كونتادورا گۇرۇھى ۋە لىما گۇرۇھى
خەلقئارا تەشكىلاتلار
1983 - يىلى1 - ئايدا ئوتتۇرا ئامېرىكىدىكى مېكسىكا، ۋېنسۇئېلا، كولۇمبىيە ۋە پانامادىن ئىبارەت تۆت دۆلەتنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى پانامانىڭ كونتادورا ئارىلىدا يىغىن ئېچىپ، «ئوتتۇرا ئامېرىكا توقۇنۇشىنى تىنچ ھەل قىلىش» تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويدى. كېيىن تۆت دۆلەتنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى دائىم كوللېكتىپ ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئوتتۇرا ئامېرىكىدىكى دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت ۋە توقۇنۇشنى تىنچىتقانلىقتىن، «كونتادورا گۇرۇھى» دەپ ئاتالغان. بۇ گۇرۇھ ئوتتۇرا ئامېرىكا مەسىلىسىنى ئوتتۇرا ئامېرىكا خەلقىنىڭ ئۆزلىرى ھەل قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئالاقىدار دۆلەتلەرنىڭ بىرلىكتە ئولتۇرۇپ باراۋەرلىك ئاساسىدا مەسلىھەتلىشىپ، مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرنى تىنچ ھەل قىلىشنى مۇراجىئەت قىلغانلىقتىن، لاتىن ئامېرىكىسىدىكى دۆلەتلەر ۋە دۇنيا خەلقىنىڭ قوللاپ - قۇۋۋەتلىشىگە ئېرىشتى.1985
- يىلى7 - ئايدا، ئارگېنتېنا، برازىلىيە، پېرۇ ۋە ئۇراگۋايدىن ئىبارەت تۆت دۆلەت پېرۇنىڭ پايتەختى لىمادا «كونتادورا گۇرۇھىنى قوللايدىغان» «لىما گۇرۇھى» بولۇپ تەشكىللىنىپ، كونتادورا گۇرۇھىنىڭ ياردەمچى كۈچى بولۇپ قالدى. كونتادورا گۇرۇھىنىڭ پائالىيىتى دائىم ئامېرىكىنىڭ توسقۇنلۇق قىلىشىغا ئۇچرىغاچقا، لىما گۇرۇھى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئوتتۇرىغا چىقىپ ئۇنىڭغا مەدەت بەردى. شۇ يىلى8 - ئايدا ئىككى گۇرۇھتىكى سەككىز دۆلەتنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى كولۇمبىيىدە بىرىنچى قېتىم بىرلەشمە يىغىن ئېچىپ، ئوتتۇرا ئامېرىكا دۆلەتلىرى ئوتتۇرىسىدىكى مەسىلىلەرنى تىنچ ھەل قىلىش ئۈچۈن تۇنجى قېتىم رەسمىي ھەمكارلاشتى.1987 - يىلى8 - ئايدا، ئىككى گۇرۇھ «رىئو دې ژانېيرو گۇرۇھى» بولۇپ بىرلەشكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.