پوتسدام يىغىنى
خەلقئارا يىغىنلار
1945 - يىل7 - ئاينىڭ17 - كۈنى ئۇرۇشتا ئەمدىلا مەغلۇپ بولغان گېرمانىيە پايتەختى ئەتراپىدىكى پوتسدامدا سوۋېت ئىتتىپاقى، ئەنگلىيە، ئامېرىكا باشلىقلىرىدىن ستالىن، چېرچىل ۋە ئامېرىكىنىڭ يېڭىدىن تەيىنلەنگەن زۇڭتۇڭى ترۇمېن2 - دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە ئاخىرقى قېتىم ئۇچراشتى. يىغىن ئارىلىقىدا ئەنگلىيىدە چوڭ سايلام ئۆتكۈزۈلدى، يېڭى سايلانغان باش ۋەزىر ئاتتىلى چېرچىلنىڭ ئورنىغا چىقتى.
فاشىزمغا قارشى ئۇرۇش ئاخىرلىشايلا دەپ قالغانلىقتىن، ئورتاق دۈشمەننى مەغلۇپ قىلىشنى مەقسەت قىلغان ھەمكارلىقنىڭ ئاساسىمۇ قالمىدى، شۇنىڭ بىلەن ئۈچ دۆلەت ئۆز دۆلىتىنىڭ ئۇرۇشتىن كېيىنكى مەنپەئىتىنى تېخىمۇ كۆپرەك ئويلايدىغان بولۇپ، تەدرىجىي ھالدا ھەمكارلىشىشتىن توقۇنۇشۇشقا قاراپ ماڭدى. بولۇپمۇ سوۋېت ئارمىيىسى ئازاد قىلغان شەرقىي ياۋروپادا بىر قاتار خەلق دېموكراتىيە دۆلەتلىرى مەيدانغا كەلدى، بۇ دۆلەتلەر سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ بىخەتەرلىك ۋە مەنپەئىتىگە پايدىلىق ئىدى، ئەمما ئامېرىكا بىلەن ئەنگلىيە ئۇرۇشتىن كېيىنكى دۇنياغا زومىگەرلىك قىلىش ھوقۇقىنى تالىشىپ، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ تەسىرىنىڭ كېڭىيىپ كېتىشىنى كۈچىنىڭ بارىچە توستى. شۇڭا، بۇ قېتىمقى17 كۈن داۋاملاشقان يىغىندا كەسكىن تالاش - تارتىش ۋە تىغمۇتىغ تاقابىل تۇرۇش ئەھۋالى توختىماي كۆرۈلدى. چۈنكى ئامېرىكا يەنىلا سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ياپونغا قارشى ئۇرۇش قىلىشىغا موھتاج ئىدى، سودىلىشىش ئارقىلىق يىغىندا يەنىلا بەزى كېلىشىملەر ھاسىل قىلىنىپ، گېرمانىيىنى ئىدارە قىلىش ۋە ياۋروپا زېمىنىنى ئۆزگەرتىش قاتارلىق مەسىلىلەر ھەققىدە كونكرېت بەلگىلىمە چىقىرىلدى. مەسىلەن، گېرمانىيىنى قورالسىزلاندۇرۇش، دېموكراتىيە ئاساسىدا گېرمانىيىنىڭ سىياسىي تۇرمۇشىنى يېڭىۋاشتىن بەرپا قىلىش، پولشانىڭ غەربىي چېگرىسىنى دەسلەپكى قەدەمدە بېكىتىش قاتارلىقلار. لېكىن، بىرمۇنچە مەسىلىلەر ھەقىقىي ھەل قىلىنمىدى، پەقەت ۋاقتىنچە مۇرەسسە ھاسىل قىلىندى، يىغىن ئارىلىقىدا جۇڭگو، ئامېرىكا، ئەنگلىيە قاتارلىق دۆلەتلەر7 - ئاينىڭ26 - كۈنى «پوتسدام ئاخباراتى» نى ئېلان قىلىپ، ياپونىيىنى دەرھال شەرتسىز تەسلىم بولۇشقا ئۈندىدى.
بۇ يىغىن گېرمانىيە مىللتارىزمىنىڭ قايتا تىرىلىش خەۋپىنى يوقىتىش، ياپونىيىنى تەسلىم بولۇشقا ئۈندەش،2 - دۇنيا ئۇرۇشىنى تېزدىن ئاخىرلاشتۇرۇشتا مۇھىم رول ئوينىدى. يىغىندا ئاشكارىلانغان ئەنگلىيە، ئامېرىكا بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقى ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت يەنىمۇ كەسكىنلىشىپ، ئۇرۇشتىن كېيىنكى دۇنيا تارىخىنىڭ تەرەققىياتىغا تەسىر كۆرسەتتى.