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلدى. بۇ يىغىنىدا ئاساسلىقى جۇڭگو مەسىلىسى مۇزاكىرە قىلىنغانلىقتىن، جۇڭگومۇ تەكلىپ بىلەن يىغىنغا قاتناشتى، ئەمەلىيەتتە يىغىندا جۇڭگو كۈچلۈك دۆلەتلەرنىڭ بۆلۈشۈۋېلىش ئوبيېكتى ئىدى. يىغىندا ئاساسلىقى ئۈچ شەرتنامە ھاسىل قىلىندى. «تۆت دۆلەت شەرتنامىسى» دە: ئامېرىكا، ياپونىيە، ئەنگلىيە، فرانسىيە قاتارلىق تۆت دۆلەت بىر - بىرىنىڭ تىنچ ئوكيان رايونىدىكى مۇستەملىكە ھۆكۈمرانلىقىغا ھۆرمەت قىلىدۇ، ئەنگلىيە - ياپونىيە ئىتتىپاقى بىكار قىلىنىپ، ياپونىيە يېتىم قالدۇرۇلىدۇ، دەپ بەلگىلەنگەن؛ «بەش دۆلەت دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ شەرتنامىسى» دە: ئامېرىكا، ئەنگلىيە ۋە ياپونىيە دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ ئاساسىي پاراخوت تونناژىنىڭ نىسبىتى3 :5:5 بولىدىغانلىقى بەلگىلىنىپ، ياپونىيە دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ ئەمەلىي كۈچى چەكلەندى؛ «توققۇز دۆلەت ئەھدىنامىسى» دە «جۇڭگونىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكى ۋە مۇستەقىللىقىغا ھۆرمەت قىلىش» كېرەكلىكى بىلدۈرۈلدى، ئەمەلىيەتتە ياپونىيىنىڭ جۇڭگونى مۇستەقىل ئىگىلىۋېلىش قارا نىيىتىگە زەربە بېرىلىپ، بىرقانچە جاھانگىر دۆلەت جۇڭگونى ئورتاق ئىدارە قىلماقچى بولدى. ۋاشىنگتون يىغىنى ئامېرىكىغا پايدىلىق بولغان ۋەزىيەتتە، كۈچلۈك دۆلەتلەر ۋاقتىنچە تىل بىرىكتۈرۈپ، يىراق شەرق ۋە تىنچ ئوكيان رايونىنى، بولۇپمۇ جۇڭگونى بۆلۈشۈۋېلىشنى مەقسەت قىلدى. ئۇ ۋېرسال سۈلﮫ شەرتنامىسىنىڭ تولۇقلىمىسى بولسىمۇ، ياپونىيە - ئامېرىكا زىددىيىتىنى تۈگىتىش تۈگۈل، ئەكسىچە ياپونىيە - ئامېرىكا ئۇرۇشىنى يوشۇرۇپ قويدى.
← بارلىق تېمىلار خەلقارا يىغىنلار
ۋاشىنگتون يىغىنى | UyghurWiki | UyghurWiki