UyghurWiki
UyghurWikiخەلقارا يىغىنلارگېنويە يىغىنى

گېنويە يىغىنى

خەلقئارا يىغىنلار 1917 - يىلىدىكى روسىيە ئۆكتەبىر سوتسىيالىستىك ئىنقىلابىنىڭ غەلىبىسى كاپىتالىزم دۇنياغا خوجا بولىدىغان ۋەزىيەتنى بۇزۇپ تاشلىدى. ئەنگلىيە، فرانسىيە، ئىتالىيە، ياپونىيە قاتارلىق جاھانگىر دۆلەتلەر بۇنىڭغا چىش - تىرنىقى بىلەن غەزەپلىنىپ، تىل بىرىكتۈرۈپ سوۋېت روسىيىسىگە قوراللىق ئارىلاشتى. لېكىن، قىسقىغىنە بىرقانچە يىلدىن كېيىنكى1922 - يىلى4 - ئايدىن5 - ئايغىچە چىشىنى بىلەپ تۇرغان ھەم زادىلا چىقىشالمايدىغان ئىككى تەرەپتىكى34 دۆلەت ئىتالىيىنىڭ گېنويە (ژېنوۋا) شەھىرىدە يىغىن ئېچىپ، ئىقتىسادىي مەسىلىلەرنى ئورتاق مۇزاكىرە قىلدى. ئەسلىدە جاھانگىرلارنىڭ قوراللىق ئارىلىشىشى ياش سوۋېت روسىيىسىنى ئاغدۇرۇۋېتەلمىدى، لېكىن ئۇلار نەزىرىنى سوۋېت روسىيىسىدىن ئىبارەت بۇ بىپايان بازارغا تىكىپ، سوۋېت روسىيىسى بىلەن تىجارەت قىلىشقا تەقەززا بولدى. ئۇزاق مۇددەتلىك ئۇرۇش بۇزغۇنچىلىقىنى يەتكۈچە تارتقان سوۋېت روسىيىسى ئىقتىسادىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە راۋاجلاندۇرۇش، يۇقىرىقى دۆلەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنىمۇ تىرىشىپ ياخشىلاش مەقسىتىدە، ئىجتىمائىي تۈزۈمى ئوخشاش بولمىغان دۆلەتلەر بىلەن تىنچلىقتا بىللە تۇرۇش پرىنسىپىنى تۈزۈپ چىقتى. بۇ ئۆزگىرىشلەر ئىككى تەرەپنىڭ بىر يەرگە كېلىشى ئۈچۈن ئاساس سېلىپ بەردى. يىغىندا ئەنگلىيە، فرانسىيە قاتارلىق دۆلەتلەر ياۋۇز نىيىتىدىن يانماي، سوۋېت روسىيىسى چارروسىيە ۋاقتىدىكى قەرزىنى تۆلىشى كېرەك دېگەندەك بىرمۇنچە نامۇۋاپىق تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، سوۋېت روسىيىسىنى ئىقتىسادىي جەھەتتە داۋاملىق تالان - تاراج قىلماقچى بولدى. بۇنى سوۋېت روسىيىسى ۋەكىللىرى قەتئىي رەت قىلدى. شۇنىڭ بىلەن يىغىن ھېچقانداق بىۋاسىتە ئۈنۈم ھاسىل قىلالمىدى. لېكىن، كاپىتالىستىك دۆلەتلەر ئارىسىدا زىددىيەت مەۋجۇت ئىدى.1 - دۇنيا ئۇرۇشىدا مەغلۇپ بولغان گېرمانىيە يىغىنغا قاتناشقان بولسىمۇ، ئەنگلىيە، فرانسىيىنىڭ بېسىمى ۋە سوغۇق مۇئامىلىسىگە ئۇچرىغانلىقتىن، ئۆزىنىڭ خەلقئارادىكى ئورنىنى ياخشىلاشنى ئۈمىد قىلدى. سوۋېت روسىيىسىنىڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى بۇ پەيتنى قولدىن بەرمەي، يىغىن سىرتىدا بۆسۈش ھاسىل قىلدى،1922 - يىل4 - ئاينىڭ16 - كۈنى گېرمانىيە بىلەن «راپاللو شەرتنامىسى» ئىمزالاپ، ئىككى دۆلەتنىڭ دىپلوماتىيە مۇناسىۋىتىنى ئەسلىگە كەلتۈردى، شۇنىڭ بىلەن ئۇلارغا ئەڭ مەنپەئەتدار دۆلەت تەمىناتى بېرىلىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي باردى - كەلدىسى قويۇقلىشىپ، كاپىتالىزمنىڭ سوۋېت روسىيىسىنى يېتىم قالدۇرىدىغان بىرلىك سېپى بۇزۇپ تاشلاندى. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن كاپىتالىستىك دۆلەتلەر سوۋېت روسىيىسى بىلەن كەينى - كەينىدىن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتتى.
← بارلىق تېمىلار خەلقارا يىغىنلار
گېنويە يىغىنى | UyghurWiki | UyghurWiki