UyghurWiki
UyghurWikiخەلقارا تەشكىلاتلار77 دۆلەت گۇرۇھى

77 دۆلەت گۇرۇھى

خەلقئارا تەشكىلاتلار 77 دۆلەت گۇرۇھى تەرەققىي قىلىۋاتقان77 دۆلەت ۋە رايوندىن تەشكىل تاپقان خەلقئارا تەشكىلات. تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر ئۆز دۆلىتىنىڭ مەنپەئىتىنى قوغداش، جاھانگىرلىكنىڭ ئېكسپىلاتاتسىيىسى ۋە تالان - تاراج قىلىشىغا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن،1964 - يىلى1 - نۆۋەتلىك بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ سودا ۋە تەرەققىيات يىغىنى مەزگىلىدە، تەرەققىي قىلىۋاتقان77 دۆلەت ۋە رايون «77 دۆلەت بىرلەشمە خىتابنامىسى» نى ئېلان قىلىپ، «77 دۆلەت گۇرۇھى» نى بارلىققا كەلتۈردى. شۇنىڭدىن بۇيان77 دۆلەت گۇرۇھىنىڭ ئەزالىرى ئۈزلۈكسىز كۆپىيىپ، ھازىر130 دۆلەت ۋە رايونغا يەتتى. بىراق، يەنىلا77 دۆلەت گۇرۇھى دېگەن نامنى قوللىنىپ كېلىۋاتىدۇ. بۇ تەشكىلاتنىڭ مەقسىتى يەر شارى خاراكتېرلىك ئىقتىسادىي يىغىنلارغا قاتنىشىشتىن ئىلگىرى ئەزا دۆلەتلەر مەيدانىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش، ئورتاق تاقابىل تۇرۇش سىياسىتى ئۈستىدە مەسلىھەتلىشىش، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق ئارزۇسىنى ئىپادىلەشتىن ئىبارەت.77 دۆلەت گۇرۇھى قۇرۇلغاندىن بۇيان، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ بىرمۇنچە خىتابنامە ۋە پروگراممىلارنى ئېلان قىلىپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ خەلقئارا ئىشلاردىكى ھوقۇقسىز ئورنىنى ئۆزگەرتىپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ خەلقئارا ئىشلارغا يەنىمۇ تولۇق، ئۈنۈملۈك قاتنىشىشىنى پائال قولغا كەلتۈردى. ئىقتىسادىي جەھەتتە، دۇنيا ئىقتىسادىدا ئىشلەپچىقىرىش، ئىستېمال ۋە سودا ئەندىزىسىنى ئۆزگەرتىش، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر بىلەن تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى باراۋەرسىزلىك ئاساسىدا شەكىللەنگەن ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتنى بۇزۇپ تاشلاش، ئادىل، مۇۋاپىق خەلقئارالىق ئىش تەقسىماتىنى بەرپا قىلىشنى پائال تەلەپ قىلدى. ئۇ يەنە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ يېڭى خەلقئارا تەرەققىيات ئىستراتېگىيىسىنى ماقۇللىشىنى ۋە يەر شارى خاراكتېرلىك جەنۇب - شىمال سۆھبىتىنى قايتىدىن باشلاش توغرىسىدا بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلىشنى تەشەببۇس قىلدى.77 دۆلەت گۇرۇھى خەلقئارا ئىقتىساد ساھەسىدە جاھانگىرلىككە، مۇستەملىكىچىلىككە، زومىگەرلىككە قارشى تۇرۇشتىكى مۇھىم كۈچ ھېسابلىنىدۇ.
← بارلىق تېمىلار خەلقارا تەشكىلاتلار
77 دۆلەت گۇرۇھى | UyghurWiki | UyghurWiki