بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ كاتىباتلار باشقارمىسى
خەلقئارا تەشكىلاتلار
كاتىباتلار باشقارمىسى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ھەرقايسى ئاپپاراتلىرىنىڭ مەمۇرىي كاتىبات ئىشلىرى ئورگىنى بولۇپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ھەرقايسى ئاپپاراتلىرى تاپشۇرغان ۋەزىپىلەرنى ئىجرا قىلىدۇ.
كاتىباتلار باشقارمىسىدا بىر نەپەر باش كاتىپ، بىرقانچە نەپەر مۇئاۋىن باش كاتىپ، ياردەمچى كاتىپ تەسىس قىلىنغان. باش كاتىپ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئاساسلىق مەمۇرىي ئەمەلدارى بولۇپ، ئۇنى خەۋپسىزلىك كېڭىشى كۆرسىتىدۇ. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يىغىنى ۋەزىپىگە تەيىنلەيدۇ. ھەر قېتىملىق ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى بەش يىل بولۇپ، ئۇدا ۋەزىپە ئۆتەشكە بولىدۇ. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى قۇرۇلغاندىن بۇيان، ئالتە باش كاتىپ ۋەزىپە ئۆتىدى. ھازىر ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان باش كاتىپ ئەننان بولۇپ، ئۇ گانا جۇمھۇرىيىتىدىن. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىكى ئەڭ پائالىيەتچان، ئەڭ ئالدىراش نوپۇزلۇق شەخس.
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ھەر نۆۋەتلىك
باش كاتىپلىرى